ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قۇياش » مەنىسىدىكى « شەمس » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى (1)، قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى (2).»
رەھمان سۈرىسىدە قۇياشنىڭ سەجدە قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، قۇياشنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش بولۇپ، بىرىنچى ئايەتتە قۇياشنىڭ شاھىتلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. ئەلۋەتتە، قۇياش ئالدى بىلەن نازىل بولۇش مۇھىتىدا ئۆزىنى ئىلاھلىق سۈپىتى بىلەن سۈپەتلىگەنلەرنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاندىن ھەر كۈنى چىققاندىن كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر نەرسىگە گۇۋاھچى بولىدۇ. قۇياش ۋە ئاينىڭ شاھىت بولىشى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ شاھىت بولىشى دېگەنلىكتۇر. كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ شاھىت بولىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەر قىلمىشىغا شاھىت بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
يىغىنچاقلىغاندا، ھېچكىم ئاللاھ تەئالادىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرالمايدۇ.
مەزكۇر سۈرە بۇخارىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
قۇرئاندا، يەر يۈزىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان « قۇياش » نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر سۈرىنىڭ بولىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قۇياش كۆيدۈرگۈچى ھارارىتى ۋە زەھەرلىك نۇرلىرى بىلەن جەلال سۈپەتلىرىنىڭ، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇشى بىلەن جەمال سۈپىتىنىڭ ئورتاق تەجەللىسى بولۇپ، نۇر ۋە نار ( ئوت )مۇ ئۆزىنى ئۇنىڭدا بىرلىكتە نامايەن قىلىدۇ.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ رېتىم ۋە مەزمۇن پۈتۈنلىكىگە قارىغاندا بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. سەمۇد قوۋمىنىڭ ھالاكىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بېرىلگەن ئاخىرقى بۆلىكى ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىلىك ئىنكارچىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئەزىيىتى ۋە زۇلۇمىنىڭ باشلانغان مەزگىلىنى ئىما قىلماقتا. بۇ مەزكۇر سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ 3 - 6 - يىللىرى ئارىسىدىكى دارۇل ئەرقەم يىللىرىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر سۈرە دەۋەتنىڭ 4 - يىلىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەزكۇر سۈرە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە بۇرج سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان.
سۈرىدە فەجر ۋە بەلەد سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغاندەك ئىنسان، ئۇنىڭ ئەبەدىي سائادىتى ۋە پالاكىتى بايان قىلىنغان.
سۈرىنىڭ قۇياش ۋە نۇرىنى قۇياشتىن ئالىدىغان ئاي شاھىت قىلىنغان ھالدا باشلىنىشى ( 1 - 2 )، بىر مەنىدە ئاللاھ ۋە ۋەھىينى سىمۋول قىلماقتا. قۇياش ماددىي ھايات ئۈچۈن نۇر ۋە ھاياتلىق مەنبەسى بولغاندەك، ئاللاھ ۋە ۋەھىيمۇ مەنىۋىي ھايات ئۈچۈن نۇر ۋە ھايات مەنبەسىدۇر. كېچىسى ۋە كۈندۈزى بىلەن يەر يۈزى قۇياش ۋە ئايغا شاھىت بولغاندەك، ئىنسان فىترىتىدىكى فۇجۇر ۋە تەقۋاسى بىلەن ئاللاھ تەئالاغا ۋە ۋەھىيگە شاھىتتۇر ( 3 - 8 ). بۇ ئايەتلەر بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى مۇنداق ئاخىرلاشقان:
قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا (9) وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا (10)
« نەپىسىنى (يامانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراق تۇتۇپ) پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرات-مەقسىتىگە يېتىدۇ (9). نەپىسىنى (يامانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتكە تولدۇرۇپ) كىرلەتكەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ (10). »
بۇ بۆلەكتە قۇياش، قۇياش نۇرى، ئاي، كۈندۈز، كېچە، ئاسمان، زېمىن ۋە ئىنساندىن ئىبارەت سەككىز شەيئىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىنغان.
بۇ سەككىز شەيئىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، گەرچە بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىلغان نەرسىلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوخشاش بولمىغان ماكان ۋە زامانلاردا بۇلارغا « ئىلاھ » لىق سۈپىتى بېرىلىپ چوقۇنۇلغان. بۇ ئارقىلىق بۇلاردىن ئالدىنقى ئالتىسى ئىنساننىڭ ئەمرىگە ( خىزمىتىگە ) بېرىلگەنلىكى ئەسلىتىلىدۇ. خىزمىتىگە بېرىلگەن نەرسىلەرگە ئاللاھ تەئالادىن مۇستەقىل ھالدا بىر « ئىلاھ » لىق سۈپىتى بېرىش خۇددى خۇجايىننىڭ خىزمەتكارى بولغان چاكىرىنى خۇجايىن ئورنىدا كۆرۈشتەك بىر ئىش خالاس.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە « زىيان تارتقۇچىلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ » دېگەن سوئالغا، سەمۇد قوۋمى دۇچار بولغان ئاقىۋەت مىسال قىلىنىش ئارقىلىق روشەن ھالدا جاۋاب بېرىلگەن ۋە خىتاب قىلىنغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان فەجر سۈرىسىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن سەمۇد قوۋمىنىڭ ئاقىۋىتى بۇ سۈرىدە بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. ئۇلار ۋەھىيدىن ئىلاھى نۇر ئېلىپ كەلگەن بىر ئاللاھ رەسۇلىنى يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلغانىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنى زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىپ، ئەبەدىي زىيان تارتقۇچىلاردىن بولغانىدى ( 11 - 15 ).