ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە قەدىمى مۇسھەب، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە « نەبە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىككىنجى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « نەبە » كەلىمىسى « مۇھىم ۋە بۈيۈك خەۋەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. « خەۋەر » كەلىمىسىمۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بۇ ئىككى سۆز ئارىسىدىكى پەرق مۇنداق:
خەۋەر كەلىمىسى مۇھىم بولسۇن-بولمىسۇن ھەر خىل خەۋەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
نەبە كەلىمىسى، پەقەت مۇھىم ۋە ئاڭلىغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئاڭلىغۇچىنى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە، ئىنكاس بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدىغان خەۋەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۈرە ئىسمى بولغان « نەبە » ئەلۋەتتە ئاخىرقى سائەت ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ.
سۈرە بۇخارى ۋە بەزى تەپسىرلەردە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان. قۇرتۇبى « سۇرەتۇ ئەممە » دەپ ئاتىغان.
نەبە ۋە نازىئات سۈرىلىرى مۇسھەبتە ۋە نازىل بولۇش تەرتىپىدە ئارقىمۇ - ئارقا تىزىلغان. مەشھۇر بولغان قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپىدە مەئارىج - نازىئات سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىدە مەزمۇن جەھەتتىن نازىل بولغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىپ ئۇچى يوق. ئەمما، سۈرىنىڭ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ھەققىدىكى بايان بىلەن باشلىنىشىنى نازىل بولۇش مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز.
نازىل بولۇش تەرتىپىگە ئاساسەن سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ 7 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەت بۇ قارىشىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ:
« قۇرەيشلىكلەر ئولتۇرۇپ نازىل بولغان قۇرئان ئايەتلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەستىق قىلغانلارمۇ، يالغانغا چىقارغانلارمۇ چىقاتتى. مانا بۇ ۋاقىتتا بۇ سۈرە نازىل بولدى ».
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىنساننىڭ ئەبەدى ئاقىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنساندا ھېسابىنى بېرەلەيدىغان بىر ھاياتنى ياشىشى ئۈچۈن، ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان جاۋابكارلىق - ئاخىرەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى؛ بۇ ئارقىلىق ئىنساننى مەيلى سۆز-ھەرىكىتى ياكى چۈشەنچىسى جەھەتتىن بولسۇن، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
سۈرە قايتىدىن تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلىق بىر بالاغەت تىلى بىلەن باشلىنىدۇ:
عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ (1) عَنِ النَّبَإِ الْعَظِيمِ (2) الَّذِي هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ (3) كَلَّا سَيَعْلَمُونَ (4) ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ (5)
« ئۇلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟ (1). ئۆزلىرى ھەرخىل پىكىردە بولۇۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) بىر چوڭ خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ (2)-(3). ھەرگىز (ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئۇلار (قىيامەتنىڭ راستلىقىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ (4). ھەرگىز (ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئۇلار (قىيامەتنىڭ راستلىقىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ (5).»
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، ئىنسانغا بېرىلگەن نېمەتلەر ئەسلىتىلىدۇ: « ئۇيقۇڭلارنى ئۆلۈم (نىڭ سىمۋولى ) قىلدۇق » ( 9 ) ۋە « كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق » ( 11 ) دېگەن ئايەتلەر بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا.
سۈرىدە ئىلاھىي مۇكاپات ۋە جازا تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ ( 21 - 40 ). بۇ بۆلەكتە كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان جەننەت ۋە جەھەننەم ھەققىدە تەسۋىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بىر ئەسەرى. چۈنكى، ۋەھىي پۇرسەت قولدىن كېتىشتىن بۇرۇن، خاتادىن قايتىشقا پۇرسەت بار ۋاقىتتا ئىنساننى ئەقلى- ھۇشىنى تېپىشقا ۋە يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلىنىشكە دەۋەت ئۈچۈن نازىل قىلىنغان.
سۈرە، ئىنكار قىلغان ھېساب كۈنى بىلەن يۈزلەشكەن بىر ئىنكارچىنىڭ پۇشايمانلىق چىقىپ تۇرىدىغان شۇ ئاچچىق نىداسى بىلەن ئاخىرلاشقان:
يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
« كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ! » ( 40 ).