ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان انْفَطَرَتْۙ پېئىلى بىلەن ئاتالغان:
« ئاسمان يېرىلغان چاغدا » ( 1 ).
ئايەتتىكى ئىنفەتەرەت پېئىلى « ئىلاھىي بۇيرۇققا بويۇن ئىگىپ، خۇددى بىر ئۇرۇقنىڭ بىخ تارتىش ئۈچۈن ئۈچكىنى يېرىپ چىققىنىدەك يېڭىدىن يارىتىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ ئىسمى فائىل شەكلى « فاتىر » بولۇپ، بۇ ئىسىم قۇرئاندىكى 35 - سۈرىگە بېرىلگەن.
بۇ ئىسىم، تەرجىمە ۋە تەپسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە كائىنات تەۋە بولغان كەۋن ۋە فەساد ( بارلىققا كېلىش ۋە بۇزۇلۇش ) قانۇنىدىن « فەساد - بۇزۇلۇش »قا تەۋە دەپ قارالغان. لېكىن، بۇ كەلىمە « كەۋن-بارلىققا كېلىش » قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئىنفىتار سۈرىسى « تۇنجى بارلىققا كېلىشى »نى ئەمەس، ئىنفىئالنى كۆرسەتكەندەك « يېڭىدىن بارلىققا كېلىش »نى بىلدۈرىدۇ. تۇنجى بارلىققا كېلىشنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار فەجر ۋە فەلەقتۇر.
رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىلگەن بىر رىۋايەتتە، سۈرە بىرىنجى ئايىتى بىلەن ئاتالغان. سۈرە بۇخارىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت بېرىلگەن نۇزۇل تەرتىپىدە نازىئات - ئىنشىقاق سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھ « چېچىمنى ئاقارتتى » دېگەن سۈرىلەر ئارىسىدا ئورۇن ئالماقتا. بۇ سۈرىنىڭ قۇرەيش ئېمبارگوسىنىڭ باشلانغۇچ مەزگىلىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 7 -يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھ تەئالاغا ئاسىيلىق قىلىۋاتقان، ئۆز مەيلىچە ياشاۋاتقان ئىنسان ئېڭىدا جاۋابكارلىقىنى بېرەلەيدىغان بىر ھايات ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا، ئىنساننى گەپ - سۆز ۋە ئەمەللىرىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرماقتا.
سۈرە يېڭىدىن يارىتىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا قايتا تىرىلىشنى ئەسكەرتمەكتە. سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئايەتلىرىدە قۇرئاندىن باشقا ھېچقانداق بىر مەنبەدىن بىلەلمەيدىغان قايتىدىن يارىتىلىش سەھنىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ يېڭىدىن يارىتىلىشى ۋە دېڭىزلارنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى بايان قىلىنغان:
إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ (1) وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ (2) وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ (3)
« ئاسمان يېرىلغان چاغدا (1)، يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا (2)، دېڭىزلار قايناپ تاشۇرۇلغان چاغدا (3)،)، »
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ ئاللاھ تەئالادىن يۈز ئۆرۈپ خىيانەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئايەت بۇلاردىن كېيىن كەلمەكتە:
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
« ئى ئىنسان! سېنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلىپ، ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئاپىرىدە قىلغان سېخى رەببىڭگە (ئاسىيلىق قىلىشىڭدا) سېنى نېمە ئالدىدى؟ » (6-7 ).
ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بايان قىلىنىپ ئاللاھ تەئالانىڭ بەرگەن بۇ نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەندىن كېيىن، بۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلماسلىققا چاقىرىلغان ( 7 - 9 ). ئاندىن ئىنساننىڭ دائىم كۈزىتىلىپ ۋە نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ( 10 - 12 )، ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ( 13 - 16 ).
بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر مەقسىتى بولۇپ، ئۇ ئىنسانغا ھېساب كۈنىنى ئەسلىتىشتۇر. چۈنكى، ئۇ كۈندە بىر ئىنساننىڭ باشقا بىر ئىنسانغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ:
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
« ئۇ كۈندە بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىلچە ياردەم قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۈنكى پەرمان تامامەن ئاللاھقا تەۋەدۇر » ( 19 ).