ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
بۇ سۈرىگە 2 - ئايىتىگە ئاساسەن « ئەلەق » دەپ ئىسىم قويۇلغان:
« (ئىي مۇھەممەت!) ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن (1)-(2).»
ئەلەق، ئىنساننىڭ ئۆزگىچىلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا « ئالاقىدار بولۇش، كۆڭۈل بۆلۈش، مېھرى - مۇھەببەت » مەنىسىنى، تۆرەلمە ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپى نەزەردە تۇتۇلغاندا « بالاياتقۇغا چۈشكەن تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى ھالىتى، ھۈجەيرە » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار بۇ سۈرىنى بىرىنچى ئايىتى بىلەن تولۇق ئاتىغان.
سۈرىنىڭ كىرىشى، ھەقىقىي مەنىدە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى قېتىم نازىل بولغان ئايەتلىرىدۇر. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئەبۇ مۇسا رىۋايەتلىرىدە، ۋەھىي مەككىدە « ئىزدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھىرا » غارىدا، تەپەككۇر تولغىقى يەۋاتقان ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەتكە، فىل ۋەقەسىدىن تەخمىنەن 40 يىل كېيىنكى بىر رامىزان كېچىسىدە نازىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى بىلەن باشلانغان.
سۈرە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان مەككە شەھىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىدىكى سەبىر تېغىنىڭ يېنىدىكى ھىرا تېغىغا جايلاشقان ھىرا غارىدا نازىل بولغان. ھىرا غارى مەككىگە ھاكىم بىر ئېگىزلىكتە كەبىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر جايدا ئىدى. رەسۇلۇللاھتىن بۇرۇن، بۇ غاردا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىغا ئاساسەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چىققان بىردىنبىر كىشى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىبراھىم دىنىغا مەنسۇپ بولغان تاغىسى زەيد بىن ئامر بىن نۇفەيل ئىدى.
سۈرە نازىل بولغان ۋاقىتنى كۈنى بىلەن ئېنىق قىلىپ ئېيتالمىساقمۇ، تەخمىن قىلىش مۇمكىن. يەنى مىلادى 610 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى بىر دۈشەنبە كېچىسى نازىل بولغانلىق ئېھتىمالى يۇقىرى. بەيھەقى ۋەھىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئارقىمۇ - ئارقا كۆرۈلگەن چۈشلەرنىڭ ھىجرەتتىن 13 يىل مۇقەددەم بىر رەببىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا باشلانغانلىقىنى ۋە ئالتە ئاي داۋام قىلغانلىقىنى نەقىل قىلغان. بۇ تارىخ مىلادى 610 - يىلى فېۋرالغا توغرا كېلىدۇ. چۈشلەرنىڭ ئالتە ئاي داۋاملاشقانلىقىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تارىختىن ئالتە ئاي كېيىنكى ۋاقىت، شۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىغا توغرا كېلىدۇ. ۋەھىينىڭ تۇغۇلىشىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ئوخشاش بولغان دۈشەنبىگە توغرا كەلگەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كۈننى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن بىلىمىز.
بۇ ھەقتىكى سەھىھ رىۋايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: 40 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەتكە يالغۇزلۇق ياخشى كۆرگۈزۈلدى. ئۇ ھىرا تېغىدىكى ھىرا غارىدا ئۆزىنى تەپەككۇر ۋە ئىبادەتكە ئاتىدى. بىر كېچىسى تۇيۇقسىز ۋەھىي پەرىشتىسى كەلدى ۋە « ئوقۇ! » دېدى. ئۇ « مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن! » دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ بۇ مەزگىلگىچە ئوقۇپ - يېزىپ باقمىغانىدى ( ئەنكەبۇت، 48 )، رەسۇلۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: « پەرىشتە مېنى شۇنداق قاتتىق سىقتىكى مادارىم قالمىدى ». بۇ ئەھۋال ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى ( بۇخارى، بەدىئۇل ۋەھىي، 1: 1؛ مۇسلىم، ئىمان، 1:73 ). ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى نازىل بولدى ( ۋەھىينىڭ كېلىش شەكىللىرى ئۈچۈن شۇرا، 51 - ئايەتكە قاراڭ ).
