سۈرە بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « ئولجا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەنفال » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
ئەنفال سۈرىسى غەنىيمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى بەدىر ئۇرۇشى ئۈستىدىن بايان قىلىدۇ. سۈرىنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان بەدىر ئۇرۇشىنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:
مىلادىيەنىڭ 622 - يىلى رەسۇلۇللاھ مەككىدىن يەسرىب ( بۈگۈنكى مەدىنە )كە ھىجرەت قىلغان. بۇ ھىجرەتنىڭ روياپقا چىقىشىدىكى سەۋەب پەقەت مەككىدە ئىمكان قالمىغانلىقتىنلا بولماستىن، كېيىنكى مەزگىلدە مەدىنەتۇن نەبى ( نەبى شەھرى ) دەپ ئاتىلىدىغان يەسرىبتە شەكىللەنگەن ئىسلام جامائىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن بىشارەت بىرىشى ئىدى. ئەگەر بۇنداق بولمىغان بولسا ۋە ھىجرەت پەقەت مەككىلىكلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشلا بولغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھمۇ مۆمىنلەر ئۈچۈن بىخەتەر ماكان بولغان ھەبەشىستانغا كېتەتتى.
ھىجرەتتىن كېيىن يەسرىب مەدىنە دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانىدى. « پەيغەمبەر شەھرى » بولغان مەدىنىدە ئىسلام جامائىتى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھىجرەتتىن كېيىنلا مەدىنە ۋە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر بىلەن تۈزگەن « مەدىنە كېلىشىمى » ئارقىلىق، بۇ رايۇندا ياشايدىغانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. مەدىنىدە شۇنىڭدىن باشلاپ « چۆل » قانۇنىنىڭ ئورنىنى « شەھەر » قانۇنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق مەدىنىدە نىسبەتەن مۇقىم بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بىر « سۈننەت » سۈپىتىدە ۋەز قىلىدۇ. مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ جەمگاھى پەيغەمبەر مەسجىدى ئىدى. بۇ يەر شەھەرنىڭ مەركىزى، ئىسلام جامائىتىنىڭ قارارگاھى بولۇپ، قىبلىسى يوق قەلبلەرگە قىبلە تۇيغۇسى مانا بۇ ماكاندا بەخش ئېتىلگەن.
مەسجىدنىڭ يېنىغا سېلىنغان دارۇس سۇففا، ئىسلام جامائىتى ئىچىدىكى يوقسۇل ۋە ئىگە - چاقىسىز كىشىلەرنىڭ پاناگاھى ھەم مەكتىۋى ئىدى. سۇففا سايىسىدە رەسۇلۇللاھ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىنى تەشكىل قىلغان ئىگە - چاقىسىز كىشىلەردىن ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەڭ ساپالىق شەخسىيەتلىرىنى تەربىيىلەپ چىققانىدى. سۇففا، ئەقىلنىڭ قىبلىسىنى تەيىن قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە بەرپا قىلغان ئۈچىنچى ماكان ئىسلام جامائىتىگە ئائىت بىر بازار يېرى بولۇپ، بۈگۈنكى باقى مازارلىقى جايلاشقان ماكانغا قۇرۇلغان ئىسلام بازىرى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك پرىنسىپلارنى بەلگىلىگەنىدى. بۇ بازارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىر ئۇچىدا تۇرۇپ يەنە بىر ئۇچىنى كۆرەلىگۈدەك شەكىلدە تۈز بولۇشى بولۇپ، بۇ ئادىل بىر بازارنىڭ تەقەززاسى ئىدى. بازارنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرىسى، ھېچكىمنىڭ مۇقىم بىر يەرنى ئىگەللىمەسلىكى ئىدى. بۇ ھەقسىز رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تەدبىر ئىدى. يەنە بىرسى، مۇقىم باھانىڭ قويۇلماسلىقى بولۇپ، بۇ، تاۋارنىڭ ئەركىن بازار مۇھىتىدا ھېچقانداق بىر سۈنئىي تەسىرگە ئۇچرىماستىن، ئۆزىگە لايىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ تاۋارنىڭ بازارغا ئېلىپ كېلىنمەي تۇرۇپ، يولدا ئالدىنى توسۇپ بىرىنچى قولدىن سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان. خۇلاسىلىگەندە، مەدىنە بازىرى تىجارەتنىڭ قىبلىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ئىسلام جامائىتىنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقاندا، رەسۇلۇللاھنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغان مەككە مۇشرىكلىرىمۇ جىم تۇرمايۋاتاتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ۋە دىلىدا كېسەل بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى رەسۇلۇللاھقا قارشى كۈشكۈرتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بەزىدە نەتىجە بېرىپمۇ قالاتتى. مەسىلەن، مەدىنە كېلىشىمى ( ئەل - ۋەسىقە )گە ئەزا بولغان يەھۇدىي رەئىس كەئب بىن ئەشرەفنى بۇ كېلىشىمگە خىيانەت قىلشقا قايىل قىلغانىدى. ئۇمۇ بۇ كېلىشىمگە سادىق بەزى يەھۇدىي رەئىسلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى، ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ رەپىقىسى بۈۋى ئائىشىگە تىل تەككۈزۈشتىن تارتىپ ھەر يولنى سىناۋاتاتتى.
مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھتىن ھىجرەت سەۋەبلىك قۇتۇلدۇق دەپ قارىمىدى. چۈنكى، مەدىنىدە بىر جامائەتنى بەرپا قىلغان رەسۇلۇللاھ ئۇلار ئۈچۈن مەككىدە تۇرۇپ قېلىشىدىنمۇ خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە باشتىن - ئاخىر مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قارشى چىققانىدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈچۈن خەۋپ تېخىمۇ چوڭايغانىدى. مەدىنە مەككىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇنىۋېرسال تىجارەت يولى ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، مەككە - سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت بۇ يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى، بۇنىڭدىن باشقا بىر يول يوق ئىدى. مەككىلىكلەر قورققان ئىش ئاخىرى بېشىغا كەلدى. ئۇلار ئۈچۈن جان تومۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ يولنىڭ تىزگىنى مەدىنە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.
ھىجرەتنىڭ 2 - يىلى شەبان ئېيىدا، ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدىكى مەككە كارۋىنى ھەققىدە خەۋەر يېتىپ كەلدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىنمۇ مەلۇم بولغاندەك، رەسۇلۇللاھ بۇرۇندىنلا كارۋان ئۈچۈن ئەمەس، ئۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئىسلام قوشۇنى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش چۈشەنچىسى تېخى قۇرئانغا ئاساسەن شەكىللەنمىگەنىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قانداق بىر ئاڭ شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ بىر شاھىتى:
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ (7) لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ (8)
ئۇ چاغدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇشرىكلار كارۋىنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى)دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا ئۆتۈشىنى ياقتۇردۇڭلار، ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئۈستۈن قىلىشنى، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايتتى(7). (بۇ،) گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى(8).
مىڭ تۆگىگە ئارتىلغان يۈك بىلەن مەككىگە قايتىۋاتقان بۇ كارۋاننى قىرىق كىشى قوغداپ مېڭىۋاتقانىدى. مەدىنىدىكى تەييارلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى سۈرىيەدىكى ۋاقتىدىلا ئالغان ئەبۇ سۇفيان مەككىلىكلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا،مەككە ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە تەخمىنەن مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇننى ئەۋەتىش بىلەن جاۋاب بەرگەنىدى.
ھىجرى 2 - يىلى رامىزاننىڭ 17 - كۈنى دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ تارىخىي بىر زەپەر ئىدى. بىراق ۋەھىي بۇ زەپەر ئۈستىدىن بىر « زەپەر ئەخلاقى » بەرپا قىلدى. مانا بۇ ئەنفال سۈرىسىنىڭ زەپەر ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئايەتلىرىدىن پەقەتلا بىرسى:
فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ رَمَى وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
(جەڭدە) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار ، بەلكى ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئوقنى ئاتقان ۋاقتىڭدا سەن ئاتمىغان ئىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرنى چىرايلىقچە سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(17).
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش پرىنسىپى بولۇپ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئېڭىدا « ئۇرۇش ئەخلاقى »نى بەرپا قىلىشتۇر. دېمىسىمۇ بۇ سۈرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى « بەدىر سۈرىسى » بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سەئىد بىن جۇبەيردىن بۇ سۈرە ھەققىدە سوئال سورالغاندا، ئۇ: « بەدىر سۈرىسىدۇر » دېگەن.
