سۈرە بەييىنە
سۈرە بەييىنە 1-ئايەت
لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّى تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ئۆزلىرىگە پاك سەھىپىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەلچىدىن ئىبارەت روشەن دەلىل يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ (ناتوغرا دىنلىرىدىن) ئايرىلمدى (1)-(2).
سۈرە بەييىنە 2-ئايەت
رَسُولٌ مِّنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُّطَهَّرَةً
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ئۆزلىرىگە پاك سەھىپىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەلچىدىن ئىبارەت روشەن دەلىل يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ (ناتوغرا دىنلىرىدىن) ئايرىلمدى (1)-(2).
سۈرە بەييىنە 3-ئايەت
فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
ئۇ سەھىپىلەردە قىممەتلىك يازمىلار بار (3).
سۈرە بەييىنە 4-ئايەت
وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ
(ئىلگىرى) كىتاب بېرىلگەن (يەھۇدىيلار ۋە ناسارا) لەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن ئاندىن گوروھلارغا بۆلۈنگەن (4).
سۈرە بەييىنە 5-ئايەت
وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
ھالبۇكى ئۇلارغا بۇيرۇلغىنى دىننى ئاللاھقىلا خاس قىلغان ئاساستا شېرىكتىن ئۇزاق تۇرۇپ ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش، نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىش ۋە زاكاتنى بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر (5).
سۈرە بەييىنە 6-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أُولَئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار ھەقىقەتەن دوزاخقا (دۇچار بولۇپ) ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار بارچە مەخلۇقاتنىڭ ناچىرىدۇر (6).
سۈرە بەييىنە 7-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلانى قىلغانلار- ئەنە شۇلار بارچە مەخلۇقاتنىڭ ياخشىسىدۇر (7).
سۈرە بەييىنە 8-ئايەت
جَزَاؤُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا رَّضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ
ئۇلارنىڭ رەببى دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى مەڭگۈلۈك بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدىن جەننەتلىرىدۇركى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇ (مۇكاپات) رەببىدىن ئەيمەنگەن كىشلەر ئۈچۈندۇر (8).
Flag Counter