ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئەۋەتىلگەنلەر » مەنىسىدىكى « مۇرسەلات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتىلگەن (پەيغەمبەرلەر) بىلەن قەسەم قىلىمەن » ( 1 ).
مەزكۇر سۈرە ئادىيات، زارىيات، نازىئات ۋە ساففات سۈرىلىرى بىلەن ئىسىم ۋە باشلىنىش جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە سۈرە « ۋەل مۇرسەلاتى ئۇرفەن » دەپ ئاتالغان ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). ئىبنى ئابباس بۇ سۈرىنى ئوقۇغاندا « ناماز شامدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىغان سۈرە بۇ ئىدى » دەپ كۆز يېشى قىلغان. يەنە ئىبن مەسئۇد رەسۇلۇللاھنىڭ نامازلاردا سۈرىلەرنى بىللە ئوقۇغانلىقىنى، بەزىدە بىر رەكەتتە رەھمان بىلەن نەجم سۈرىسىنى، ئىككىنجى رەكەتتە ئىقتەرەبە ( ئەنبىيا ) بىلەن ھاققە سۈرىسىنى، بەزىدە ئەممە يەتەسائەلۇن ( نەبە ) بىلەن مۇرسەلات سۈرىسىنى بىرگە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىبن مەسئۇدتىن كەلگەن رىۋايەت بىزگە سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن:
« بىز مىنادىكى بىر غاردا ( مەخپىي ھالدا ) رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشقان ئىدۇق، بۇ سۈرە (شۇ چاغدا) نازىل بولغان » ( بۇخارى ).
بۇ رىۋايەتتىن بۇ ۋاقىتنىڭ دەۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىل رىسالەتنىڭ 5 - يىلىغا توغرا كەلمەكتە.
مەزكۇر سۈرىدە ۋەھىي ۋە قايتىدىن تىرىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان. ۋەھىي ئەقىلنىڭ، ئاخىرەت دۇنيانىڭ روھىدۇر. سۈرە بۇ ئىككى ئامىلغا جان بەرگەن ئايەتلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاخىرقى سائەت، قىيامەت، قايتىدىن تىرىلىش، ھېساب كۈنى، مۇكاپات ۋە جازا قاتارلىق تەپسىلاتلار بىلەن ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئىستىقبالى ھەققىدە توختالغان.
سۈرە ئادىيات، نازىئات، زارىئات ۋە ساففات سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئېنىقلىغۇچىسىز سۈپەتلەر بىلەن باشلىنىدۇ:
وَالْمُرْسَلَاتِ عُرْفًا (1) فَالْعَاصِفَاتِ عَصْفًا (2) وَالنَّاشِرَاتِ نَشْرًا (3) فَالْفَارِقَاتِ فَرْقًا (4) فَالْمُلْقِيَاتِ ذِكْرًا (5) عُذْرًا أَوْ نُذْرًا (6)
« ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتىلگەن (پەيغەمبەرلەر) بىلەن قەسەم قىلىمەن (1). شىددەت بىلەن چىققۇچى (بورانلار) بىلەن قەسەم قىلىمەن (2). (ئىلاھىي ئۇچۇرنى) تارقاتقۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەن (3). (ھەق بىلەن باتىلنى) ئايرىغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەن (4). (بەندىلەرگە) بانا-سەۋەپ قالدۇرماسلىق ياكى (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن (ۋەھىينى) ئېلىپ چۈشكۈچى (پەرىشتىلەر) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (5)-(6). »
سۈرىدە قىيامەت ۋە ئاخىرەت قايتا - قايتا تەكرارلانغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مەزكۇر سۈرىدە دەل ئون قېتىم تەكرارلىنىپ ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن بايانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ:
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
« (ھەقنى) يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! » ( 15 ).
سۈرىدە ئاخىرقى سائەتتە مەيدانغا كېلىدىغان ئىلاھىي بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى جانلىق تەسۋىرلەنگەن ( 7 - 10 ).
ئاندىن كېلىشى مۇتلەق بولغان ھۆكۈم كۈنى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئېغىر كۈننىڭ قاتتىقلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئىلگىرىكى ئىنكار قىلغۇچى قوۋملارنىڭ ئاقىۋىتى، ئىنساننىڭ ئەسلى، قايتىدىن تىرىلىش ۋە بېرىلگەن نېمەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، ئاللاھ تەئالادىن كەلگەن ھەقىقەت (يەنى ۋەھىي )نى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتتە كۈتۈپ تۇرغان ئازاب جانلىق تەسۋىرلەر بىلەن بايان قىلىنغان، ئىنكارچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ ياخشى ئىش-ھەرىكەتتە قىلغۇچىلارغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتىن خۇش بىشارەت بېرىلگەن ( 11 - 49 ).
ۋاستىلىق ھالدا ۋەھىينى ئىما قىلىپ باشلىغان سۈرە يەنە ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:
فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
« ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمىگەن بولسا، (ئۇنىڭدىن باشقا)قايسى سۆزگە ئىشەنمەكچى؟ » ( 50 ).