سۈرە، ئاخىرقى سائەت-قىيامەتنى ئىپادىلەيدىغان « قاپلاپ كېتىش » مەنىسىدىكى « غاشىيە » ئىسمىنى بىرىنچى ئايەتتىن ئالغان:
« (ھەممىنى قورقۇنچ ) قاپلاپ كېتىدىغان (قىيامەت) نىڭ خەۋىرى ساڭا يېتىپ كەلدىمۇ؟ » ( 1 ).
مەزكۇر سۈرە مۇسھەب، تەپسىرلەردە ۋە بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا غاشىيە ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئىمام مالىك ۋە بۇخارىنىڭ نەقىللىرىدىن مەزكۇر سۈرىنىڭ ساھابىلەر ئارىسىدا بىرىنچى ئايەت بىلەن تولۇق ئاتالغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. تۇنجى قۇرئان تەرتىپلىرىدە زارىيات ۋە كەھف سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ، سۈرىنىڭ قۇرەيش بايقۇتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى رىسالەتنىڭ 9 - ياكى 10 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئانا تېمىسى بۇ سۈرىدىكىگە ئوخشاش ئاخىرقى سائەت، قىيامەت ۋە ئاخىرەتتۇر.
سۈرە ئاخىرقى سائەت - قىيامەت ئۈستىدىن بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى، ئاخىرەت ھاياتىنىڭ باقىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، بۇ مۇددىئا جەننەت ئەھلى بىلەن جەھەننەم ئەھلىنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىما قىلىنغان ( 1 - 16 ). سۈرىدە قايتا تىرىلىشنى، يەنى ھېساب كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلار كائىنات كىتابىنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىنغان:
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ (17) وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ (18) وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ (19) وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ (20)
« ئۇلار تۆگىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا، ئاسماننىڭ قانداق كۆتۈرۈلگەنلىكىگە، تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە، يەر يۈزىنىڭ يېيىلىپ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقمامدۇ؟ (17)-(20).»
بۇ بايانلار ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ ۋىجدانىغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇ ( ۋىجدان )نى پاسسىپ ھالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا. مەيلى ئۇ دىننى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن پەيغەمبەر بولسۇن ياكى باشقا بىرىسى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىنى پەقەت ھۆر ئىرادىسىلا ئىمانغا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقەت تۆۋەندىكى ئايەتلەردە مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ (21) لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُسَيْطِرٍ (22)
« (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا ۋەز-نەسھەت قىلغىن. سەن پەقەت ۋەز-نەسھەت قىلغۇچىسەن (21). سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زوراۋانلىق قىلغۇچى ئەمەسسەن (22). »
بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىغا ئەگەر ئىنساننى ئىمانغا مەجبۇرلاشنى ئىرادە قىلغان بولسا بۇنى ئەلۋەتتە ئاللاھ قىلاتتى. ئاللاھ بۇنداق قىلىشنى راۋا كۆرمىگەن يەردە، بۇ قانداق بولۇپ ئۇنىڭدىن غەيرىگە جائىز بولىدۇ؟ سۈرە، مانا بۇ ئىنسان ئىرادىسى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئىلاھى قەدىرىيەتلەرنى بايان قىلغان مەنىلىك ئىما بىلەن ئاخىرلاشقان.