23 يىللىق ۋەھىي جەريانىنىڭ تۇنجى كەلىمىسى « ئوقۇ ». بۇ بىر پېئىل بولۇپ، بىر ئىشنى « قىل! » بۇيرىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر بۇيرۇق بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى قېتىم نازىل بولغان بەش ئايەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىنساننىڭ « ئۆگىنىش » قابىلىيىتى بولۇپ، ۋەھىي بىلىمگە، ئىنساننىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى ۋە ۋاستىلىرىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن باشلانغان. ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىلىرىدىن بىرى توغرا بولغان بىلىمگە ئىگە بولۇش، يارىتىش ۋە يەتكۈزۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەلىم ۋە تەربىيىدۇر.
تۇنجى قېتىم نازىل بولغان بۆلەك ۋە سۈرىلەرنىڭ تېمىسى ئارىسىدىكى مەقسەتلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى مەنىلىك بولۇپ، ھەقىقىي بىر « كىرىش سۆز » بولغان فاتىھەنى مۇستەسنا دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئەڭ باشتا نازىل بولغان بەش تەرتىپ ۋە تېما تۆۋەندىكىچە:
ئەلەق سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى تەپەككۇر ۋە بىلىمنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى 11 ئايىتى ھېس - تۇيغۇ ۋە ئەخلاقنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئايىتى رول ۋە كېلەچەكنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
زۇھا سۈرىسى تەرغىپ ۋە ئىلھام بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىنشىراھ سۈرىسى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تۇنجى نازىل بولغان ئايەت، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسىمى بىلەن-ئاللاھ تەئالانىڭ نامىدىن ئوقۇشقا ئەمىردۇر. بۇ بۇيرۇق ئىسلامنىڭ شۇئارى بولغان بىسمىللاھتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
تۇنجى بەش ئايەت، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقەنىڭ باشلانغۇچى بولغان قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى بۆلىكىدۇر. بۇ بۆلەكتە ھەقىقەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىم، ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ يولى ۋە ئۇسلۇبى بايان قىلىنغان.
اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ (1) خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ (2) اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ (3) الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ (4) عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ (5)
« (ئىي مۇھەممەت!) ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن (1)-(2). ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن (يېزىشنى) ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئۇلۇغ زاتتۇر (3)-(5).»
بۇ بەش ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتلەر ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نازىل بولغان. بۇ قۇرئان دەۋىتىگە كۈچ ئىشلىتىپ ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلىغان 3 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ سۈرىنى « پالانى ۋاقىتتا نازىل بولدى » دېيىش، ئۇ سۈرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ بەش ئايەتتىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە، ئاللاھ تەئالا ۋەھىي ئەۋەتىش بىلەن كۆڭۈل بۆلگەن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئاجىزلىقى تىلغا ئېلىنغان:
كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَى (6) أَنْ رَآَهُ اسْتَغْنَى (7)
« ئەمەلىيەت شۇكى، ئىنسان ئۆزىنى (ئاللاھتىن) بىھاجەت چاغلىغانلىقى سەۋەپلىك ھەددىدىن ئاشىدۇ ( 6 - 7 ).»
ئىنسان ئازغان ۋاقتىدا ئىبادەتكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ:
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَى (9) عَبْدًا إِذَا صَلَّى (10) أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَى (11) أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَى (12) أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّى (13)
« بىر بەندە (يەنى مۇھەممەت) ناماز ئوقۇۋاتقاندا توسىغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ (9)-(10) دەپ باققىنا ئەگەر ئۇ (ناماز ئوقۇغۇچى بەندە) توغرا يول ئۈستىدە بولغان ياكى ئاللاھقا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ئۈندىگەن بولسىچۇ؟ (11)-(12). دەپ باققىنا، ئەگەر ئۇ (نامازدىن توسقۇچى ھەقنى) يالغانغا چىقارغان ۋە (توغرا يولدىن) يۈز ئۆرىگەن بولسىچۇ؟ (13). »
مانا بۇ چۈشەنچىنىڭ ئاستىدا كۆرمەيدىغان بىر ئاللاھ چۈشەنچىسى ياتىدۇ:
أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى
« ئۇ (ئادەم) ئۆزىنى ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ ؟ (14). »
سۈرە، خىتاب قىلىنغۇچىنى تەربىيلىگۈچى سۈپىتىنى نايامەن قىلغان ھالدا، تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن بىردەك بولغان بىر نەھىي-چەكلەش ۋە ئىككى بۇيرۇق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَاسْجُدْ وَاقْتَرِبْ