ئۆزرىسىز تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا قاتناشمىغان ئۈچ كىشىنىڭ چىن دىلىدىن قىلغان توۋىلىرى بايان قىلىنغان ( 102 - 118 ) بۆلەككە ئاساسەن بۇ سۈرە « تەۋبە سۈرىسى » نامى بىلەن ئاتالغان.
تەۋبە سۈرىسى قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان سۈرە بولۇپ، بۇ سۈرە بىسمىللاھ بىلەن باشلانمىغان بىردىنبىر سۈرىدۇر.
ئۇبەي بىننى كەئىبكە نىسبەت قىلىنغان بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى سۈرە بولغان ئەنفال سۈرىسى كېلىشىم تۈزۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۈرە تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بۇزۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە باشقا بىر قاراشقا قارىغاندا، ئەنفال سۈرىسىدە ئىمان ئېيتقانلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىلغان، تەۋبە سۈرىسى مۆمىنلەرنى مۇشرىكلار بىلەن سىياسىي ۋە ئەخلاقى ساھەدە مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ.
رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئەنفال سۈرىسىنىڭ مەزمۇنى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىككى سۈرە ئارقىمۇ - ئارقا تىزىلغان ( رازى ). يەنە ئىبن ئابباسنىڭ ھەزرىتى ئەلىدىن: « نېمە ئۈچۈن ئەنفال بىلەن تەۋبە ئارىسىدا بىسمىللاھ يوق؟ » دەپ سورىغان سوئالىغا ھەزرىتى ئەلىنىڭ: « چۈنكى " بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم " ئامانلىق بېرىشتۇر، بۇ سۈرە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇش ۋە كېلىشىمنى بىكار قىلىش ھەققىدە » دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ. لېكىن ھۇمەزە، مۇتەففىفىنغا ئوخشاش نۇرغۇن سۈرىنىڭ مەزمۇن ۋە خىتابىنىڭ تىل جەھەتتىن قاتتىق ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەنلىكىگە قارىماستىن « بىسمىللاھ » بىلەن باشلانغانلىقى ۋە ئۇرۇشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەردىن تارتىپ قۇرئاندىكى باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىمۇ « بىسمىللاھ » بىلەن باشلاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ( ئالۇسى ). ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرئاندا نۇرغۇن سۈرە بايان قىلغان تېما جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئىزدىگەن ۋاقىتتا، مەزمۇن جەھەتتىن بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۈرىلەرنى تېپىش قىيىن ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا يەتتە يىللىق زامان پەرقىنىڭ بارلىقىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك.
يۇقىرىدىكىلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، بېشىدا « بىسمىللاھ » بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ بولمىغان بۇ سۈرىنىڭ نېمە ئۈچۈن « بىسمىللاھسىز » باشلانغانلىقى ھەر خىل قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئوچۇق بىر تېما سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
تەۋبە سۈرىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا كونا دۈشمەنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى ياتىدۇ. ھۇدەيبىيەدە مۇشرىك مەككىلىكلەر بىلەن تۈزۈلگەن تېنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇتلەق غالىبىيىتىگە قارىماستىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مەككىلىكلەر مۇتلەق مەغلۇبىيىتىگە قارىماي كېلىشىمگە خىلاپ بولغان ھەر خىل ھىيلىلەرنى ئىشلەتمەكتە ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائە قەبىلىسى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بەنى بەكىر ئايمىقى بىلەن كونا قان داۋاسى سەۋەبىدىن ئۇرۇشقان. خۇزائە ئىتتىپاقدىشى بولغان مۆمىنلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەلەپكە قايتۇرغان ئىجابىي جاۋابى مەككىنىڭ فەتھىسى ۋە ھۇنەيىن غازىتى بىلەن نەتىجىلەنگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ھىجرى 9 - يىلى رەجەپ ئېيىدا تەبۇك غازىتى يۈز بەرگەن، ئىسلام جامائىتىنىڭ ھەج ئۆمىكى- كارۋىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ باشچىلىقىدا ھەج قىلىۋاتقانىدى، رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلىنى ھەج ئۆمىكىنىڭ ئارقىسىدىن مەككىگە ئەۋەتتى. بۇ، يېڭىلگەن بارلىق تەرەپلەرگە ئەگەر ئىسلام جامائىتى بىلەن بىرگە ياشىماقچى بولسا، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئۇلتىماتۇمى ئىدى. بۇ دائىرىدە ھەج ئىبادىتى ۋە ھەج رايۇنى شېرىك ئىزنالىرىدىن پاكلاندى.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى تەۋھىد، ئادالەت ۋە ئىسلام جامائىتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ، سۈرە ئادالەت بىلەن بىخەتەرلىك ياكى ئەخلاق بىلەن بىخەتەرلىك ئارىسىدىكى زىل تەڭپۇڭلۇقنىڭ قانداق ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرە بىر تەرەپتىن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان مۇشرىكلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن مۆمىنلەرگە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەققىدە بېرىلگەن تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر بىلەن سۆز باشلايدۇ:
بَرَاءَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ (1) فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ (2) وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ وَرَسُولُهُ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ (3) إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنْقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَى مُدَّتِهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ (4)
(بۇ،) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى تەرىپىدىن سىلەر بىلەن (تىنچ ئۆتۈش ھەققىدە) كېلىشىم تۈزۈشكەن (مۇشرىكلارغا قارىتا) كېلىشىمنى بىكار قىلىش ئۇلتىماتۇمىدۇر(1). (ئى مۇشرىكلار!) زېمىندا (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈۋېلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ جازاسى)دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، ئاللاھ كاپىرلارنى خارۇزار قىلغۇچىدۇر(2). (بۇ،) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتۇركى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدادۇر. (ئى مۇشرىكلار!) ئەگەر توۋا قىلساڭلار، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر؛ ئەگەر (بۇ ئۇقتۇرۇشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى مۇھەممەت!) كاپىرلارغا ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن بېشارەت بەرگىن(3). لېكىن مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان ۋە سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ(4).
ۋەھىينىڭ ئىلاھى كالامنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بىلەنلا قالماي ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلارغا قاراتقان بۇ ئۇلتىماتۇمىدا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمىگەنلىكى ئېنىق بىر ئۇسلۇبتا 4 - ئايەتتە ناھايىتى روشەن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى « شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ » جۈملىسى دىنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي... بارلىق ئۆكتىچىلەرگە قارىتا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارغا قاراتقان پوزىتسىيىدە « مەسئۇلىيەت ئەخلاقى »نىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئاساسىي پرىنسىپ « ھاكىمىيەت ئەخلاقى »دىن ۋەز- نەسىھەت بەرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن كېيىن كەلگەن 5 - ئايەت شۈبھىسىز قۇرئاننىڭ شىددەتلىك ۋە قاتتىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتكەن ئايەتلەردىن بىرىدۇر:
فَإِذَا انْسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
(ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، (كېلىشىمگە رىئايە قىلمىغان) مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، تۇتۇڭلار، قورشاۋغا ئېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار (قىلمىشلىرىغا) پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلسا، نامازنى ئەستايىدىل ئادا قىلسا ۋە زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر(5).
قۇرئاندىكى ئەڭ قاتتىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان بۇ ئايەتنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقىغا دىققەت قىلايلى! مۇشۇنداق بىر ئايەت « شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر » دەپ ئاخىرلاشقان. ئىشلىتىلگەن تىل ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنداق قاتتىق ئۇسلۇب قوللانغان بىر ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ چەكسىز مەغپىرەت قىلغۇچى، چەكسىز رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىلىپ ئۆتكەن ئەسمائى - ھۇسنا، ئايەت ھەققىدىكى بارلىق شەرھىلەرنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەسما بىلەن ئاخىرلاشقان بارلىق ئايەت ۋە بۆلەكلەرمۇ بۇ مەقسەتكە ئىگە. چۈنكى كائىناتنىڭ سىرى ئىنساندا، ئىنساننىڭ سىرى قۇرئاندا، قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمادا، ئەسمانىڭ سىرى ئاللاھ كەلىمىسىدە، ئاللاھ كەلىمىسىنىڭ سىرى ئاللاھنىڭ زاتىدا مۇجەسسەملەنگەن. قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمادا بولغانلىقىغا قارىغاندا، ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسما ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ سىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندۇر. قۇرئاندىكى تىل ئۇسلۇبى ئەڭ قاتتىق بولغان ئايەت ھېسابلانغان بىر ئايەت ئاللاھنىڭ غەفۇر ۋە رەھىم ئىسمى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، بۇ ئارقىلىق مۆمىن خىتاپ قىلىنغۇچىغا: « بۇ قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلىشنى ھايات غايىسى قىلغان ئى مۆمىن! بۇ ئايەتلەرنى چۈشىنىش ۋە تەدبىقلاش جەھەتتە مۇنداق ئىككى نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلما: كەڭ قۇرساقلىق ۋە رەھىمدىللىق! ئۇنۇتما، ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تۇزكورلۇقلار، يامان گۇمانلار، ۋاپاسىزلىقلار، ناشۈكۈرلۈكلەر قىلىنغان ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى " ھەر نەرسىنى ۋە ھەر كىشىنى " ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەنمۇ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغىن ۋە بۇ چەكسىز ئەپۇ-مەغپىرەت ۋە رەھىمدىللكتىن سەنمۇ ئۆزەڭگە چۈشكەن نېسىۋىنى ئال! غەپۇر ۋە رەھىم ئىسمىدىن ساڭا قانچىلىك نېسىۋە چۈشكەنلىكى قولۇڭغا پۇرسەت كەلگەندە دۈشمەنلىرىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭ بىلەن مەلۇم بولىدۇ! » دېمەكتە.
