ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىنىڭ ئىسمى 1 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كېچە » مەنىسىدىكى « لەيل » سۆزىدىن ئېلىنغان:
« قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى!... » ( 1 ).
لەيل، قۇرئان تىلىدا ئىچىدىن يورۇتقىلى بولىدىغان قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېچىدىن قۇتۇلۇش شەرت ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئاي يورۇقى بۇنىڭ تىپىك دەلىلى.
يەنە شۇنداق بىر قاراڭغۇلۇق باركى، ئۇنى ئىچىدىن يورۇتقىلى بولمايدۇ. قۇرئان بۇ خىل قاراڭغۇلۇقنى « زۇلۇمات » دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بىرلىك شەكلى « زۇلۇم » بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇق كېچە قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىش لازىم، ئۇ خۇددى باتىلغا ئوخشايدۇ. باتىلنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، باتىلدىن قۇتۇلۇش لازىم. زۇلمەت بىلىنمىگەن ۋە كۆرۈنمىگەن نەرسە بولۇپ، كېچە جاھىلىيەت ئىنسانى نەزىرىدە ئىلاھقا ئوخشايدۇ. « جاھالەت »- ئىنسان قورقۇ ھېس قىلىدىغان بىر زامان تىلىمىدۇر. قۇرئان بۇ جاھىلىيەت چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ، كېچىنىڭمۇ ئاللاھ تەئالانىڭ بىر مەخلۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداق كېچىلەر باركى، مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىك بولۇپ، مانا بۇ كېچىدە قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى بولغان ئاللاھ تەئالا ئۈچۈن كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق.
سۈرە بەزى تەپسىرلەردە « ۋەللەيلى » دەپ ئاتالغان. بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ تېمىسى ۋە ئۇسلۇبى بۇنى دەلىللىمەكتە. سۈرىنى مەدىنىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەر باش قەھرىمانى ئەنسارلاردىن سابىت بىننى دەھداھ ئەل بەلەۋى بولغان بىر ئىنفاق ۋەقەسىنى 5 - 10 - ئايەتلەرنىڭ نۇزۇل سەۋەبى دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرا ئۇسلۇب ئەمەس. چۈنكى، يىللار ئىلگىرى نازىل بولغان سۈرە ياكى ئايەتلەر بىلەن يىللار كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقە ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇش، قۇرئان نەسلىنىڭ ۋەھىيگە بىر جانلىق خىتاب نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەملەر تەستىقلىمايدۇ.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە ئەئلا - فەجر سۈرىسىنىڭ ئارىسىدا ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ كېچىگە قەسەم قىلىش بىلەن باشلانغان تۇنجى سۈرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تىلغا ئېلىنغان كېچىنىڭ خىتاب قىلىنغۇچىغا مەلۇم ئىكەنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ال » قوشۇمچىسى بىلەن « اللَّيْلِ - ئەللەيل » دەپ تىلغا ئېلىنىشى ۋە شاھىت قىلىنغان ھالدا باشلىنىشى، مەزكۇر كېچىنىڭ خىتاب قىلىنغۇچى ( رەسۇلۇللاھ ) بىلىدىغان كېچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭ قۇرئان نازىل بولغان كېچە بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
سۈرە خىتاب قىلىنغۇچىدا مال - مۈلۈكنى قانداق سەرپ قىلىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. مال - مۈلۈك ئىنسانغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر ئامانەت بولۇپ، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. شاھىت بولۇش مۆمىننىڭ مەسئۇلىيىتىدىن بىرى. مەزكۇر سۈرە ئىككى جۈپ شاھىتنى گۇۋاھچى قىلىش بىلەن باشلايدۇ. بىرىنچىسى، مەخپىي ۋە ئاشكارا بېرىلگەن سەدىقىنى ئىما قىلغان كېچە ۋە كۈندۈزنى؛ ئىككىنجىسى، پېقىرلىق ۋە بايلىقنى ھاياتنىڭ قوشماق قۇتۇپلۇق قانۇنىيىتى ئىچىدە چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ مىزاننىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولغان ئەركەك - چىشىلىقنى شاھىت قىلىش بىلەن باشلىغان ( 1 - 3 ). بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى، خىزمەت ساھەسى ۋە دائىرىسىدىكى ئوخشاشماسلىقلارغا كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ. ئاندىن ئىنساننى مال - مۈلۈكنىڭ قۇلى ئەمەس، ئۇنىڭ خوجايىنى بولۇشقا چاقىرىدۇ ( 4 ).
فَأَمَّا مَنْ أَعْطَى وَاتَّقَى (5) وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَى (6) فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَى (7) وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَى (8) وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَى (9) فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَى (10) وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّى (11)
« (پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا) بەرگەن، ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولغان ۋە ياخشى-توغرانى راست دەپ بىلگەن ئادەمگە كەلسەك (5)-(6)، بىز ئۇنىڭغا ئاسانلىقنى مۇيەسسەر قىلىمىز (7). بېخىللىق قىلىپ (ئۆزىنى ئاللاھتىن) بىھاجەت ھېسابلىغان ۋە ياخشى-توغرانى يالغانغا چىقارغان ئادەمگە كەلسەك (8)-(9)، بىز ئۇنىڭغا قېيىنچىلىققا (ئاپىرىدىغان يولنى) مۇيەسسەر قىلىمىز (10). ئۇ دوزاخقا چۈشكەن چاغدا، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ (11). »
بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئىلتىپات قىلىنغان مال - مۈلۈكتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش ياكى بولماسلىقنىڭ ئەسىلىدە ئىنساننىڭ زېھنىدىكى ئاللاھ تەسەۋۋۇرى، ئاخىرەتكە ئىمان ۋە مەسئۇلىيەت ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ( بېرىلگەن نېمەتنى ) ئاللاھ تەئالا يولىدا سەرپ قىلغۇچىغا جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يول ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ ( 7 ). بۇ سەۋەبتىن مۆمىن شۇنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە تۆۋەندىكى ئاڭنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى لازىم:
ئاللاھ تەئالا بەندىدىن ھەرگىزمۇ ئېلىش ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
« توغرا يولنى كۆرسىتىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىشىمىز » ( 12 ) دېگەن ئاللاھ مال - مۈلۈك ئامانىتىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: « شۇڭا مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم » ( 14 ) دەيدۇ.
قولىدىكى مال - مۈلۈكتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، قارشى تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە بولۇش ۋە ياكى باشقا بىر نىيەت بىلەن بەھرىمان بولماسلىق كېرەك. بۇ « ھېساب ئەخلاقى »غا مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى، ۋەھىي خىتاب قىلىنغۇچىسىدا « ھاسبى ئەخلاق » ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن خالىسلىقتۇر. يەنى، پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىغۇبار رەۋىشتە بولىشى كېرەك.
الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّى (18) وَمَا لِأَحَدٍ عِنْدَهُ مِنْ نِعْمَةٍ تُجْزَى (19) إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَى (20)
« پاكلىنىش ئۈچۈن (خەير- ساخاۋەت يوللىرىغا) ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى بېرىدىغان تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان ئادەم ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ (17)-(18). (ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىق ۋە خەير-ساخاۋىتى) بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇشىنى كۆزلەپ ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ خۇرسەنلىكىنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن بولىدۇ (19)-(20).»
سۈرە دائىم ئەسكەرتىلىشى كېرەك بولغان ھەقىقەتلەرنى ئەسلەتكەن ھالدا ئاخىرلىشىدۇ.
ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىش ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە ھەسسىلەپ ئېلىشتۇر ( 21 ).