ئۇرۇش ھاياتتىكى نورمال بىر ۋەقەدۇر. ئۇرۇشقا پۈتۈنلەي قارشى چىقىش دەماللىققا قۇلاققا ياقىدىغان سۆز بولسىمۇ، سالماقلىق بىلەن ئويلانغاندا، بۇنىڭ بىر خىيالپەرەستلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەپسۇسكى، « ئۇرۇش بولمايدىغان بىر دۇنيا تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيادۇر » دېيەلمەيمىز. چۈنكى زۇلۇم ۋە زالىم دائىم بار ئىدى. زۇلۇم ۋە زالىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتچە زۇلۇمغا قارشى ئۇرۇشمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت ئىسلامدا ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمغا خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدۇ:
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّى لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ كُلُّهُ لِلَّهِ فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
زۇلۇم-بېسىم يۇقالغان ۋە دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (زۇلۇم ۋە بېسىمدىن) ۋاز كەچسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ(39).
بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش بولمىغان بىر دۇنياغا بولغان ئىنتىلىش، بىر جەھەتتىن زالىملارنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. زالىملار ۋە ھەقسىزلىق ھاكىم بولغان بىر دۇنيادا ئۇرۇشقا قارشى چىقىش ئوخشاشلا مۇشۇنداق بىر دۇنيادا « مۇقىملىق » يانتايىقى بولۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، يارىتىلىش قانۇنىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغان قارىمۇقارشى قۇتۇپلۇلۇق ئۇرۇشسىز بىر دۇنيا خىيالىنى باشتىنلا رەت قىلىدۇ.
ئەگەر ئۇرۇش بولمايدىغان بىر دۇنيا، ئىنسان تەبىئىتنىڭ تەقەززاسى ھەمدە زالىملار ۋە زۇلۇمغا يانتاياق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇمكىن بولمىسا، ئۇنداقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش « ئۇرۇش ئەخلاقى » بولۇشى كېرەك. ۋەھىي مانا بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ۋەھىي نازىل بولغان ئۇ مەزگىلدە ئۇرۇشلار ئۇرۇش ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولۇپ، ھېچقانداق بىر پرىنسىپ يوق ئىدى دېيىش ئانچە توغرا ئەمەس. ئۆز دەۋرىدە قەۋملەر ئەنئەنىسى، قەبىلە مۇناسىۋەتلىرى ۋە مەزكۇر رايون قىممەت قاراشلىرىدىن شەكىللەنگەن بەلگىلىك پرىنسىپلار بار ئىدى. لېكىن بۇ پرىنسىپلارنىڭ ئارقىسىدا « ئۆزگەرمەس بىر قىممەت قاراش تىزگىنى » بولمىغانلىقتىن رېئال ھاياتتا ئىجرا قىلىنالمىغان ياكى بۇ پرىنسىپلارنى كۈچلۈكلەر ۋە زالىملار بەلگىلەيدىغان بولغانلىقتىن، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرەتتى. قۇرئان ۋەز قىلغان بۇ ئۇرۇش ئەخلاقى، ئۆز ئىچىدە تولۇق بولغان بىر قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ئۇرۇش ئەخلاقى ھەققىدە توختالغان ئىلاھىي كۈچ ھەممىدىن ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەخلاقى پرىنسىپلار بۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تارتىپ ھەممە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى، قۇرئان ۋەز قىلغان ئۇرۇش ئەخلاقىغا ھەممىدىن بەك رىئايە قىلغۇچىلارنىڭ ۋەھىينىڭ تۇنجى ئوبېكتى ۋە ساھابىلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ۋەھىي پەقەت ئۇرۇش ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەنلا قالماستىن، ئوبېكتلىرىدا ئاكتىپ ۋە جانلىق بىر ۋىجدان بەرپا قىلغان ھەمدە ئۇ ۋىجدانغا ئادالەت ۋە مەرھەمەتنى دائىم تەۋسىيە قىلىپ تۇرغان. بىر تەرەپتىن ھەقلىق بولغۇچىنىڭ كۈچلۈك بولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچ - قۇدرەت تاپقان ھەق ۋە ھەقلىق بولغۇچىنىڭ ئالدىغا « كۈچ ئەخلاقى »نىڭ پرىنسىپلىرىنى قويغان ئىدى.
ئەنفال سۈرىسى ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك « جەڭ غەنىيمەتلىرى » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ:
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَنْفَالِ قُلِ الْأَنْفَالُ لِلَّهِ وَالرَّسُولِ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَصْلِحُوا ذَاتَ بَيْنِكُمْ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن ئولجىلار توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى: «ئولجىلار (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا مەنسۇپتۇر، ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تۈزەڭلار، سىلەر (راست) ئىمان ئېيتقۇچى بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار»(1).
