ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە مەككە كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان « جاي، يەر،شەھەر » مەنىسىدىكى « ئەل - بەلەد » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« (ياق) بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى » ( 1 ).
بەلەد كەلىمىسى بىلەن مەككە نەزەردە تۇتۇلغان. چۈنكى قۇرئاندا « ھازەل بەلەد » ئىپادىسى ئاساسەن مەككىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىپادە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەقسەتتە ئىبراھىم سۈرىسى 35 - ئايەت ۋە تىين سۈرىسى 3 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنماقتا. بەلەد ئىپادىسى بىلەن نەزەردە تۇتۇلغان مەككە ئىنسان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان جاي. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى بولغان ئىنساننىڭ زېمىندا تۇنجى مېمارچىلىق ھەرىكىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان تۇنجى ئۆي مانا بۇ ماكاندا بىنا قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا ئىنساننىڭ تۇنجى مېمارچىلىق پائالىيىتىنى « ئاللاھنىڭ ئۆيى » سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى « بەيتۇللاھ » دەپ ئاتىغان. بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى بولغان ھەج ئىبادىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئاتا يۇرتىغا قايتىشنى سىمۋول قىلماقتا.
سۈرە تەپسىر ۋە مۇسھەبلەردە « بەلەد » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇخارىدا « لا ئۇقسىمۇ » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە قاف - تارىق سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىپىدە 35 - قاتاردا، ئىبن ئابباس تەرتىپىدە 33 - قاتاردا ئورۇن ئالغان. قاف سۈرىسىنىڭ دەۋەتنىڭ 5 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلساق، بۇ سۈرىنىمۇ 5 - يىلدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىدا دەپ قاراش خاتا بولمىسا كېرەك. سۈرە نازىل بولغان مەزگىل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېغىر كۈنلەر باشلىغان دەۋر ئىدى. مەككە مۇشرىكلىرى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان مۆمىنلەر ئىچىدىكى قۇل ۋە يوقسۇللارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا قاتتىق زۇلۇم ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانىدى. سۈرىدە قۇللارغا ۋە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە توختالغان ئايەتلەرنىڭ بولۇشى بۇ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
مەزكۇر سۈرە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي تېما قىلغان ئاساستا بىۋاستە ھالدا ئىنسان ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدۇ.
سۈرە زېمىندا ئىنساننى كۈتۈۋالغان جاينىڭ مەركىزى بولغان مەككە ۋە ئۇ يەرنى تارىخنىڭ سوقۇۋاتقان قەلبىگە ئايلاندۇرغان ھەزرىتى ئادەم ۋە بالىلىرىغا(ياكى ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى ئىسمائىلغا) قەسەم قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ:
لَا أُقْسِمُ بِهَذَا الْبَلَدِ (1) وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَذَا الْبَلَدِ (2) وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ (3)
« (ياق) بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1). (ئى مۇھەممەت! ) سەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتىسەن (2). (ئادەم) ئاتا ۋە ئەۋلاتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (3). »
ئاندىن 4 - 7 - ئايەتلەردە ئىنساننىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن ئاللاھ تەئالا ئىنسانغا بەخش ئەتكەن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار ئەسلىتىلگەن ( 8 - 10 ).
ئىنسان بۇ ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن ئاخىرى جەننەتكە تۇتاشقان « ئەقەبە - داۋان »نى ئېشىشى كېرەك. ئىنسان ئىنساننى ھەر خىل قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مال - مۈلۈكنى مۇھتاجلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى پۇت ئارقىلىق بۇ داۋاندىن ئاشالايدۇ. ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:
فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ (11) وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ (12) فَكُّ رَقَبَةٍ (13)
« شۇنداق تۇرسا، ئۇ داۋان ئاشمىدى (11). سەن ئۇ داۋاننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ (12) بويۇننى(قۇللۇقتىن) ئازات قىلىشتۇر (13).»
قۇللۇقتىن ئازات قىلىش پەقەت بىر كىشىنىڭ ئىلكىدىكى بىر قۇلنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتقۇزۇپ جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇستەملىكىدە،ئاسارەت قۇللۇقىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قوۋمنى قۇتۇلدۇرۇشمۇ،ھەتتا باشقا بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىراۋنى ئۆز شەخسىيەتچىلىكىگە، نەپىس-خاھىشىغا، ھەۋەسلىرىگە، شەيتانغا، گۇناھقا، بۇتلارغا ۋە ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پەقەت ئاللاھ تەئالاغا بەندە قىلىشمۇ « قۇل ئازات قىلىش » دائىرىسىگە كىرىدۇ. جىسمانىي قۇللۇققا قارىغاندا يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن مەنىۋىي قۇللۇق ھەر زامان ۋە ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
« ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن ( ھالى ناچار كەمبەغەل )گە تاماق بېرىشتۇر » ( 14 - 16 ).
پەقەت بەندىگە ۋە مال - مۈلۈككە قۇل بولۇشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالىغان كىشىلەرلا مال - مۈلۈكىنى مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ. مال - مۈلۈكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلار بۇنى قىلالمايدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر قۇل خوجايىنىنى باشقىلارغا بېرىۋېتەلمەيدۇ.
مانا بۇ داۋانلارنى ئېشىشنىڭ ئۆزى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇش، ياخشىلىق ۋە مەرھەمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك ( 17 ).
مانا بۇ ئايەتلەر قۇرئاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپلا قۇللۇقنى بىكار قىلىشنى كۆزلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مەزكۇر ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان داۋان ئەسلىدە ئادىمىيلىك داۋىنى بولۇپ، ئەگەر ئىنسانلار بۇ داۋاندىن ئاشمىسا، ئىنسانىيەت زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئەگەر بۇ داۋان ئېشىلسا، ئىنسانىيەت تۈزلەڭلىككە چىقىدۇ، نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ داۋاننى ئاشالىغانلارغا خۇشخەۋەر بەرمەكتە:
« ئەنە شۇنداق كىشلەر (نامە-ئەمەل دەپتىرى) ئوڭدىن بېرىلىدىغان كىشلەردۇر (18). »
ئىنسانىيەت ۋىجدانىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ساماۋى داستىخان سۈپىتىدە ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا نازىل قىلىنغان قۇرئانى ۋەھىينى ئىنكار قىلىش، ئەسلىدە ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىنسانغا ۋە مال - مۈلۈككە قۇل بولۇشنى ياقىلىغانلىقتۇر. « بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا دەل (نامە-ئەمەل دەپتىرى) سول تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر » ( 19 ). ئىنسانىيەتنى زۇلۇمغا مەھكۇم قىلغۇچىلار ئاخىرەتتە بۇ قىلمىشىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخقا تاشلىنىدۇ ( 20 ).