ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى سۈرە « مۇددەسسىر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. يەنى:
« ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە يۆگۈنۈۋالغۇچى (مۇھەممەت!) (1). ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ (ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرغىن (2)».
مۇددەسسىر كەلىمىسى قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنغان.
سۈرە ئەڭ باشتا نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، بۈۋى ئائىشەدىن كەلگەن رىۋايەتتە، « ۋەھىي ئۈزۈلۈش ھادىسىسى »دىن كېيىن نازىل بولغان ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). جابىر بىن زەيد رىۋايىتىمۇ يۇقىرىدىكى رىۋايەت بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ( مۇسلىم ).
رىۋايەتكە قارىغاندا رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە ( فەترەتۇل ۋەھىي ) ناھايىتى قايغۇرغان ۋە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان. بۇ ھادىسە ئارقىلىق ۋەھىينىڭ ئېغىرلىقى ئاستىدا بېلى پۈكۈلگەن پەيغەمبەرگە، ۋەھىيسىز قېلىشنىڭ نەقەدەر ئىزتىراپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. فەترەتۇل ۋەھىي دەپ ئاتالغان بۇ ھادىسە، ئىلاھىي تەربىيىلەشنىڭ بىر پارچىسى بولغانىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ 3، 13، 15، 25، 40 كۈن، ياكى 6 ئاي ۋەياكى ئىككى يېرىم يىل داۋاملاشقانلىقىغا دائىر خىلمۇ-خىل رىۋايەتلەر بار.
بۇ مۇددەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىنىشى لازىم. 3، 13، 15 ياكى 25 كۈنلۈك بىر مۇددەت « فەترەت » دەپ ئاتاشقا لايىق ئەمەس. چۈنكى 6000 دىن ئارتۇق ئايەتلىك بىر خەۋەر 23 يىللىق بىر زاماندا نازىل بولغان. بۇ نۇقتا نەزەردە تۇتۇلغان ئاساستا چىقىرىلىدىغان ۋەھىي - زامان نىسبىتىگە ئاساسەن ئۈچ - بەش ھەپتىلىق بىر مۇددەت ئۈزۈلۈش ئەمەس، ئەكسىچە نورمال تەربىيە مۇددىتىگە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت بولغان ئىككى يېرىم يىللىق مەزگىل ھەققىدىكى رىۋايەت كىشىنى ئىشەندۈرىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. ئەگەر بۇنداق بولغان بولسا ئىدى، 3، 13، 15، 25 كۈن دېگەندەك رىۋايەتلەر بولمايتتى. بۇ ئىككى مۇددەت ئارىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بار.
بۇ ئۈستىگە ۋەھىيدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى ئالغۇچىنىڭ بۇ يۈك بىلەن راھەت ئۇخلىيالمايدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. رەسۇلۇللاھقا ئۈستىگە ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياتقان پاسسىپ ياخشىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشى قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.
بۇ ۋەقەنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن. يەنى، ۋەھىينىڭ باشلىنىش جەريانىدا رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالدى، دەپ ئەندىشىگە پاتقان. زۇھا 3- ئايەت بۇنىڭ شاھىتى. بۇ ئەندىشىمۇ بىر رەھمەت بولغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ۋەھىيدىن ئۇزاق قېلىشتىن تۇيۇلغان ئازاب، ۋەھىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن تارتقان مۇشەققەتتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. رەسۇلۇللاھنى ئەنسىرەتكەن نەرسە ۋەھىي جەريانىدا يۇلۇقىدىغان بىر نەچچە ئايلىق توختاش ئىدى. لېكىن ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش زىچلىقى تېخى ئېنىق مەلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋال فەترەت - ئۈزۈلۈش دەپ قارالغان.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بارلىق تەرتىپلەردە مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. دېمىسىمۇ بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا قۇرئاننىڭ قوشماق قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىسىغا ( مەسانى ) ماس بىر مۇناسىۋەت بار.
مۇززەممىل سۈرىسى ئىنساننىڭ ھەرىكەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، مۇددەسسىر سۈرىسى كىشىنىڭ سۆز ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
سۈرە مەزمۇنىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا، بۇ سۈرە فاتىھە، ئەلەق، زۇھا ۋە مۇززەممىل سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان 5 - سۈرە دەپ قاراشقا بولىدۇ. « كاپىرلار » خىتابىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىمۇ بۇ تىزىلىشنى توغرىلايدۇ ( 10 ).
سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن قۇرئاننىڭ كىچىك كۆزنىكىگە ئوخشايدۇ. ئالدىنقى يەتتە ئايەتتە يەتتە بۇيرۇق ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ، سۈرىنىڭ خىتاب قىلىنغۇچىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈرىنىڭ « ئورنۇڭدىن دەستۇر! » خىتابى بىلەن باشلىنىشى، ئۈستىگە ۋەھىيدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى ئالغۇچىنىڭ بۇ يۈك بىلەن راھەت ئۇخلىيالمايدىغانلىقى ئىما قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياتقان پاسسىپ ياخشىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشى قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.
يَاأَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ (1) قُمْ فَأَنْذِرْ (2) وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ (3) وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ (4) وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ (5) وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ (6) وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ (7)
« ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە يۆگۈنۈۋالغۇچى (مۇھەممەت!)
ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ (ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرغىن!
رەببىڭنى ئۇلۇغلا!
كىيىمىڭنى پاكىزە تۇت!
(ماددى ۋە مەنىۋى) مەينەتچىلىكتىن يىراق تۇرغىن!