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىنلا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ كېلىشى قۇرئان دېمەكچى بولغان « ئۇرۇش ئەخلاقى »نىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر قىممەت قاراشلار ئۈچۈن تىپىك بىر بىشارەتتۇر:
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آَيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ (2) الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ (3)
ئاللاھ تىلغا ئېلىنغاندا قەلبلىرى تىترەيدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، رەببىگىلا تايىنىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر(2). ئۇلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل-مالدىن خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ(3).
ئەنفال سۈرىسى ئۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە يېپىق ھالدا ئىپادىلىگەن ئايەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. مانا ئۇلاردىن بىرى:
وَإِنْ جَنَحُوا لِلسَّلْمِ فَاجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (61) وَإِنْ يُرِيدُوا أَنْ يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ اللَّهُ هُوَ الَّذِي أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِ وَبِالْمُؤْمِنِينَ (62)
ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تايانغىن. ئاللاھ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(61). ئەگەر ئۇلار (سۈلھى-سالا ھىيلىسى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، (بىلگىنكى) ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى(62).
ئۇ دەۋردە ئۇرۇشلار بىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئۇرۇشلار جەڭخۇمارلار ئۈچۈن ئالتۇندەك تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت ئىدى. بۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ كۆپ غەنىيمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايتتى. بۇ پرىنسىپسىز ئۇرۇشلاردا كىم نېمىنى ئولجا ئالسا بۇ ئۇنىڭ بولاتتى. ئۇ دەۋردىكى ئۇرۇشلاردا بىر خىل « بۇلاڭ - تالاڭ » ئەنئەنىسى ھاكىم ئىدى. بۇ ئامىل ئۇرۇشخۇمارلارنى بىر ئۆلۈم ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، كۆزىنى تېخىمۇ كۆپ غەنىيمەتكە تىككەنلەر « ئۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش يوللۇق بولغان بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلەتتى. يەنى، كۆزى ئۇرۇشتا ئالىدىغان غەنىيمەت-ئولجىدا بولغان بىر كىشى ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ غەنىيمەت ئىدى. بۇ چۈشەنچە، كىشىدىكى ئۆلتۈرۈش خىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق يوق ھېسابتىكى ۋىجدانىنى بېسىپ تۇراتتى. بۇ چۈشەنچە كىشىدە قارشى تەرەپتىكى كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىر جان ئىگىسى ئەمەس، ئەكسىچە قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرسە ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر ۋاستە تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى. بۇ سەۋەبتىن، بىر جانغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزىمەس نەرسە ھېسابلىنىدىغان ئولجا ئۈچۈن قارشى تەرەپنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرەتتى.
مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇرۇشنى « تالان - تاراج »، ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنى بىر ئۆلۈم ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى « جەڭ غەنىيمەتلىرىنى » قانۇنلۇق ( ئادىل ) تەقسىمات بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىدى. قۇرئاندا بۇ سۈرە ۋە باشقا سۈرىلەردە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نەرسە مانا بۇ ئىدى. قۇرئان « تالان - تاراج » ئاساسىغا قۇرۇلغان « غەنىيمەت ئولجا ئالغۇچىغا ئائىت » چۈشەنچىسىنى مەنئى قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جەڭ غەنىيمەتلىرىنى يوقسۇللار ۋە ئېزىلگەنلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى دەسسىتىدۇ:
وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِنْ كُنْتُمْ آَمَنْتُمْ بِاللَّهِ وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَى عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان، يەنى ئىككى قوشۇن (بەدىردە) توقۇنۇشقان كۈندە بەندىمىز(مۇھەممەت)گە بىز چۈشۈرگەن نەرسە(ۋەھىي)گە ئىشەنسەڭلار، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان ئولجىنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، رەسۇلغا، ئۇرۇق-تۇغقان– يېقىندىكىلەرگە، يېتىم-يېسىرلارغا، يوقسۇللارغا، يولدا-كوچىدا قالغانلارغا تەۋەدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر(41).
يۇقىرىدا ۋەھىينىڭ « ئەقىل بەرپا قىلىشى » ھەققىدە توختىلىشىمىز سەۋەبسىز ئەمەس. چۈنكى ئىنسانلىق تارىخىدا، ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلاھىي نېمەت بولغان ئەقىلگە قارىتىلغان ماختاش مانا بۇ سۈرىدە، ھەمدە تازا قىززىغان جەڭ سەھنىسى بايان قىلىنغان بۆلەكتىن كېيىنلا كەلمەكتە:
إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان، (ھەقىقەتكە قارشى) گاس، گاچا كىشىلەردۇر(22).
