ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قەدىر- قىممەت، ئۆلچەم » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قەدر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« بىز ئۇ( قۇرئان)نى ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسىدە (چۈشۈرۈشكە) باشلىدۇق » ( 1 ).
قەدر- بىر نەرسىنىڭ مىقدارىنى، قىممىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان قەدر، قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان مەزكۇر كېچىگە قوشقان قەدىر - قىممەتنى ئىما قىلماقتا. بۇ مەنا مەزكۇر سۈرىدە ناھايىتى روشەن ھالدا ئىپادىلەنگەن: « مىڭ ئايدىن ئارتۇق كېچە ». يەنى، « بىر ئۆمۈرگە تەڭ كېلىدىغان كېچە ».
سۈرە بارلىق مۇسھەب، تەپسىر ۋە ھەدىسلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرە نۇبۇۋۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە « ئەبەسە » سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بۇ، سۈرىنىڭ ئەڭ بالدۇر دېگەندە رىسالەتنىڭ 4 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى قۇرئان ۋەھىينىڭ قەدر- قىممىتى ھەققىدە بولۇپ، سۈرە بارلىق خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا: « ئەي ئىنسان! قۇرئان - ۋەھىي نازىل بولۇشقا باشلىغان بىر كېچىنى بىر ئۆمۈرگە ( مىڭ ئاي تەخمىنەن 83 يىل تۆت ئايغا توغرا كەلمەكتە ) تەڭ ھۆرمەتكە ئىگە قىلدى. مانا بۇ ۋەھىي سېنىڭ ھاياتىڭغا نازىل بولۇپ، ئۆزىنى سەندە نامايەن قىلىشقا باشلىسا، سېنىڭ ئۆمرۈڭ قانچە ئۆمۈرگە تەڭ بولار؟ » دېمەكتە.
مەزكۇر سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « كېچە » خاس ھالدا ۋەھىي نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچىنى كۆرسەتمەكتە.
إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ (1) وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ (2) لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ (3)
« بىز ئۇ( قۇرئان)نى ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسىدە (چۈشۈرۈشكە) باشلىدۇق (1). قەدىر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ (2). قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر (3). »
بۇ كېچە ئىما قىلغان يەنە بىر ھەقىقەت جاھالەتنىڭ زۇلمەتلىك كېچىسى بولۇپ، نۇرىنى ئاللاھ تەئالادىن ئالغان « قۇرئان تولۇن ئېيى » بۇ كېچىنى يورۇتقانىدى.
مەزكۇر سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر « كېچىگە » ئوخشىتىلغان بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. دۇنيا ھاياتىنى بىر كېچە دېسەك، ئاخىرەت بۇ كېچىنىڭ تاڭ سەھىرى. ئىنسان ئىلاھىي يېتەكچىلىك بولماي تۇرۇپ، بۇ ھايات سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ۋەھىي ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن يول خەرىتىسى بولۇپ، ئىنسانغا توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. « يېقىن » دەپ تىلغا ئېلىنغان ئاخىرەت سۈبھىسى يېتىپ كەلگەندە ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. لېكىن، دۇنيا ھاياتىدا ھەقىقەتكە كۆزىنى ئېتىۋالغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.
مانا بۇ ۋەھىي، دۇنيا كېچىسى ئاخىرلىشىپ تاڭ ئاتقىچە ئەبەدىي ھوزۇر، خاتىرجەملىك ۋە شادلىقنىڭ يېتەكچىسىدۇر، رېتسىپىدۇر.
تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ (4) سَلَامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ (5)
« پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئۇ كېچىدە رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەر ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ (4). ئۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئامان-ئېسەنلىكتۇر (5).
ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشىنىش ۋە ياشاش پەسلى ئاخىرلىشىپ، كۆرۈش ۋە ھوسۇلنى يىغىش پەسلى باشلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بىزنى بۇ دۇنيادا ھايات ئېكىنزارلىقىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەجىر قىلغان ۋە ھوسۇل زامانىدا ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى بىلەن مول ھوسۇل ئالغۇچىلار قاتارىدىن قىلغاي! ( ئامىن!!! ).