ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يەر تەۋرەش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « زەلزەلە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە » ( 1 ).
بۇ يەر تەۋرەش بىر شەھەر، بىر رايون ياكى بىر قىتئە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىق بولۇپ، بۇ قۇرئاندا « ئاخىرقى ۋاقىتتىكى يەر تەۋرەش » دەپ ئاتالغان. بۇ سۈرىدىن باشقا، قۇرئاندا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سۈرە بار. قۇرئاندا ئىسمى ئىلاھى بارلىققا كېلىش ۋە بۇزۇلۇش ھەقىقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۇخان، جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققە، قىيامەت، نەبە، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، قارىئە ۋە فەلەق قاتارلىق 14 سۈرە بار.
مۇسھەبلەردە ۋە دەسلەپكى قۇرئان تەپسىرلىرىدە « زەلزەلە » ياكى « زىلزال » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
بۇخارى ۋە تىرمىزىدا تىلغا ئېلىنغان رىۋايەتلەردىن ساھابىلەرنىڭ « ئىزازۇل زىلەت » دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەزكۇر سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە تېمىسى بۇنى ئېنىق كۆرسەتمەكتە. ئىبنى مەسئۇد، ئىبن ئابباس، مۇجاھىت، قەتادە ۋە زەھھاك قاتارلىق ساھابىلەر مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ. بەغەۋى، ئىبن كەسىر ۋە نىسابۇرى قاتارلىق مۇپەسسىرلەرمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ. سۈرىدە ئاخىرەت بايان قىلىنغان. مەزمۇن جەھەتتىن مەزكۇر سۈرىگە ئوخشايدىغان قارىئە، زارىئات، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، تەكاسۇر، ئادىيات، فەجر، نازىئات، مۇرسەلات، نەبە، قىيامەت، مەئارىج، ھاققە ۋە ۋاقىئە قاتارلىق سۈرىلەر بىلەن ئوخشاش بىر كاتېگورىيىگە قويۇشقا بولىدۇ.
مەزكۇر سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدرى ۋەقەسىنى ئاساس قىلماقتا. بۇ ساھابە رەسۇلۇللاھتىن « قىلغان چوڭ - كىچىك ھەممە ئىشلىرىمنى كۆرەمدىم؟ » دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ « شۇنداق » دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: « ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! » دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا مائىدە سۈرىسىنىڭ 9 - ئايىتى بىلەن تەسەللى بەرگەن ( ئىبن ئەبۇ ھاتەم ).
بۇ رىۋايەت مەزكۇر سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مەزكۇر سۈرىنىڭ ئەبۇ سەئىدنىڭ ئېڭىغا نازىل بولغان ۋاقتىنى ھەتتا ساھابىنىڭ قۇرئانغا ئىزچىل نازىل بولۇپ تۇرغان ئىلاھى خەۋەر سۈپىتىدە قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
گەرچە مەزكۇر سۈرىنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق شەكىلدە كۆرسەتكىلى بولمىسىمۇ، دەۋەتنىڭ 4 - يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرىدە ئاخىرەت ۋە ئىلاھىي ئادالەت ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، خۇددى « ئەي ئىنسان! ئاللاھ تەئالادىن ھېچقانداق نەرسىنى يوشۇرالمايسەن! يەر يۈزىنىڭ ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈشكە قادىر بولغان ئاللاھ تىن بىر نەرسىنى يوشۇرالمايسەن! زېمىننى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى بايان قىلدۇرغان ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى بىر تەسەۋۇۇر قىلىپ باق! » دەيدۇ:
إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا (1) وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا (2) وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا (3) يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا (4) بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَى لَهَا (5) يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ (6)
«زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە (1)، (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى چىقارغاندا (2)، (بۇنى كۆرگەن) ئىنسان (ھۇدۇقۇپ) «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەندە (3)، ئەنە شۇ كۈندە زېمىن رەببىڭنىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىشى بىلەن (زۇۋانغا كېلىپ بەندىلەر تەرىپىدىن ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى-يامان ھەممە ئىش-ھەرىكەتلەرنى) سۆزلەيدۇ (4)-(5). ئۇ كۈندە خالايىق قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ-توپ بولۇپ (قەبرىلىرىدىن مەھشەرگاھقا) چىقىدۇ (6).»
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار نەزەردە تۇتۇلغاندا، شۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ:
فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ (7) وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ (8)
« كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا، ئۇنى كۆرىدۇ (7). كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا، ئۇنى(مۇ) كۆرىدۇ (8).»
سۈرە گەرچە قىسقا بولسىمۇ سەككىز نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ قۇرئان بالاغىتىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى. ۋەھىينىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، ئىنسان تىلىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنى خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىش. بۇ ئىلاھىي شەپقەت ئالدىدا بىز ئىنسانلار قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش بار. يەنى:
ئى مەرھەممىتى چەكسىز بولغان رەببىم! ساڭا لايىق شەكىلدە شۈكۈر قىلىشتا ئاجىزمىز، شۈكرىمىزنى قوبۇل قىلغايسەن!