ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغان « ئىنسان » ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ سۈرە، ئىسمىنى مەزكۇر سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن ئالغان:
« ئىنسان( تارىخ سەھنىسىگە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا) نامەلۇم ۋە ئۇزۇن بىردەۋر بېشىدىن ئۆتمىدىمۇ؟ ئۇ بۇ مۇددەت ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك نەرسە ئەمەس ئىدى » ( 1 ).
قۇرئاندا ئىنسان ئىسمى بېرىلگەن بىر سۈرىنىڭ بولىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
بۇخارىدىكى بىر رىۋايەتتىن مەزكۇر سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە « ھەل ئەتا ئەلەل ئىنسان » سۈرىسى دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بەزى مۇسھەبلەردە « بارلىق دەۋرلەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « دەھر » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغانمۇ ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانمۇ؟ بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئەبى تەلھە، قەتادە ۋە مۇقاتىل مەككىدە نازىل بولغان دېگەن. ھافاجى بۇ قارىشىنى جۇمھۇر ئۆلىمالاردىن ئالغانلىقىنى ئىما قىلغان. مۇجاھىد ۋە باشقىلار مەزكۇر سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. مەدىنىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەر، 8 - ئايەتتىكى « ئەسىران » كەلىمىسىنى « ئۇرۇش ئەسىرى » دەپ چۈشەنگەن ۋە ئەنسارلاردىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن نۇزۇل سەۋەبى رىۋايەتلەرنى ئىتىبارغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن قولىمىزدىكى مۇسھەبلەردە سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان تالاق سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان.
ھالبۇكى، ساھابىلەر بەزىدە بىر ئايەت ياكى بىر بۆلەك ھەققىدە، نازىل بولۇپ نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدىنىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى نۇزۇل سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. ساھابىلەر بۇ ئارقىلىق قۇرئانغا بىر قېتىم نازىل بولۇپ تۈگىگەن تېكىست نەزىرى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە تېكىستى بىر قېتىم نازىل بولغان، مەنىسى چەكسىز نازىل بولىدىغان جانلىق بىر خىتاب نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ خىل رىۋايەتلەرنى نازىل بولۇش سەۋەبى دەپ چۈشۈنىۋېلىش، ساھابىلەرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشتىن باشقا، رىۋايەتلەرگە شەرتسىز تەسلىم بولۇش پوزىتسىيىسىنىڭ جانلىق نامايەندىسىدۇر. ساھابىلەرنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئاساسىدا، بىزمۇ بىر مۇنچە ئايەتنىڭ نۇزۇل سەۋەبىنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەلەيمىز.
سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى، مەزمۇنى ۋە بالاغىتى شۈبھىسىز مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى، ھەتتا دەسلەپكى مەزگىللەردە نازىل بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. سۈرە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسھەبىدە قىيامەت سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان. بۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان ۋە قىيامەت سۈرىلىرىنى نامازدا بىرگە ئوقۇغانلىقى رىۋايىتىنى كۈچلەندۈرمەكتە ( ئەبۇ داۋۇد ). سۈرە رىسالەتنىڭ 5 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى بىلەن ئىنسان ۋە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ بەلگىلىگۈچى رولىنى ئاساسىي تېما قىلغان.
سۈرە تاكامۇللىشىش قانۇنى ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغان بولۇپ، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولغان ئىنساننىڭمۇ تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان ( 1- ئايەت). ئاندىن ئىنسان ئەۋلادىنىڭ « نۇتفە ( ئەر - ئايال مەنىسىنىڭ بىرلەشمىسى ) » دىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان:
إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
« بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى (ئەر-ئايالنىڭ) ئارىلاشما ئىسپېرمىسىدىن ئاپەرىدە قىلدۇق.بىز ئۇنى سىنايمىز، شۇڭا ئۇنى ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق » ( 2 ).
ئىلاھى تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىگە تەۋە بولغان ئىنساننىڭ پەقەت بىرلا تەقدىرى بار، يەنى « تاللاش ». مانا بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت جاكارلىماقتا:
إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
« ھەقىقەتەن، بىز ئۇنىڭغا (ياخشى-يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا مىننەتدار بولغۇچى بولىدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ » ( 3 ).
ھەر نەرسىنىڭ روھى بولغاندەك، ئاخىرەتمۇ بۇ دۇنيانىڭ روھىدۇر. ئىنسان ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكى تاللاشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. جازا ياكى مۇكاپات، ئىنساننىڭ ئۆز ئەمەللىرى بىلەن قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىسىدۇر ( يەنى قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ. نېمە تېرىسىڭىز، شۇنى ئالىسىز ) ( 4 - 22 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا، ۋاستىلىق ھالدا مۆمىنلەرگە قارىتىلغان خىتاب ئارقىلىق كۇفرىغا قارشى مۇستەھكەم تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتكەن ( 23 - 28 ). ئۇنىڭدىن كېيىن ئىرادە ھەققىدە توختىلىپ، ئىنساننىڭ خالىشى ( تاللىشى )نى ئاللاھ تەئالانىڭ ئىرادە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان:
إِنَّ هَذِهِ تَذْكِرَةٌ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَى رَبِّهِ سَبِيلًا (29) وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا (30) يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ وَالظَّالِمِينَ أَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا (31)
« شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئەسلەتمە-ۋەز-نەسھەتتۇر. خالىغان ئادەم رەببى تەرەپكە (بارىدىغان) يولنى تۇتسۇن (29). سىلەرنىڭ خالىشىڭلار پەقەت ئاللاھ ياراتقاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (30). ئاللاھ خالىغىنىنى مېھىر شەپقىتى ئاستىغا ئالىدۇ، زالىملارغا بولسا (ئۇ دۇنيادا) ئېچىنشلىق ئازاب-ئوقۇبەتنى تەييارلىدى (31).
كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىرادىگە بۇرىغان ھالدا باشلانغان بۇ سۈرە، يەنە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىرادىگە تارتىش بىلەن ئاخىرلاشقان.