سۈرە ئىنشىقاق
سۈرە ئىنشىقاق 1-ئايەت
إِذَا السَّمَاءُ انشَقَّتْ
ئاسمان يېرىلغان (1)،
سۈرە ئىنشىقاق 2-ئايەت
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
رەببى(نىڭ خىتابى)گە قۇلاق سالغان ۋە (ھۆكۈم) ئەمەلىيلەشكەن چاغدا (2)،
سۈرە ئىنشىقاق 3-ئايەت
وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
زېمىن سوزۇلغان (3)،
سۈرە ئىنشىقاق 4-ئايەت
وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىنىپ قالغان (4)،
سۈرە ئىنشىقاق 5-ئايەت
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
رەببى(نىڭ خىتابى)گە قۇلاق سالغان ۋە (ھۆكۈم) ئەمەلىيلەشكەن چاغدا (ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ) (5).
سۈرە ئىنشىقاق 6-ئايەت
يَا أَيُّهَا الْإِنسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَى رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىنىڭغا قەدەر ناھايىتى جاپا تارتىسەن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن (6).
سۈرە ئىنشىقاق 7-ئايەت
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ
(ئۇ چاغدا) كىمنىڭ (نامە-ئەمال) دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال-خۇرام قايتىدۇ (7)-(9).
سۈرە ئىنشىقاق 8-ئايەت
فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا
(ئۇ چاغدا) كىمنىڭ (نامە-ئەمال) دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال-خۇرام قايتىدۇ (7)-(9).
سۈرە ئىنشىقاق 9-ئايەت
وَيَنقَلِبُ إِلَى أَهْلِهِ مَسْرُورًا
(ئۇ چاغدا) كىمنىڭ (نامە-ئەمال) دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال-خۇرام قايتىدۇ (7)-(9).
سۈرە ئىنشىقاق 10-ئايەت
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ
--- (10).
سۈرە ئىنشىقاق 11-ئايەت
فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
(نامە-ئەمال) دەپتىرى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم، «يوق بولۇپ كېتىشىنى» تىلەيدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ» (11)-(12).
سۈرە ئىنشىقاق 12-ئايەت
وَيَصْلَى سَعِيرًا
(نامە-ئەمال) دەپتىرى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم، «يوق بولۇپ كېتىشىنى» تىلەيدۇ ۋە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ» (11)-(12).
سۈرە ئىنشىقاق 13-ئايەت
إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا ياراتقۇچىنىڭ تەلىماتىغا قۇلاق سالماي، ۋاقىتلىق نېمەتلەر بىلەن بەنت بولۇپ) ئائىلىسى ئارىسىدا شاد-خۇرام ئىدى (13).
سۈرە ئىنشىقاق 14-ئايەت
إِنَّهُ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ
ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلاتتى (14).
سۈرە ئىنشىقاق 15-ئايەت
بَلَى إِنَّ رَبَّهُ كَانَ بِهِ بَصِيرًا
ئەلۋەتتە رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى (15).
سۈرە ئىنشىقاق 16-ئايەت
فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ
كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (16)-(18).
سۈرە ئىنشىقاق 17-ئايەت
وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (16)-(18).
سۈرە ئىنشىقاق 18-ئايەت
وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ
كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (16)-(18).
سۈرە ئىنشىقاق 19-ئايەت
لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٍ
(ئىي ئىنسانلار!) سىلەرجەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر(19).
سۈرە ئىنشىقاق 20-ئايەت
فَمَا لَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ (20).
سۈرە ئىنشىقاق 21-ئايەت
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ
ئۆزىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟[1] (21)
سۈرە ئىنشىقاق 22-ئايەت
بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُكَذِّبُونَ
ئەكسىچە، كاپىر بولغانلار (قۇرئاننى) يالغان دېيىشىدۇ (22).
سۈرە ئىنشىقاق 23-ئايەت
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارنىڭ (دىللىرىدا) ساقلاۋاتقان نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ (23).
سۈرە ئىنشىقاق 24-ئايەت
فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
شۇڭا ئۇلارغا (ئۇ دۇنيادىكى) ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن «خۇش خەۋەر» بەرگىن (24).
سۈرە ئىنشىقاق 25-ئايەت
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
پەقەت ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش- ھەرىكەتتە بولغان كىشلەرلا ئۈزۈلمەس مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ (25).
Flag Counter