ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سۆكۈپ چىقارغۇچىلار » ياكى « تارتىپ چىقارغۇچىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « نازىئات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ( خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىگە كىرىپ ئۇ يەردىن كۇپرىنى ) قاتتىق تارتىپ چىقارغۇچى( ئايەت)لار بىلەن » ( 1 ).
تىرناق ئىچىدە بېرىلگەن ئىگىدىن مەلۇم بولغاندەك، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەت، ئىگىسى نامەلۇم بۆلەكنىڭ بىرىنچى ئايىتىنى تەشكىل قىلماقتا. مۇپەسسىرلەر « تارتىپ چىقارغۇچىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « نازىئات »نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇ شەكىلدە چۈشەندۈرگەن. ئۇلار « پەرىشتىلەر، يۇلتۇزلار، ئوق ئاتقۇچى مۇجاھىتلار » ياكى « قەبزى قىلىنغان روھلار » دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ كەلىمىدە ئىپادىلەنگەن نامەلۇم ئىگىنى « پەرىشتىلەر » دەپ چۈشەندۈرۈش قۇرئانغا زىت كېلىدۇ. چۈنكى، قۇرئان پەرىشتىلەرنى « چىشى - قىز » دەپ قارايدىغان مۇشرىكلارنىڭ باتىل ئېتىقادىنى زۇخرۇف 19 - ئايەتتە رەت قىلىدۇ. « يۇلتۇزلار » ياكى « روھلار » دەپ چۈشەندۈرۈشمۇ يۇقىرىقىدەك خاتا. چۈنكى، بۇلارنى سۇبيېكتىپلىققا (يەنى مەلۇم كۈچ-قۇدرەتكە ) ئىگە قىلىش يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. ھالبۇكى ئايەتتە « مۇدەببىرات » دېيىلمەكتە. مۇدەببىر « باشقۇرغۇچى، ئىدارە قىلغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بۇ سۈرىگە ئوخشاش بولغان زارىيات، ئادىيات، ساففات، مۇرسەلات سۈرىلىرىنىڭ باشلىنىشىدا ئورۇن ئالغان ئىگىسى نامەلۇم سۈپەتلەرگە ئوخشاش ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش بۇ سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنىڭ ئاخىرەت بولۇشىنىڭ سەۋەبى بار. چۈنكى، ھەر نەرسىنىڭ بىر روھى بار، دۇنيانىڭ روھى ئاخىرەتتۇر.
سۈرە باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغاندىن كېيىن، ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلەك بايان قىلىنغان ( 6 - 14 ). ۋەھىي بۇ ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىلىرىنى « ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشقا » چاقىرماقتا. بۇ ئارقىلىق ياخشىلاردىن بولۇشنى بىر سېستىمىغا باغلىماقتا. خىتاب قىلىنغۇچىنى يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىككى دۇنيالىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا. چۈنكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئىنسانغا ئاللاھ تەئالاغا ئىشىنىشنى ئەسلىتىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ بولمىسا، ئىمان ئەخلاقىمۇ بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ قىلمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئىمانىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرىسى ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش. كىشى فىترىتىگە سادىق بولغان ئەھۋالدا ياخشىلاردىن بولالايدۇ. لېكىن، بۇ ياخشىلاردىن بولۇشنىڭ ئىزچىللىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش قىيىن. بۇلار بولماستىن ياخشىلاردىن بولۇش ھايات شەكلىگە ئايلىنالمايدۇ. ياخشىلىقنى ھاياتىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن « ئىمان » شەرت. ئىماننىڭ «تەۋھىد - نۇبۇۋۋەت – ئاخىرىرەت»تىن تەشكىل تاپقان ئۈچ ئامىلىدىن ئەڭ غەيب بولغىنى « ئاخىرەت » بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتكە ئىماندۇر. ئاخىرەتكە ئىمان، بىر كىشىنىڭ بىر ياخشىلىقنى بىرەر غەرەز ياكى مەنپەئەت تەمەسىدىن خالىي ھالدا قىلىشىنىڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ كاپالىتى بولىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان بولماستىن قىلىنغان ياخشىلىق، يا بىرەر غەرەز ياكى مەنپەئەت ئۈچۈن بولىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان بىرسى ياخشىلىقنى « خەير » ئۈچۈن قىلىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتماستىن ياخشىلىق قىلغۇچىغا ئاخىرەتتىن بىر نېسىۋە يوق. چۈنكى، ھېچكىم ئاچقۇزمىغان بىر ھېسابتىن كىرىم تەلەپ قىلالمايدۇ.
سۈرە ئىگىسى نامەلۇم سۈپەتلەر بىلەن ۋەھىينى ئىما قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ:
وَالنَّازِعَاتِ غَرْقًا (1) وَالنَّاشِطَاتِ نَشْطًا (2) وَالسَّابِحَاتِ سَبْحًا (3) فَالسَّابِقَاتِ سَبْقًا (4) فَالْمُدَبِّرَاتِ أَمْرًا (5)
«( خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىگە كىرىپ ئۇ يەردىن كۇپرىنى ) قاتتىق تارتىپ چىقارغۇچى( ئايەت)لار بىلەن (1)، ( مۆمىنلەرنىڭ قەلبىگە) خۇشبىشارەت بىلەن تولۇپ تاشقان ئۈمىدنى سالغۇچى ( رەھمەت ئايەتلىرى ) بىلەن (2)، ( ئالەم بوشلۇقىدا ) مېڭىۋاتقۇچى (پىلانىت) لار بىلەن (3)، (ياخشى ئىشلاردا) بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكۈچىلەر بىلەن (4)، (ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى) باشقۇرغۇچى (پەرىشتە) لەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (5).»
ئاندىن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەك باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى مۇسا ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىنى رەت قىلغان پىرئەۋننىڭ قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ:
« ئاخىرى ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئازاب- ئوقۇبەت بىلەن قاتتىق جازالىدى » ( 25 ).
سۈرىدە يەنە، سۆز ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەرگە ئىشەنمەيدىغانلارغا تەبىئەت ۋە كائىنات ئايەتلىرى كۆرسىتىلگەن ( 27 - 33 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز يەنە قىيامەتكە كېلىپ توختايدۇ ۋە ئىنسانغا ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچكىم خەۋەر بېرەلمەيدىغان، كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئايەتلەر بىلەن سۈرە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچى ئېڭىدا ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھايات ياشاش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ:
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا (42) فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا (43) إِلَى رَبِّكَ مُنْتَهَاهَا (44) إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرُ مَنْ يَخْشَاهَا (45) كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَاهَا (46)
«(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورىشىدۇ (42). سەن ئۇنى قانداقمۇ بىلەلەيسەن؟ (43) ئۇنى بىلىش رەببىڭگە خاستۇر (44). سەن پەقەتلا قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇرسەن (45). ئۇ (كاپىر) لار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەنلا ياشىغاندەك ھېس قىلىدۇ (46).»