قىلغان ياخشىلىقىڭنى كۆپ ساناپ مىننەت قىلمىغىن، رەببىڭ ئۈچۈن چىداملىق بولغىن! »
بۇ ئايەتلەر ( 1 - 7 ) خىتاب قىلىنغۇچىغا يول كۆرسەتكۈچ ماھىيىتىدە بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرىماقتا.
8 - 9 - 10- ئايەتتە ھېساب كۈنىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسئۇلىيەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئەسلىتىلمەكتە.
بۇ بۆلەكتىن كېيىن تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلار ئارىسىدا ئورۇن ئالغان شەخس ئۈستىدىن ئىنكارچى ئەقىلگە خىتاب قىلىنغان. بۇ ئىنكارچى ئەقىل، ئاللاھ ئېمتىھان قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈك ۋە پەرزەنتنى ئاللاھ تەئالاغا قارشى چىقىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا ئىشلەتكەنىدى ( 11 - 17 ).
سۈرىدە ئورۇن ئالغان دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە خۇدىنى يوقاتقان ئىنكارچى ئەقىل، تۆۋەندىكى بۆلەكتە شۇنداق جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىز خۇددى ئۇنى ئۆز دەۋرىمىز ۋە ماكانىمىزدا كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمىز:
إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ (18) فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (19) ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (20) ثُمَّ نَظَرَ (21) ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ (22) ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ (23) فَقَالَ إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ (24) إِنْ هَذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ (25)
ئۇ (قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى ۋە (قانداق قارا چاپلاشنى) پىلانلىدى
ھۇ ئۆلگۈر، قانداق پىلان تۈزدى؟
ئاندىن كېيىن ھۇ ئۆلگۈر، قانداق پىلان تۈزدى؟
ئاندىن ئۇ (ئەتراپقا) باقتى
ئاندىن ئۇ قۇشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۇرۇشتۇردى
ئاندىن ئۇ (ھەقىقەتتىن) باش تارتىپ تەكەببۇرلۇق قىلدى- دە، «بۇ پەقەت ئۆتمۈشتىن مراس قالغان سېھىر-كۆزبۇيامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەت ئىنساننىڭ سۆزىدۇر» دېدى ( 18 - 25 ).
بۇ بۆلەكتە تەپسىلىي بېرىلگەن تەسۋىر، تەسۋىرلەنگۈچىنىڭ تارىخى كىملىكىدىن بەكرەك، تەپەككۇر شەكلىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ.
مانا بۇ، ۋەھىينىڭ زامانلار ۋە ماكانلارنى ھالقىغان بايانىدۇر. ۋەھىي مۆمىندە، ئۇ خىل كىشىلەرنى قەيەردە ئۇچرىتىشىدىن قەتئىينەزەر تونۇۋالالايدىغان بىر ئەقىل-پاراسەت يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاينى، كېچىنى ۋە سەھەرنى شاھىت قىلىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىمۇ دەل بۇ سەۋەبتىن.
كَلَّا وَالْقَمَرِ (32) وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ (33) وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ (34)
«ياق، ئاي شاھىت بولسۇن (32). ئۆتۈپ كەتكەن چاغدىكى كېچە شاھىت بولسۇن (33). ئاقارغان چاغدىكى تاڭ سەھەر شاھىت بولسۇنكى (34). »
يۇقىرىدا تەپەككۇر شەكلى تەسۋىرلەنگەن باياشاتچىلىق ئىچىدە خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان تەكەببۇر ئىنكارچى ئەقىلنىڭ، ئۆزى تولۇق ئىشەنمەيدىغان ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆزىگە قۇتقازغۇچى- شاپائەتچى پەيدا قىلىش سەۋداسى قاتتىق بىر تىل بىلەن رەت قىلىنىدۇ:
فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
« (ئۇلار ئىلگىرى سۈرۈشكەن) شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ » ( 48 ).
49 - 51 - ئايەتلەر قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى ئەقىلنىڭ قۇرئانغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئىچىدىكى ھەسەتنىڭ ئۇلارنى قايسى ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقى بايان قىلىنغان.
فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ (49) كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُسْتَنْفِرَةٌ (50) فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ (51)
« ئۇلارغا نېمە بولدىكىن ئەسلەتمە-ۋەز- نەسھەتتىن يۈز ئۆرىۋاتىدۇ؟ (49). ئۇلار گويا يولۋاستىن قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ » ( 49 -51 )
54 - 55 - ئايەتلەردە، قۇرئاننىڭ ئەسلەتمە،ۋەز - نەسىھەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن خالىغانلارنىڭ ۋەز نەسىھەت ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
كَلَّا إِنَّهُ تَذْكِرَةٌ (54) فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ (55)
« مۇقەررەركى، ئۇ (قۇرئان) بىر ئەسلەتمە-ساۋاقتۇر (54). خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالىدۇ (55). ».
56 - ئايەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ زاتى ۋە چەكسىز مەرھەمىتىنىڭ ئىپادىسى بولغان رەھمىتى بايان قىلىنىپ، مۆمىنلەرگە ئاللاھ تەئالادىن نائۈمىد بولماسلىق ئىما قىلىنغان ھالدا ئاخىرلاشقان.
وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَى وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ (56)
« ئۇلار ئاللاھ خالىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن ساۋاق ئالالايدۇ، ئاللاھ تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا، ئەپۇ - مەغپىرەت قىلىشقا ئەڭ لايىق زاتتۇر ».