دېمىسىمۇ 5 - ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەت يۇقىرىدىكى بايانلارنى توغرىلايدىغان ماھىيەتتە:
وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ
ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىنكى، ئاللاھنىڭ كالامى(قۇرئان)نى ئاڭلىسۇن، ئاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئامان تاپىدىغان جايىغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى) بىلمەيدىغان قوۋمدۇر(6).
ھاكىمىيەت بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان مەدىنە ئىسلام جامائىتى « مەسئۇلىيەت ئەخلاقى ( تەقۋا ) »غا تايانغان بىر ھاكىمىيەت ئەخلاقى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ئىدى. تەۋبە سۈرىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى بۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆرنەكلىرى بىلەن تولۇپ تاشماقتا. ھەتتا، بۇنى رېئال ھاياتتا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىسلام جامائىتىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى پات - پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. سۈرە ئىسلام جامائىتىگە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئادالەت ۋە ئەخلاقى پرىنسىپ ئاساسىدا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىش، ھەتتا ئۇرۇش ئاستىدىمۇ ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش بۇ پرىنسىپلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىدۇ ( 8 - 16 ). بۇ بۆلەكتە ئۈن - تىنسىز ئاققان دەرياغا ئوخشايدىغان ھاياتنىڭ بىر « ئېمتىھان » ئىكەنلىكى ھەقىقىتى ئانا تېما قىلىنغان. دوستمۇ، دۈشمەنمۇ ئېمتىھاندۇر. ھاكىمىيەتمۇ ئېمتىھاندۇر، ئۆكتىچىلىكمۇ ھەم شۇنداق. مۇھىم بولغان نەرسە پەقەت دوستلۇق ئېمتىھاندىنلا ئۆتۈپ قالماي، دۈشمەن بىلەن قىلىنغان سىناقتىنمۇ غەلبىلىك ئۆتۈش ۋە نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەرىكەت قىلماسلىق؛ پەقەت ئۆكتىچىلىك بىلەنلا ئەمەس، ھاكىمىيەت -كۈچ بېرىپ سىنالغان ۋاقىتتىمۇ بۇ ئېمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈش؛ يوقلۇققا سەبىر قىلغاندەك مولچىلىققىمۇ سەبىر قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالماسلىقتۇر.
سۈرىنىڭ ئالدىنقى 37 ئايىتى ئىجتىمائىي مىزاننى بەرپا قىلىدۇ ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان پەرقلىق ئېتىقادتىكى كىشىلەرگە ئىسلام جامائىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولغان ئاساسلىق پرىنسىپلاردا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ.
« ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى گۈللەندۈرۈش سالاھىيىتى يوق» دېگەن 17 - ئايەت پەقەت ئۆز دەۋرىنىڭ قىڭغىر چۈشەنچىسىگىلا ئەمەس، كۈنىمىزدىكى قىڭغىر چۈشەنچىلەرگىمۇ خىتاب قىلماقتا، يەنى شېرىك مەۋجۇت بولغان ھەر يەردە ئىبادەت بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.
ھايات تۈپتۈز يولدا داۋام قىلمايدۇ، بۇ يول ئەگرى - توقايلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقان. مۆمىننىڭ ئىمانى دائىم ئېمتىھان قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ. ھەزرىتى ئادەمگە ئوخشاش ئىبلىس بىلەن، ھەزرىتى نۇھقا ئوخشاش تۇپان بىلەن، ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئوت بىلەن، ھەزرىتى ئىسمائىلغا ئوخشاش جان بىلەن، ھەزرىتى ياقۇپقا ئوخشاش پەرزەنت ئوتى بىلەن، ھەزرىتى يۈسۈپكە ئوخشاش نازىنىن ئايال بىلەن، ھەزرىتى ئاسىيەگە ئوخشاش ئېرى پىرئەۋن بىلەن، ھەزرىتى مۇساغا ئوخشاش ھاكىمىيەت بىلەن، ھەزرىتى داۋۇدقا ئوخشاش سەلتەنەت بىلەن، ھەزرىتى يەھياغا ئوخشاش قۇربان بولۇش بىلەن سىنىلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ يانغىندا قۇتقۇزۇپ چىقىدىغان نەرسىلىرىنىڭ تىزىملىكى پەرقلىق بولىدۇ، مۇھىم بولغان نەرسە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. سىز ئۈچۈن يانغىندا ئەڭ باشتا قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تېگىشلىك بولغان نەرسە نېمە؟ ئىمانىڭىزمۇ، روھىڭىزمۇ، جىسمىڭىزمۇ، مېلىڭىز، ئايالىڭىزمۇ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىزمۇ، قەبىلىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزمۇ، ئىشىڭىزمۇ؟ ئەسلىدە يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ ئارقىسىغا « سىز ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك بولغان نەرسە نېمە؟ » دېگەن سوئال ياتماقتا. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ سوئال قانداق قىلساق توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەكتە:
قُلْ إِنْ كَانَ آَبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، جۈپتىلىرىڭلار، جەمەتىڭلار، تاپقان پۇل-ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان تىجارىتىڭلار ۋە خۇرسەن بولۇپ كېتىدىغان ئۆي-ئىمارەتلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا كۈرەش قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنىڭ (بالايىئاپەت) بۇيرۇقى يېتىپ كەلگۈچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ئاللاھ يولدىن چىققان– پاسىق كىشىلەر توپىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ»(24).
قۇرئان مۆمىنلەرنى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇلارغا بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش، ئىسەۋىلەرنىڭ خىرىستىيانلىشىش قەدەم باسقۇچلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىدۇ ( 30 - 34 ). بۇ، مۇسۇلمانلارغا « يەھۇدىيلەشمەڭلار ۋە خىرىستىيانلاشماڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى. بۇ بۆلەكتە سۆزنىڭ يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش ئۆرنەكلىرىدىن كېيىن « ئى ئىمان ئېيتقانلار! » ( 34 ) دەپ مۇئمىنلەرگە قارىتىلغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى.
ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتە، ئۆزىنى جامائەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىدىن خالىي تۇتماقچى بولغان بايلارغا ئەخلاقى مەسئۇلىيىتى، باشقۇرغۇچىلارغا كىرىمنىڭ تەقسىملىنىشىدە ئادالەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق مەسئۇلىيىتى ئەسكەرتىلىدۇ ( 34 - 35، 60 ).
ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەزالىرى جېنى ۋە مېلى بەدىلىگە ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىشتا بوشاڭلىق قىلالمايدۇ. سۈرىدە بۇنداق قىلغۇچىلار قاتتىق بىر تىل ئۇسلۇبى بىلەن تەنقىتلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ئېنىق بولغانلار ئىسلام جامائىتى تەرىپىدىن كەسكىن ۋە ئېنىق بىر ئىپادە بىلەن چەتكە قېقىلىدۇ ( 38 - 123 ).
تەۋبە سۈرىسىمۇ خۇددى ئەنفال سۈرىسىگە ئوخشاش « ئۇرۇش ئەخلاقى » ھەققىدە توختالغان سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، مۆمىنلەرگە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇئەييەن پرىنسىپلىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش باشقا ئۇرۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ نامى بىلەن يولغا چىققاندا، بۇ سەپەرگە ئاتلانغۇچىلارغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەر بولىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنغىدەك بىر ئۆزرە بولماي تۇرۇپ، ئاللاھ يولىدىكى جىھاتتىن قېچىش كەلمەكتە. بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلەر قىلىدىغان بىر ئىشتۇر ( 73 - 80 ). قەلبىدە كېسەل بولغان بەزىلەر ئاللاھ يولىدا غازاتقا چىقماقچى بولغانلارغا « بۇ ئىسسىقتا ئۇرۇشقا چىقماڭلار! » دېگۈدەك دەرىجىدە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنىدى. قۇرئان ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: « جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ ئىسسقتۇر » ( 81 ).
