ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « بۇرۇج » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« بۇرۇجلار بىلەن تولغان ئاسمان شاھىت بولسۇن! ».
بۇرۇج كەلىمىسى ئەندۇلۇس ئارقىلىق خىرىستىيان ياۋروپاغا ئۆتكەن. يەنى، بۇرژۇئا -بۇرۇچلاردا ئولتۇرغان بايلار تەبىقىسىنىڭ ئىسمىدۇر. بۇرژۇئازىيە - بۇ تەبىقە ھاسىل قىلغان سىنىپىنىڭ ئىسمى. ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپ سانلىقىدا بۇ ئىسىم ئىشلىتىلمەكتە. لۇگسىمبۇرگ، ھامبۇرگ، دىسبۇرگ، سترازبۇرگ بۇلاردىن بىر قانچىسى.
بۇ سۈرە ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن تولۇق ئاتالغان. مۇسھەبلەردە، ھەدىس ۋە تەپسىر كىتابلىرىدا بۇرۇج ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، مەزمۇنىدىن مۆمىنلەرگە قارىتىلغان زۇلۇم ۋە ئەزىيەتلەر باشلانغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغانلىقى مەلۇم. بۇ سۈرە نەجمدىن كېيىن ۋە ھاققە سۈرىسى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلگە، يەنى دەۋەتنىڭ 4 - ياكى 5 - يىلىغا توغرا كەلمەكتە.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە شەمس ۋە تىن سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان.
سۈرىدە ئېتىقادقا قارىتىلغان تەشكىللىك بېسىم چۆرىدەلگەن ھالدا قانچىلىك زۇلۇم قىلىشتىن قەتىئىينەزەر، كۈچ - قۇۋۋەت تىلىنىڭ سۆزنىڭ كۈچىنى بويسۇندۇرالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەر قانداق بىر زالىم ياققان زۇلۇم گۈلخانى ئىماننى كۆيدۈرەلمەيدۇ. ئىماننىڭ ئىززىتى ھەر دائىم قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇمدىن غالىپ كېلىدۇ. ئىمانغا قارشى ئوت بىلەن تولغان ئورەكلەرنى تەييارلىغانلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇلغان ئورەكلەردە تارتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت بايان قىلىنغان.
مۇپەسسىرلەر سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنى تارىخى بىر رىۋايەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرگەن. تارىخى بىر ۋەقە ئىما قىلىنغان ئايەتلەر 7 - 8 - ئايەتلەردۇر:
وَهُمْ عَلَى مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ (7) وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَنْ يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ (8)
ئەينى چاغدا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ لىۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرنى (دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن تىرىك ئوتقا تاشلاۋاتقان) قىلمىشىنى (تاماشا قىلىپ) قارىشىپ ئولتۇراتتى (6)-(7) ، ئۇلار مۆمىنلەردىن پەقەت مۇتلەق ئۈستۈن، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئۆچ ئالاتتى. (8).»
بۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدىدىكى 1 - 6 - ئايەتلەر، پەقەت ئاللاھ تەئالاغىلا بەندىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن مۆمىنلەرگە زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى مەزكۇر سۈرىنىڭ بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا بىر قانچە سۈرىگە ئوخشاش قەسەم ۋە جاۋابتىن تەشكىل تاپقان ئالتە ئايەتلىك بۆلىكىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سۈرە ئىماننى كۆيدۈرمەكچى بولغان ھەر دەۋرنىڭ زالىملىرىنى توۋا قىلىپ پۇشايمانلىق ھېس قىلمىسا، ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرماقتا:
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
« مۆمىن ئەر-ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغان، ئاندىن كېيىن (پۇشايمان قىلىپ) توۋا قىلمىغانلار چوقۇم جەھەننەمنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئوت ئازابى بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ (10). »
ئېتىقادقا قاراتقان بېسىم ۋە زۇلۇمنى تەرك قىلىپ، ياخشىلىققا يۈزلەنگەنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلگەن ( 11 ). بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تەئالانىڭ مەرھەمىتىنىڭ ناھايىتى چەكسىز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ مەرھەمەتنىڭ تېگىدە ياتقان ئاساسىي ئامىل، ئاللاھ تەئالانىڭ « سۆيگۈچى،دوست تۇتقۇچى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەل ۋەدۇد » ئىسمىدۇر:
وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ
«ئۇ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنى) سۆيگۈچىدۇر (14) »
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز قۇرئان ۋەھىي بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، سۈرىنىڭ مەقسىتىنىڭ تارىخى بىر ۋەقە ئارقىلىق ھەر بىر خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ « ھازىرقى ۋاقىت ۋە شۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى » رىئاللىقنى بايان قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا:
بَلْ هُوَ قُرْآَنٌ مَجِيدٌ (21) فِي لَوْحٍ مَحْفُوظٍ (22)
« ئەمەلىيەتتە، (ئۇلار يالغانغا چىقىرىشقان) بۇ قۇرئان مۇھاپىزەت قىلىنغان بىر پۈتۈكتىكى ئۇلۇغ قۇرئاندۇر (21)-(22).»