ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىسمى 1 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئۆچكەن،يۆگەلگەن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كۇۋۋىرە » پېئىلىدىن كەلگەن.
« قۇياش يۆگەلگەن چاغدا » ( 1 ).
بۇ يەر يۈزىنىڭ ئەجىلى بولغان قىيامەت ۋە ئاخىرقى ۋاقىت-سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشلىنىشى بولغان نەرسىنىڭ ئاخىرى بولىدۇ. پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش، مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھ تەئالانىڭ كائىناتقا قويغان سۈننىتى-قانۇنىيىتىدۇر.
قۇرئاندا يارىتىلىش ۋە بۇزۇلۇش ( كەۋن ۋە فەساد ) ھەقىقىتىنىڭ ئۆزى بايان قىلىنغان . بۇ ھەقتىكى بىرەر ئالاھىدىلىك بىلەن ئاتالغان 14 سۈرە بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى دۇخان سۈرىسى، قالغانلىرى جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققە، قىيامەت، نەبە، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، قارىئە ۋە فەلەق سۈرىلىرىدۇر.
بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بۇ سۈرە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىلگە ئائىت مۇسھەب ۋە تەپسىرلەردە تەكۋىر ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرىنىڭ مەككە مەزگىلىنىڭ دەسلىپىدە نەجم سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقى ئېنىق. نەجم سۈرىسى 13 - 18 - ئايەتلىرىدىكى بايانلار بۇ سۈرىنىڭ 23 - ئايىتىنى ئىما قىلىدۇ.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ئاخىرقى سائەت ۋە ھېساب كۈنى ھەققىدە بولۇپ، سۈرىنىڭ بېشىدا يەر يۈزىنىڭ ئاخىرقى سائىتىدىكى ئۇ مەنزىرىلەر جانلىق شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھ قويغان قانۇنىيەت دائىرىسىدە كائىناتنىڭ بۇزۇلۇش ھەقىقىتى بايان قىلىنغان. بۇ بۇزۇلۇشنى « مالىمانچىلىق » دەپ سەلبىي نۇقتىدىن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇزۇلۇش ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن بولىدىغان ئىلاھىي قانۇنىيەتكە تەۋە بۇزۇلۇشتۇر. بۇ ئاللاھ تەئالادىن باشقىسى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان مىسلىسىز ھەقىقەتتۇر.
ئەنبىيا سۈرىسى 104 – ئايەتتە« يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُّعِيدُهُ وَعْدًا عَلَيْنَا إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ-ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى بەئەينى كىتاب بەتلىرىنى قاتلاپ يۆگىگەندەك يۆگەيمىز.مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. بۇ، بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدە . بىز ئۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز » دېيىلگەنگە ئوخشاش بۇنى ئىلاھى قاتلاپ يۆگىلىشنىڭ تەپسىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىلاھىي بۇزۇلۇشتىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان ئىلاھىي يېڭىدىن يارىلىش باسقۇچى ئىنفىتار سۈرىسىدە بايان قىلىنغان.
بۇ سۈرە شۇ ئىككى ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، باشلىنىشى بولغان ھەر نەرسە ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەت مېھمان، يەر يۈزى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ بولۇپلا قالماستىن، ئۇمۇ ئىنسانغا ئوخشاش بىر مېھمان. يەر يۈزىنىڭ ئۆمرىگە قارىغاندا، يوق دېيەرلىك ئۆمۈرگە ئىگەن بولغان « ئەي ئىنسان! نېمەڭگە ئىشىنىپ تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟ ».
1 - 13 - ئايەتتە « ئىزا » ۋاقىت رەۋىشى دەل 12 قېتىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەر جۈملىنىڭ مەنە جەھەتتىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كۈچەيتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئالتىسى دۇنيا ئۈچۈن، ئالتىسى ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، « ئەي ئىنسان، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن خېلى كۆپ زامان ئۆتتى دەپ ئاخىرەت رىئاللىقىنى ئۇنتۇپ قالما! » دېمەكتە.
ئاخىرقى سائەتنىڭ دەھشىتىنى بايان قىلغان بىرىنچى بۆلەك، قۇرئاندا بايان قىلىنغان قىيامەت سەھنىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ:
إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ (1) وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ (2) وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ (3) وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ (4) وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ (5) وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ (6) وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ (7) وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ (8) بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ (9) وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ (10) وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ (11) وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ (12) وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ (13) عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ (14)
«قۇياش يۆگەلگەن چاغدا (1)، يۇلتۇزلار ئۆچكەن چاغدا (2)، تاغلار (غۇلاپ) كۆچكەن چاغدا (3)، ئون ئايلىق (بوغاز) تۆگىلەر (ئىگىسىز) تاشلىۋېتىلگەن چاغدا (4)، ياۋايى ھايۋانلار (ھۇدۇقۇپ) توپلانغان چاغدا (5)، دېڭىزلار قاينىتىلغان چاغدا (6)، جان بىلەن تەن قوشۇلغان چاغدا (7)، تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزبوۋاقتىن: سەن قايسى گۇناھ سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا (8)-(9)، (نامە-ئەمەللەر خاتىرىلەنگەن) دەپتەرلەر ئېچىلغان چاغدا (10)، ئاسمان (يۈزى) ئېچىپ تاشلانغان چاغدا (11)، دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا (12)، جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا (13)، ھەرئادەم (دۇنيادىكى ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىگە) نېمە ھازىرلانغانلىقىنى بىلگەن بولىدۇ (14).»
14 - ئايەتتە ئىنسانغا بېرىلگەن ئۆمۈر ۋە بارلىق ئىمكانلارنىڭ ھېسابى ئېلىنىدىغانلىقى، ئىنسانغا ئۇنىڭغا قارىتا مۇكاپات - جازا بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، « قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ » دېمەكتە ۋە ئىنسانلارنى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ۋە ھەر ئىشنى قىلغاندا ئاخىرەتتىكى جاۋابكارلىقنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلماقتا.
15 - 25 - ئايەتلەردە يۇلتۇز، كېچە ۋە سەھەر شاھىت قىلىنىپ، قۇرئان-ۋەھىينىڭ ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگۈچىنىڭ جىبرىئىل ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئەسلى ھالىتىدە كۆرگەنلىكى تەستىق قىلىنغان. مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئىنكاسلىرىغا رەددىيە بېرىلىپ، ۋەھىينىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
26 - ئايەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق خىتاب قىلىپ « قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ » دەپ سوئال قويغان ۋە ئىنسانلارنى يارىتىلىش مەقسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان.
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
« شۇنداق تۇرسا، سىلەر قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ » ( 26 ).
27 - 29 - ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتىنىڭ ئىلاھى يېتەكچى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئەگىشىش - ئەگەشمەسلىك ئىختىيارىنىڭ ئىنساندا ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارغا توغرا يولغا مېڭىشى ئۈچۈن ئەقىل، ئىرادە ۋە يېتەكچى بەرگەنلىكى، ئەگەر بۇلارنى بەرمىگەن بولسا ئىنسانلارنىڭ ھېچنەرسىنى تاللىيالمايدىغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ (27) لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ (28) وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ (29)
« ئۇ (قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى-جاھانغا ئەسلەتمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس(27). (يەنى) سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلارغا (28). سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلار پەقەت ئاللاھ ياراتقاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ (29).»