ھەر ئىمان ئۆزىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايەن قىلىدۇ. نىفاق- ئېتىقادتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئىللىتىدۇر. بۇ كېسەلنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە نامايەن قىلىدىغان ئامىل يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر. بۇ سۈرە نىفاق ھەققىدە « روھى ئانالىزى » ئېلىپ بارغان نادىر سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، مۇناپىقلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، نىفاقنىڭ تەبىئىيىتى ھەققىدە ئۆز دەۋرىدىن جانلىق ئۆرنەكلەر بېرىدۇ. مانا بۇ بۆلەك ئارىسىدا خىتاب بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە ئازارلىغان تۈستە تۆۋەندىكى ئىشنى قىلىشتىن توسىدۇ:
وَلَا تُصَلِّ عَلَى أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَى قَبْرِهِ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەت!) سەن ئۇ(مۇناپىق– ئىككى يۈزلىمىچى)لارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرە بېشىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە ئۇلار پاسىق– يولدىن چىققان ھالەتتە ئۆلدى(84).
قۇرئاندا كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشىنى ياماندىن ئايرىيدىغان ساپ ئەقىل بەرپا قىلىش ئۇسلۇبى بۇ سۈرىدىمۇ ئورۇن ئالغان. ئىككى يۈزلىمىچىنى ئىككى يۈزلىمىچى بولمىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن چىقىرىدىغان خېلى كۆپ ساۋاق بار:
لَيْسَ عَلَى الضُّعَفَاءِ وَلَا عَلَى الْمَرْضَى وَلَا عَلَى الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنْفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا لِلَّهِ وَرَسُولِهِ مَا عَلَى الْمُحْسِنِينَ مِنْ سَبِيلٍ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ (91) وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوْا وَأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنْفِقُونَ (92)
ئاجىز (يەنى قېرىسال، مېيىپ)لار، كېسەللەر، (ئۇرۇشقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا سەمىمىي-سادىق بولسىلا (ئۇرۇشقا چىقالمىغانلىق سەۋەبلىك) گۇناھكار بولمايدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن رەھىمدىلدۇر(91). يەنە سەندىن (ئۇرۇشقا چىقىشقا) ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە «سىلەرنى مىندۈرىدىغانغا ئۇلاغ تاپالمايۋاتىمەن» دېگەن چېغىڭدا، خىراجەت قىلىدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم، كۆزى ياش قايتىپ كەتكەنلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوق(92).
قۇرئاننىڭ بۇ مۇئامىلىسى ناھايىتى زىل ۋە ئىنچىكە بولۇپ، پەقەت ياخشىنى ياماندىن ئايرىشنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى يامان ئىچىدىن تېخىمۇ ئاز ناچار -يامان بولغاننىمۇ ئايرىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ بىزگە ھەزرىتى ئۆمەرگە نىسبەت قىلىنغان شۇ سۆزلەرنى ئەسلىتىدۇ: « ئەقىللىق بولۇش ياخشىنى ياماندىن ئايرىش ئەمەس. بەلكى ئۇ، ئىككى يامان ئارىسىدىن تېخىمۇ ئاز يامان بولغاننى ئايرىپ چىقىشتۇر ». تۆۋەندىكى ئايەت ئىككى يامان ئارىسىدا تېخىمۇ ئاز زىيانلىق بولغاننى ئايرىشنى ئۆگىتىدىغان بىر نەسىھەت سۈپىتىدە ئوقۇلىشى كېرەك:
الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَى رَسُولِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كۇپرىلىقى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكى بەك قاتتىقتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا نازىل قىلغان بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلار تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ (ھەممىنى) بىلگۈچىدۇر، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇر(97).
ئايەتتە « شەھەرلىك - مەدەنىي » مۇئامىلە بىلەن « چەت ياقىلار – چۆل-سەھرا » مۇئامىلىسى سېلىشتۇرما قىلىنغان. بۇ ئايەت « چەت ياقىلار - چۆل » ئەسكىنىڭ « شەھەرلىك - مەدەنىي » ياماندىن تېخىمۇ بەتتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى « چەت ياقىلار - چۆل »نىڭ ئەسكىسى باتىل ۋە ئازغۇن بولۇش بىلەن بىرگە قوپال، قالاق ۋە تەربىيەسىز كېلىدۇ.
