سۈرە ئىنشىراھ
سۈرە ئىنشىراھ 1-ئايەت
أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
(ئى مۇھەممەت!) بىز سېنىڭ كۆكسىڭنى (قۇرئان ۋە ھىدايەت بىلەن) كەڭ-يورۇق قىلمىدۇقمۇ؟ (1)
سۈرە ئىنشىراھ 2-ئايەت
وَوَضَعْنَا عَنكَ وِزْرَكَ
بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق (2)–(3).
سۈرە ئىنشىراھ 3-ئايەت
الَّذِي أَنقَضَ ظَهْرَكَ
بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق (2)–(3).
سۈرە ئىنشىراھ 4-ئايەت
وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
سېنىڭ شان-شۆھرىتىڭنى يوقۇرى قىلدۇق (4).
سۈرە ئىنشىراھ 5-ئايەت
فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
ھەر بىر قىيىنچىلىق بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق بار (5).
سۈرە ئىنشىراھ 6-ئايەت
إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
شۇ قىيىنچىلىق بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار (6).
سۈرە ئىنشىراھ 7-ئايەت
فَإِذَا فَرَغْتَ فَانصَبْ
شۇڭا (بىر ئىشتىن) پارىغ بولغان چېغىڭدا (دەرھال) يېڭى بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغىن (7).
سۈرە ئىنشىراھ 8-ئايەت
وَإِلَى رَبِّكَ فَارْغَبْ
رەببىڭگىلا يۈزلەنگىن (8).
Flag Counter