ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
مەزكۇر سۈرە 1 - ئايەتتە ئىسمى سۈپەت بولۇپ كەلگەن «ئەڭ ئەلا،ئۈستۈن، مۇتلەق ئۇلۇغ، ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەئلا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ نامىنى(ھەرقانداق نوقساندىن) يىراق تۇتقىن-پاك دەپ بىلگىن (1). » ( 1 ).
سۈرىنىڭ ئىسمى ئاللاھ تەئالانىڭ ئەسمائى ھۇسناسىدىن بىرىدۇر. بۇ ئىسىم قۇرئاندا بۇ يەردىن باشقا يەنە بىر يەردە، يەنى لەيل سۈرىسى 20 - ئايەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ سۈپىتى ھالىتىدە ئىشلىتىلگەن.
ئەئلا سۈرىسى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەسمائى - ھۇسناسى بىلەن ئاتالغان نۇر، فاتىر، غافىر ( مۇئمىن ) ۋە رەھماندىن ئىبارەت بەش سۈرىدىن بىرى.
سۈرە، مۇسھەب ۋە تەپسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بولۇپ، ئىبنى ئابباس، ئىكرىمە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە ھەسەن ئەلبەسرىدىن كەلگەن رىۋايەتلەردە « ئەلەق، قەلەم، مۇززەممىل، مۇددەسسىر، مەسەد ۋە تەكۋىر سۈرىلىرىدىن » كېيىن 7 - قېتىمدا نازىل بولغان سۈرە قاتارىغا تىزىلغان. جابىر بىن زەيىد تەرتىپىدە فاتىھە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن 8 - ئورۇنغا تىزىلغان.
سۈرە، ئىنسان ئۈچۈن ھەم نېمەت ھەم ئاجىزلىق بولغان ئەستە تۇتۇش ۋە ئۇنتۇش قابىلىيىتى ئانا تېما قىلغان.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش، ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى، دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئالدىنقى توققۇز ئايەتتە خىتاب بىۋاستە ھالدا تۇنجى مۇخاتەبكە قارىتىلغان. بىرىنچى ئايەت بىر ئەمىر-بۇيرۇقتۇر:
سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
« ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ نامىنى (ھەرقانداق نوقساندىن) يىراق تۇتقىن-پاك دەپ بىلگىن (1). »
ھەر نامازدا سەجدىدە تەكرارلانغان نەبەۋى تەسبىھات، مەزكۇر سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدە بېرىلگەن بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنىڭ ئېغىزدىكى جانلىق تەدبىقىدۇر.
2 - 5 - ئايەتلەردە ئاللاھ تەئالانىڭ مەخلۇقاتنى يارىتىپلا قالماستىن، ئۇنى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرگەنلىكى ۋە ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، يارىتىلىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنىيەت ( يەنى سۈننەتۇللاھ ) ئەسكەرتىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر مىسال قىلىنىش ئارقىلىق ئىنساننىڭمۇ بىر كۈنى بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان.
الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّى
« ئۇ (ھەممە مەۋجۇداتنى) ئاپىرىدە قىلىپ (يارىتىلىش غايىسىگە مۇناسىپ رەۋىشتە) تەرتىپكە سالدى » ( 2 ).
سۈرە ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، قۇرئاننىڭ ئانا تېمىسى بولغان ئاللاھ - كائىنات - ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىدە ۋەھىينىڭ ئوينايدىغان رولى تەكىتلەنگەن.
ھەزرىتى ئەلى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىنى نامازلاردا كۆپ ئوقۇشنى، رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنى ياخشى كۆرەتتى دەپ ئىزاھلىغان. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىگە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزىدا ئەئلا ۋە كافىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇغان.
6 - 10 - ئايەتلەردە، رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئاللاھ تەئالانىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئاللاھ تەئالا ھەققىدە كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدا ئورناپ كەتكەن ناتوغرا چۈشەنچىگە رەددىيە بېرىلگەن. ھەقىقەتكە قۇلاق سالغۇچىلارغا قۇرئان ئارقىلىق ۋەز - نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.
11 - 13 - ئايەتلەردە قۇرئاندىن يۈز ئۆرىگۈچىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان.
14 - 15 - ئايەتلەردە ئاخىرەتلىك مەقسىتىگە يەتكۈچىلەرنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان.
16 - 17 - ئايەتتە ئىنساننىڭ دۇنيالىق نەرسىلەرگە بېرىلىپ كېتىدىغان ئاجىزلىقى تىلغا ئېلىنىپ، دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ ئىنسانغا ئىمتىھان قىلىپ بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالماسلىق تەۋسىيە قىلىنىش بىلەن بىرگە، مۆمىننىڭ ئۇپۇقىدا ھەر دائىم باقىي بولغان ئاخىرەت بولىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
18 - 19 - ئايەتلەردە قۇرئاندىكى ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ قۇرئاندىن بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتابلاردىمۇ بارلىقى، يەنى ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ دىنى بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ بىر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.