ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قاراڭغۇلۇقنى تېشىپ ئۆتكۈچى » مەنىسىدىكى « تارىق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ئاسمان بىلەن ۋە تارىق بىلەن قەسەم قىلىمەنكى » ( 1 ).
سەھەردىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن سەھەر يۇلتۇزىمۇ « تارىق » دەپ ئاتالغان. ئەت - تارىق، « ئاڭلىتىش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇش، كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تارق » كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان. سۈرىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تارىق ئارقىلىق « ۋەھىي »نىڭ ئىما قىلىنغانلىقى مەلۇم. چۈنكى ۋەھىي « قاراڭغۇلۇقنى تېشىپ ئۆتكۈچى »نۇردۇر. ئۇ قەدىر كېچىسىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان، نازىل بولغان كېچىنى مىڭ ئايدىن تېخىمۇ قەدىر-قىممەتلىك قىلغان. ئىنسانىيەت جاھالەتنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىغا چۆمگەن بىر كېچىدە ئىنسانىيەتنىڭ قەلب ئىشىكىنى قاققان بۇ مېھمان ئىنسانىيەتكە ئەبەدىي سائادەتنىڭ تاڭ سەھىرىدىن خۇش-خەۋەر بەرگەنىدى.
ساھابىلەردىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە ۋە بەزى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەپسىرلەردە « ۋەسسەمائى ۋەت تارىق » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. باشقا تەپسىر، ھەدىس ۋە مۇسھەبلەردە « تارىق سۈرىسى » دەپ ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى بەلگىلەش سەل قىيىن. دەسلەپكى نۇزۇل تەرتىپىلىرىدە بەلەد ۋە قەمەر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا سۈرە دەۋەتنىڭ 5 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە بۇرۇج، ئىنشىقاق ۋە ئىنفىتار سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىش بىلەن باشلانغان سۈرىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
سۈرە باشتىن ئاخىرى ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى ئىلاھىي ۋەھىي قۇرئان ھەققىدە بولۇپ، سۈرە ئوخشىتىش بىلەن باشلىنىپ قۇرئان بالاغىتىنى نامايەن قىلغان. ۋەھىي سەھەردىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن كېچىدە چىققان چاقناپ تۇرغۇچى يۇلتۇزغا ئوخشىتىلغان. بۇ يېتىپ كېلىۋاتقان ئادىمىيلىك تاڭ سەھىرىنىڭ ئاياق تىۋىشىنىڭ شەپىسى ئىدى. ۋەھىي يۇلتۇزىنىڭ نۇرى كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مۆمىنلەرنىڭ قەلب كۆزىگە ئۇلاشقانىدى. چۈنكى، ئاللاھ ئىنساننى باشپاناھسىز، ھىمايىسىز، يېتەكچىسىز ھالدا تاشلاپ قويمىغانىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر مانا بۇ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە:
وَالسَّمَاءِ وَالطَّارِقِ (1) وَمَا أَدْرَاكَ مَا الطَّارِقُ (2) النَّجْمُ الثَّاقِبُ (3) إِنْ كُلُّ نَفْسٍ لَمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ (4)
« « ئاسمان بىلەن ۋە تارىق بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1). سەن تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ (2) ئۇ (قاراڭغۇلۇقنى تېشىپ ئۆتكۈچى) نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر (3). ئۈستىدە نازارەتچى (پەرىشتە) بولمىغان ھېچكىم يوقتۇر (4). »
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن ئىنسان ھەددىنى ۋە ئۆزىنى بىلىشكە دەۋەت قىلىنغان ( 5 - 7 ). ئەگەر بۇنىڭغا لايىقىدا ئەمەل قىلالىسا، رەببىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، رەببىنىڭ بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ ۋە ھېساب كۈنىگە تەييارلىق قىلىدۇ ( 8 - 12 ). ئەبەدىي سائادەتنىڭ يول خەرىتىسى مانا بۇ ۋەھىيدۇر. بۇ ھەقىقەتكە ئىنسان شاھىت بولمىسا، ئاسمان ۋە يەر شاھىتتۇر، مانا بۇ كۇپايە:
وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الرَّجْعِ (11) وَالْأَرْضِ ذَاتِ الصَّدْعِ (12) إِنَّهُ لَقَوْلٌ فَصْلٌ (13) وَمَا هُوَ بِالْهَزْلِ (14)
« ئاسمان بىلەن ۋە تارىق بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1). سەن تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ (2) ئۇ (قاراڭغۇلۇقنى تېشىپ ئۆتكۈچى) نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر (3). ئۈستىدە نازارەتچى (پەرىشتە) بولمىغان ھېچكىم يوقتۇر (4). »
بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ يامانلىقنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغانلار ئۆتكۈنچىنى ئەبەدىيگە تېگىشكۈچىلەردۇر. ئاخىرقى ئايەت بۇ ئىنكارچى ئەقىلگە ئۆلمەس بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ. يەنى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن بىخەۋەر ئەمەس، پەقەت ئۇلارغا بىر ئاز مۆھلەت بېرىدۇ:
فَمَهِّلِ الْكَافِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًا
« (ئى مۇھەممەت!) شۇڭا كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇشىغا) ئالدىرىمىغىن، (17).»