ئەسلىدە بۇ بىر جەڭ ئەمەس. تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بىر ئۇرۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە « ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ سائادىتىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلام » ئارىسىغا سېلىنغان بارلىق توساقلارنى چېقىپ تاشلاش تەشەببۇسىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەقەت ئەنفال سۈرىسنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن قۇرئاننىڭ ئەڭ سەرخىل ئايەتلىرىدىن بىر ئۆرنەكتۇر:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ (24) وَاتَّقُوا فِتْنَةً لَا تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْكُمْ خَاصَّةً وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ (25)
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرنى سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە چاقىرسا، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا كىرىدۇ. (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىسىلەر(24). سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئۆزىگە ئۇۋال قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالايىئاپەتتىن پەخەس بولۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر(25).
ئىنساننى مال - دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر دائىم ھۇشيار تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇرۇش ئەخلاقىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولغان ئاكتىپ بىر ۋىجدان بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ (27) وَاعْلَمُوا أَنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ وَأَنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ (28)
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە (تاپشۇرۇلغان) ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار(27). بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ پۇل-ماللىرىڭلار، ئەۋلادلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن پەقەتلا بىر خىل ئىمتىھان ۋاسىتىسىدۇر، ئەڭ كاتتا مۇكاپات پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر(28).
بەدىردە، پەقەت ئىككى ئاتلىق، قالغانلىرى پىيادە بولغان 300 گە يېقىن مۆمىن ئېرىشكەن زەپەر، ئۆزىدىن كېيىنكى مىڭ يىللار بويىچە داۋاملاشقان فەتىھلەر دەۋرىنىڭ باشلانغۇچى بولدى. بۇ ۋەھىي ۋە ئىماننىڭ زەپىرى ئىدى. بۇ زەپەر بىلەن باشلانغان ئىمان داۋاسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنى روياپقا چىقاردى. قۇرئان زەپەر كۈنىگە ۋەھىيگە بەرگەن سۈپەتنى بەردى: « يەۋمۇل فۇرقان » ( 41 ). يەنى « ھەق بىلەن باتىل بىر - بىرىدىن ئېنىق ئايرىلغان كۈن ». بۇ زەپەر، ئۇ كۈنگىچە شەخسى ئۇتۇقلار بىلەن داستانلار يازغان ئىسلام توپلۇمىغا « ئىسلام جامائىتى » كىملىكىنى بەردى. بۇ كۈندىن باشلاپ جېنىنى ھەقىقەتكە شاھىت قىلغان شەخسلەر ئەمەس، بىر جامائەت ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جامائەتنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى ھاكىم قىلىشى ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك ئىدى:
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ وَاصْبِرُوا إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن نىزالاشماڭلار، بولمىسا بوشىشىپ قالىسىلەر، كۈچ- قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ چىدامچان بولۇڭلار، ئاللاھ راستتىنلا (قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەي) چىدامچان بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر(46).
مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت يەر يۈزىدىكى بارلىق بايلىقلاردىنمۇ ئۈستۈندۇر. مېھرى- مۇھەببەت دۇنيانى بەرسىمۇ قۇربان قىلىنمايدىغان بىباھا قىممەت قاراشتۇر:
وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ لَوْ أَنْفَقْتَ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مَا أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ إِنَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى (ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن) بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ شانۇشەۋكەتلىكتۇر، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇر(63).
ئەنفال سۈرىسىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلايدىغان بولساق، « ئىمان ئەڭ چوڭ ئىمكاندۇر » دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى يارىتىلغان ھەر قانداق نەرسە كۈچىنى ئۆزىدىن ئالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئاللاھ تەئالاغا ياردەم قىلغانلار ئېرىشىدۇ. سۈرە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى سەۋەبكە ئەمەس، نەتىجىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىگە ئاغدۇرىدۇ. پەقەت ئۇرۇش ئەخلاقىنىلا ئەمەس، ئەخلاق ئۇرۇشىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە ھەق - باتىل ئۇرۇشىنى ھەرگىزمۇ سانغا، غەنىيمەتكە، زېمىن ئىشغال قىلىشقا ۋە ھەر قانداق دۇنياۋى مەنپەئەت ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەيدۇ.