ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان لەۋزەن « ئەنجۈر - ئەنجۈر دەرىخى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەت - تىن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ئەنجۈر ۋە زەيتۇن بىلەن » ( 1 ).
ئەنجۈر ۋە زەيتۇن ئارقىدا كەلگەن ئايەتلەر دالالەت قىلغاندەك ئىككى ماكاننى سىمۋول قىلماقتا. ئەنجۈر ئارقىلىق نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توپان دىيارى بولغان شام دىيارىنى، زەيتۇن ئارقىلىق ئەيسا ئەلەيھىسسالام ۋەھىي ئالغان پەلەستىن دىيارى ئىما قىلىنغان بولسا كېرەك.
سۈرە ئىسمى بولغان ئەنجۈر، بىر مېۋىنىڭ ئىسمى بولۇشتىن كۆرە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولسا كېرەك.
تىرمىزىدا « ئەت - تىن » ئىسمى بىلەن، بۇخارىدا « ۋەت - تىن » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپىنىڭ ھەممىسىدە بۇرۇج ۋە قۇرەيش سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان.
.
سۈرە ئىنسان ۋىجدانى ئىلاھى ۋەھىي بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن تۆت جاي ئىما قىلىنغان ۋە لەبزى شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان ھالدا باشلانغان:
وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ (1) وَطُورِ سِينِينَ (2) وَهَذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ (3)
« ئەنجۈر ۋە زەيتۇن بىلەن (1)، سىنا تېغى بىلەن (2)، بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (3)، »
1. ئەنجۈر ياكى ئەنجۈر دەرىخى ۋەياكى چۆل ئەنجۈرى بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋەھىي ئالغان مۇبارەك جاينى سىمۋول قىلىدۇ. نۇھ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملار ئوخشاش بىر ماكاندا ۋەھىي ئالغان ( ئەنبىيا، 71؛ ئەئراف، 137 ).
2. زەيتۇن تېغى، زەيتۇن ياكى زەيتۇن دەرىخى بولسا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى بىنا قىلىنغان تاغ ۋە ھەزرىتى ئەيسا ۋەھىي ئالغان مۇبارەك ۋە مۇقەددەس قىلىنغان جاينى سىمۋول قىلىدۇ ( مائىدە، 21 ). ھەزرىتى ئىبراھىممۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ماكاندا ۋەھىي ئالغانىدى ( ئىسرا، 1 ).
3. سىنا تېغى: مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋەھىي ئالغان ۋە ئىككى قېتىم مۇبارەك قىلىنغان ماكاندۇر ( قەسەس، 30؛ تاھا، 12؛ نازىئات، 16 ). ئەگەر سىنا مۇستەقىل ھالدا تىلغا ئېلىنمىغان بولسا، مۇئمىن سۈرىسى 20 - ئايەتنىڭ دالالىتى بىلەن سىنا « زەيتۇن » دىيارى دائىرىسىگە كىرەتتى.
4. تىنىچ شەھەر: مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋەھىي ئالغان مۇبارەك جايدۇر ( ئالئىمران، 96 ).
شاھىت قىلىنىپ قەسەم قىلىنغان بۇ ماكانلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاندا « مۇبارەك » ۋە « مۇقەددەس » دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلار ماكانلارنىڭ بەرىكىتى ۋە مۇقەددەسلىكى ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ دىيارلاردا بولغان ۋەقەدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ جايلار « زېمىننىڭ ئەڭ شەرەپلىك جايلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شان - شەرىپى ئۇ ماكانلاردا بولغان ۋەقەنىڭ شان - شەرىپىدىن كېلىپ چىققان ». بۇ دىيارلارنىڭ تىلغا ئېلىنىپ قەسەم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ، خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ زېھنىنى ماددى نەرسىدىن مەنىۋى نەرسىگە ئاغدۇرۇش بولۇپ، بەئەينى « ئەي خىتاب قىلىنغۇچى! نازىل بولغان دىيارنى بۇنچە بەرىكەتلىك قىلغان ۋەھىي ئەگەر سېنىڭ ھاياتىڭغا نازىل بولسا ساڭا قىممەت قوشماسمۇ؟ سېنىڭ ئىززىتىڭنى يۇقىرى كۆتۈرمەسمۇ؟ » دېمەكتە. مانا بۇ سەۋەبتىن ۋەھىي ئەقىلگە مىراج قىلدۇرۇش ئۈچۈن نازىل بولغان.
بۇ مۇبارەك خىتابتىن كېيىن سۆز زېمىننىڭ روھى بولغان ئىنسانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى ئىنسانغا پەقەت ياراتقۇچىلا بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ:
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ (4) ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ (5)
« بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ نەپىس قۇرۇلمىدا ياراتتۇق (4). ئاندىن ئۇنى (ئىشلىگەن گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن) ئەڭ تۆۋەن(دەرىجە)گە قايتۇردۇق (5)؛ »
تاكاممۇللىشىش سەپىرىنى ئاخىرىلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كەتمەسلىككە تىرىشىۋاتقان، يولدا سەبىر بىلەن مېڭىۋاتقان، يولنىڭ ئىگىسىگە ئىشەنگەن-ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە مۇنداق خىتاب قىلىنىدۇ:
إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
« لېكىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش - ھەرىكەتلەردە بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا تۈگىمەس مۇكاپات بېرىلىدۇ (6). »
سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى خىتاب، ئىنسان بولۇشقا ئىنتىلگۈچى ھەر كىشىگە قارىتىلغان بولۇپ:
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ (7) أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ (8)
« شۇنداق تۇرۇپ تېخىچە سېنىڭ دىننى-ھېساب كۈنىنى يالغان دېيىشڭگە نېمە سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ (7). ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى ئەمەسمۇ؟ (8).»