سۈرە زۇھا
سۈرە زۇھا 1-ئايەت
وَالضُّحَى
چاشگاھ ۋاقتى بىلەن (1)،
سۈرە زۇھا 2-ئايەت
وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَى
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى (2)،
سۈرە زۇھا 3-ئايەت
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَى
(ئى مۇھەممەت!) رەببىڭنىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، (سەندىن) رەنجىگىنىمۇ يوق (3).
سۈرە زۇھا 4-ئايەت
وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ الْأُولَى
ئاخىرەت سەن ئۈچۈن ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر (4).
سۈرە زۇھا 5-ئايەت
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَى
رەببىڭ ساڭا كەلگۈسىدە (نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ. سەن خۇرسەن بولىسەن (5).
سۈرە زۇھا 6-ئايەت
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَى
ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ[1] پاناھلاندۇرمىدىمۇ؟ (6)
سۈرە زۇھا 7-ئايەت
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى
سېنى تېڭىرقىغان [2] كۆرۈپ ساڭا يول كۆرسەتمىدىمۇ؟ (7)
سۈرە زۇھا 8-ئايەت
وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَى
سېنىڭ مۇھتاجلىقىڭنى كۆرۈپ بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ [3] (8)
سۈرە زۇھا 9-ئايەت
فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
شۇڭا يېتىمغا قوپاللىق قىلما (9).
سۈرە زۇھا 10-ئايەت
وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
(ياردەم) ئىستىگۈچىنى-تىلەمچىنى سىلكىشلىمە (10).
سۈرە زۇھا 11-ئايەت
وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
رەببىڭنىڭ نېمىتىنى (داۋاملىق) ئەسلەپ تۇر (11).
Flag Counter