سۈرىدە پەقەت ئىككى يامان - زىيان ئىچىدىن ئەڭ ئاز يامان -زىياننى تاللاپ ئايرىشنىلا ئۆگىتىدىغان ئايەتلەر ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئىككى ياخشى ئىچىدىن تېخىمۇ ياخشىسىنى قانداق ئايرىيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىدىغان ئايەتلەرمۇ ئورۇن ئالىدۇ. ئىككى ياخشى ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى دائىم ئاكتىپ بولغان ياخشىدۇر. پاسسىپ ياخشى دائىم ئاكتىپ ياخشىدىن كېيىن تۇرىدۇ. بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ مۇكاپاتمۇ ئاكتىپ ياخشىلارغا بېرىلمەكتە. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:
إِنَّ اللَّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنْفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْقُرْآَنِ وَمَنْ أَوْفَى بِعَهْدِهِ مِنَ اللَّهِ فَاسْتَبْشِرُوا بِبَيْعِكُمُ الَّذِي بَايَعْتُمْ بِهِ وَذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ (111) التَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآَمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ (112)
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ۋە پۇل-ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا جەڭ قىلىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندىكى چىن ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ شۇڭا ئاللاھ بىلەن قىلىشقان بۇ سوداڭلارغا خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور ئۇتۇقتۇر(111). (ئۇ ئۇتۇققا ئېرىشىدىغانلار) تەۋبە قىلغۇچىلار، ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھنى مەدھىيەلەپ) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، (ئاللاھ يولىدا) سەپەرگە چىققۇچىلار، (ئاللاھقا) ئېگىلگۈچى– رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا ئۈندەپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ چىگرا-چەكلىمىلىرىنى قوغدىغۇچىلاردۇر. (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن(112).
بۇ سۈرىنىڭ 119 - ئايىتىدىكى بىر جۈملە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « راستچىللار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار! »، بۇ جۈملە « راستچىللاردىن بولۇڭلار! » شەكلىدىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ھەتتا « راستچىل بولۇڭلار! » شەكلىدىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇنداق شەكىلدە ئەمەس « راستچىللار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار! » شەكلىدە كەلگەن. بۇ ئىلاھىي ئەمىر بىزگە ئەسلىتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بېشىدا ساداقەت كېلىدۇ. سادىق بولۇش ساداقەتنى ساقلاپ قېلىشتىن ئوڭاي. ساداقەتنى ساقلاپ قېلىش سادىق بولۇشتىن قىيىن. بۇ قېينچىلىقنى يېڭىشنىڭ يولى سادىقلار بىلەن بىللە بولۇشتۇر. كىشى سادىقلارنىڭ ئىچىدە بولغاندا ساداقەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا يالغۇز بولغان ۋاقتىڭىزدا سۇنىدىغان ساداقەت تېرىكىڭىز باشقىلار بىلەن بىرگە بولغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. سادىقىتىڭىزگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى ھەر خىل ۋەسۋەسىلەرگە ئۆزىڭىز يالغۇز قارشى تۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما سادىقلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئۇنىڭغا قارشى پۇت تىرەپ تۇرالايسىز.
قۇرئان مۆمىننىڭ ئىمانىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭدا قىلچىلىك شۈبھە يوق. لېكىن ئېنىق بولغان يەنە بىر نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ قەلبىنى كېسەللىك قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ قۇرئاننىڭ مۆجىزىۋى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. بۇ ئالاھىدىلىكنى قۇرئان « مەسانى » دەپ ئاتايدۇ. قوشماق ۋە زىتلىق پەقەت يارىتىلغان شەيئىلەردىلا ئەمەس، قۇرئاننىڭ خىتاپ ئوبېكتلىرىنىڭ مەيدانىغا ماس ھالدا ئۆز تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. قېنى بۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقايلى:
وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَذِهِ إِيمَانًا فَأَمَّا الَّذِينَ آَمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ (124) وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَى رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ (125)
بىرەر سۈرە چۈشۈرۈلسە، ئۇ(مۇناپىق– ئىككى يۈزلىمىچى)لارنىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى؟» دەيدىغانلار بار. مۆمىنلەرگە نىسبەتەن بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئۇلار (بۇ سۈرىنىڭ چۈشكەنلىكدىن) خۇشال بولىدۇ(124). دىللىرىدا كېسەل بارلارغا كەلسەك، ئۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىكىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى(125).