ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
بۇ سۈرە بىرىنچى ئايەتتىكى « تەرىنى تۈردى » مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان « ئەبەسە » پېئىلى بىلەن ئاتالغان.
«ئۇ يېنىغا ئەما بىرى كەلگەنلىكى ئۈچۈن تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى (1)-(2). » بۇ ئايەتتىكى تەرىنى تۈرگەن ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالغان كىم؟ » دېگەن سوئالغا رىۋايەتلەرنى ئارىلاشتۇرمىغان ئاساستا، پەقەت ئايەتنىڭ ئۆزىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەرسەك، مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئېھتىماللىق مەۋجۇت.
بىرىنچى ئېتىماللىق، تەرىنى تۈرگەن كىشى رەسۇلۇللاھتۇر. ئۇ، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرىسى ( يەنى ۋەلىد بىننى مۇغىرە ياكى ئۇبەي بىننى خەلەف ) گە دەۋەت قىلىۋاتقاندا ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممى مەكتۇم كېلىپ رەسۇلۇللاھتىن ئۆزىگە نەسىھەت-ۋەز قىلىشىنى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا ئىچى پۇشۇپ تەرىنى تۈرگەن ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالغان.
ئىككىنچى ئېھتىماللىق، ئۇ تەرىنى تۈرگۈچى مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ چوڭى بولۇپ، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتقاندا، دىن ئۆگەنمەكچى بولۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا يوقسۇل بىر مۆمىن بولغان ئەما ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن كىبرى سەۋەبىدىن ئۆزىنى يوقسۇل بىر كىشى بىلەن تەڭ تۇتۇشنى خالىمىغان ئۇ مۇشرىكنىڭ بۇ ئەھۋالغا ئىچى پۇشۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلغان. ئۇ مۇشرىك كىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مۆمىن كىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر مالاي ئىدى. جاھىلىيەت مەنتىقىسى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بىر كاتتا كىشىنىڭ ئادەتتىكى بىر كىشى بىلەن تەڭ ئورۇندا بولىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ مۇشرىكمۇ بۇنى قوبۇل قىلمىدى ۋە تەرىنى تۈرۈپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى.
سۈرىنىڭ تېكىستىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ ئىككى ئېھتىماللىق ئىچىدە بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بىرىنچى ئېھتىماللىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىككىنچى ئېھتىماللىق توغرا. سۈرە تېكىستىگە ئاساسلانغان ۋاقتىمىزدا بۇنىڭ مۇنداق ئىككى دەلىلى بار:
1. دەسلەپكى ئىككى ئايەتتە ئىشلىتىلگەن ئالماش بىلەن 3 - ۋە 4 - ئايەتتە ئىشلىتىلگەن ئالماش ئارىسىدا ناھايىتى ئېنىق پەرق بار. 1 - ۋە 2 - ئايەتتە « ھۇۋە - ئۇ »، 3 - ۋە 4 - ئايەتتە ئېنىق ھالدا « كە ( سەن) » ئالمىشى ئىشلىتىلگەن. ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئۇ » بىلەن كېيىنكى ئىككى ئايەتتە ئىشلىتىلگەن « سەن » ئالمىشى ئوخشاش بىر كىشىنى كۆرسەتمىسە كېرەك. بولۇپمۇ ئاللاھ تەئالا تىلغا ئېلىنغاندا. گەرچە ئالماشلار ئوخشاش بۆلەك ئىچىدە ئالمىشىپ كەلسىمۇ، لېكىن بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تەئالا نى ھېچقانداق بىر ئالماش بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئىنسان زېھنىدىكى شەخسكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەر خىل شەكلىدىن خالىي ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چۈشەنچىنى ئىنسان ئېڭىدا تۇرغۇزۇش مەقسەت قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالماشلاردىكى ئالمىشىش، خىتاب قىلىنغۇچىنىڭمۇ ئالماشقانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىدىكى ئالدىنقى تۆت ئايەتتىمۇ ئالماشلار ئۆزگەرگەن. ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە ئىشلىتىلگەن « ئۇ » ئالمىشى تەرىنى تۈرۈپ يۈزىنى ئۆرىۋالغان كىشىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ شەخس مۇشرىك ئاقساقاللىرىدىن بىرسى. داۋامىدىكى 3 - ۋە 4 - ئايەتتىكى « سەن » ئالمىشى رەسۇلۇللاھنى كۆرسەتمەكتە. رەسۇلۇللاھ بۇ ئايەتلەردە تەرىنى تۈرۈپ يۈز ئۆرۈۋېلىشقا سەۋەبچى بولغان ئەمانىڭ بىئەپ ۋاقىتتا يېنىغا كېلىشىدىن ئانچە خۇرسەن بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا كايىغان.
