ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە 1 - ئايەتتىكى « ھىلە ئىشلىتىپ قاقتى - سوقتى قىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇتەففىفىن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ئۆلچەم ۋە تارازىدا ھىلە ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 1 ).
كەلىمە تۈرلىنىپ چىققان تەتفىف، قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆز بولۇپ، ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلچەش ۋە باھالاشتا « بىراۋنى ئالداشنى،قوش ئۆلچەم قوللىنىش » مەنتىقىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپسىر ۋە مۇسھەبلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھەدىس كىتابلىرىدا ۋە بەزى تەپسىرلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن « ۋەيلۇن لىل مۇتەففىفىن » ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار سۈرىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەككە ۋەياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بۇلارنى مەككىدە، مەدىنىدە ۋە مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدا نازىل بولغان دېگۈچىلەر دەپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچىلار سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىدۇ. ئەگەر ئىبنى مەسئۇدقا نىسبەت بېرىلگەن رىۋايەت ئىشەنچلىك بولسا، ئىبن مەسئۇد ئۆزى شەخسەن شاھىت بولغان ۋەقە ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. يېشى، ياشاش شەكلى، بىلىمى ۋە تەجرىبىسى بۇنىڭغا مۇۋاپىق.
2. ئىبنى ئابباس ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر سۈرىنى پۈتۈنلەي ياكى دەسلەپكى سەككىز ئايىتىدىن باشقا ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ خىل ھۆكۈملىرى ئىبن مەسئۇدقا ئوخشاش ئۆزى شەخسەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى شاھىت بولغان مەلۇماتلار بولماستىن، شاھىت بولغان ياكى ئاڭلىغانلار ئارقىلىق ئىگە بولغان مەلۇماتلاردۇر. چۈنكى ئىبنى ئابباس ياش جەھەتتىن ھىجرەت كۈنلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە شەخسەن ۋاقىپ بولغىدەك ئەمەس ئىدى.
3. جابىر ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا بىر نازىل بولۇش تەرتىپى رىۋايەت قىلىنغان جابىر بىن زەيد سۈرىنى مەككە - مەدىنە ئارىسىدا نازىل بولغان دەيدۇ. كەلبىمۇ بۇ قاراشنى توغرا دەپ قارايدۇ ( ئىبن ئاشۇر ).
بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر چوڭ رول ئوينىغان. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى « ئۆلچەم ۋە تارازىدا ھىلە ئىشلەتكەنلەر» ئىپادىسى مەككىلىكلەرگە ۋە مەدىنىلىكلەرگە نىسبەت قىلىنغان. چۈنكى بۇ ئىككى شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى تىجارەتچى ئىدى. مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرۇپ، سۈرىنىڭ مەزمۇنى، ئۇسلۇبى ۋە بالاغىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. مۇتەففىفىندىن كېيىن بىر يول سۈرىسى بولغان ھەج سۈرىسى نازىل بولغان. بۇ ئەھۋالدا مۇتەففىفىننى مەككىدە نازىل بولغان سۈرە سۈپىتىدە نۇبۇۋۋەتنىڭ 13 - يىلىغا تىزىشقا بولىدۇ.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « قاقتى - سوقتى قىلىش »نى رەت قىلىش ۋە « ئادالەت » بەرپا قىلىشقا چاقىرىق بولۇپ، سۈرە تۆۋەندىكىدەك بالاغەت ئۆرنىكى بىلەن باشلانغان:
وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ (1) الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ (2) وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ (3) أَلَا يَظُنُّ أُولَئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ (4) لِيَوْمٍ عَظِيمٍ (5) يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ (6)
« ئۆلچەم ۋە تارازىدا ھىلە ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! (1). ئۇلار كىشلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ (2). كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ (2 ). ئۇلار دەھشەتلىك بىر كۈن(دە ھېساب بېرىش) ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمامدۇ؟ (4)-(5). ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببى-ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ (6). »
ئاندىن ئىنساننىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەن ئەمەل دەپتىرى ئېچىلىپ، ھېسابى سورىلىدىغان كۈن ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق قۇرئان ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىلمىشى بىلەن ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا كىشىنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ. مۇكاپات ياكى جازانىڭ، پەزىلەت ياكى رەسۋالىقنىڭ، مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ، ساداقەت ۋە خىيانەتنىڭ ئاخىرەتتە چوقۇم بىر نەتىجىسى بولىدۇ ( 7 - 28 ).
سۈرىنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان ئايىتىدە، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تەكتىدە قارىيىپ كەتكەن بىر قەلبنىڭ بارلىقى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:
كَلَّا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
« ياق، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى دىللىرىنى داتلاشتۇرىۋەتتى » ( 14 ).
سۈرە، گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان يەككە دۇنيالىق ئىنكارچىلارنىڭ قوش دۇنيالىق مۆمىنلەرگە بولغان چۈشەنچىسىدىكى قىڭغىرلىقنى بايان قىلغان تۆۋەندىكى بۆلەك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئاقىۋەتنى مەسخىرە قىلىپ كۆزگە ئىلمىغانلارنىڭ ئاخىرەتتە قانداق خار ۋە كۈلكىلىك ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى جانلىق بىر تەسۋىر بىلەن مۇنداق بايان قىلىنغان:
إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آَمَنُوا يَضْحَكُونَ (29) وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ (30) وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَى أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ (31) وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَؤُلَاءِ لَضَالُّونَ (32) وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ (33) فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ (34) عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ (35) هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ (36)
گۇناھقا چۆمگەنلەر (دۇنيادىكى چېغىدا) ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقانلارنى زاڭلىق قىلاتتى (29). (ئىمان ئېيتقانلار) قاچانىكى ئۇلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۆز-ئارا كۆز قىسىشاتتى (30). ئائىلىسىگە قايتقان چاغدا (ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) ھۇزۇرلانغان ھالدا قايتىشاتتى (31). مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى (32). ھالبۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتقانلارنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىلمىگەن (33). (ھېساب) كۈنىدە بولسا ئىمان ئېيتقانلار تەختلەر ئۈستىدە كۇپپارلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ: «كۇپپارلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتامدۇ؟» دەپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشىدۇ (34)-(36).