2. ئەبەسە ( تەرىنى تۈردى ) ۋە ۋەتەۋەللا ( يۈزىنى ئۆرۈپ يىراقلاشتى ) پېئىلى قۇرئاندا پەقەت ئىككى يەردە بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنچىسى بۇ سۈرىدە. ئىككىنجىسى مۇددەسسىر سۈرىسى 23 - 24 - ئايەتتە. نازىل بولۇش سەۋەبلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئىككى ۋەقەدە ئوخشاش ئىككى ئىسىمنى كۆرىمىز. يەنى، مۇغىرە بىن شۇبە ياكى ئۇبەي بىن خەلەف. بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندا پەقەت ئىككى يەردە بىللە ئىشلىتىلگەن بۇ پېئىللارنى ئەسبابى نۇزۇل ( نازىل بولۇش سەۋەبى )دا بايان قىلىنغان ئىگە ( شەخس ) ئوخشاش بىر كىشىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان ئەبەسە ( تەرىنى تۈردى ) پېئىلىنىڭ ئىگىسى رەسۇلۇللاھ ئەمەس، ئەكسىچە شۇ مەزگىلدىكى مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بولغان ئۇ ئىككى كىشىدىن بىرسى بولسا كېرەك.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە باش قەھرىمان ئەما ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممى مەكتۇم بولغان ۋەقە بىزگە سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رەسۇلۇللاھ مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەردە جەم بولغان. بارلىق نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە نەجم سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان بولۇپ، مەككىلىك مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈش ھارپىسىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. چۈنكى، نەجم سۈرىسى نازىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن مۇشرىكلار بىلەن بولغان بارلىق دىئالوگلار توختىغان. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئەبەسە سۈرىسى شەخسلەر نىشان قىلىنغان دەۋەت بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەتنىڭ باشلىنىشى ئارىسىدىكى بىر مەزگىلدە، يەنى دەۋەتنىڭ 4 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە ئالدىنقى بۆلىكىدە ۋاستىلىق، قالغان بۆلىكىدە بىۋاستە ھالدا ئىنسانلارغا ( ئەل - ئىنسان ) خىتاب قىلىدۇ. ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان دەسلەپكى ئىككى ئايەتنى نەزەرگە ئالمىساق، سۈرە رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان بىر تىل بىلەن باشلىنىدۇ:
وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّى (3) أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَى (4) أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَى (5) فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّى (6) وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّى (7) وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَى (8) وَهُوَ يَخْشَى (9) فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّى (10)
«(ئى مۇھەممەت!) سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكىم ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ۋە ياكى ۋەز-نەسھەت ئاڭلاپ (ئۇنىڭدىن) پايدىلىنىشى مۇمكىن (3)-(4). ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن (بارچە دىققىتىڭ بىلەن) ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن (5)-(6). ئۇ (ئىمان ئېيتىپ كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى (7). (ئاللاھتىن) قورققان ھالدا سېنىڭ يېنىڭغا يۈگرەپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك (8)-(9)، سەن ئۇنىڭغا سەل قاراۋاتىسەن (10).»
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، مەسئۇلىيەت ئەخلاقى ۋە مۇئامىلە ئەخلاقى ئارىسىدىكى ساقلىنىش كېرەك بولغان تەڭپۇڭلۇقنى نەزەردە تۇتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي جەمىئىيەتتە مېيىپلارغا ئىتىبار بېرىشتىن ئىبارەت بىر گۈزەل ئەخلاقنى ئىما قىلماقتا.
مەزكۇر سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە، ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ كىشىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقىقەت ھۇمەزە ۋە ھۇجرات سۈرىلىرىدىمۇ تەكىتلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدا، رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەر بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تەۋبە سۈرىسى 43 - ئايىتىدە بىۋاستە ھالدا، نىسا سۈرىسى 105 - 107 - ئايەتلىرىدە ۋاستىلىق ھالدا رەسۇلۇللاھ ئاگاھلاندۇرۇلغان.
سۈرىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكىدە، سۆز ئىنسانغا قارىتىلىدۇ. چۈنكى، سۆزلەر تاجى ۋەھىيدۇر، ئۇنىڭ نىشانى ئىنسان ( 11 - 16 )؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەزكىزىدە ئىنسان ئورۇن ئالماقتا ( 17 - 24 ).
سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئاگاھلاندۇرغان بۆلىكىنىڭمۇ مەقسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت بۇ بۆلەكتە تىلغا ئېلىنماقتا:
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
« ياق، ( ھېچبىر بىر ئىنسان ) ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تولۇق ئادا قىلمىدى » ( 23 ).
ئىنساننى بىر جۈملىدە چۈشەندۈرگەن بالاغەت ۋە پاساھەت ئۆرنىكى بولغان بۇ ئايەت، « بەندە نۇقسانسىز بولمايدۇ » نىڭ قۇرئانى ئىپادىسىدۇر.
ئاخىرقى سۆزلەر قايتا تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭمۇ بىر - بىرىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ھېساب كۈنى تەكرار ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن:
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُسْفِرَةٌ (38) ضَاحِكَةٌ مُسْتَبْشِرَةٌ (39) وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ (40) تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ (41)
«ئۇ كۈندە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ يۈزلىرىدىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال-خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ (38)-(39). يەنە ئۇ كۈندە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ يۈزلىرى چاڭ-توزان بېسىپ قارىداپ كەتكەن بولىدۇ (40)-(41).»
رەببىم! يۈزىمىزنى نۇرلۇق، ئۆزىمىزنى پاك، سۆزىمىزنى ھەق ئەيلىگەيسەن!