ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
مۇززەممىل « زىممىسىگە ئېغىر يۈك ئالغۇچى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئىسىم قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدىلا ئىشلىتىلگەن:
« ئى زىممىسىگە ئېغىر يۈك ئالغۇچى (پەيغەمبەر!) (1). كېچىنىڭ كۆپ قىسىمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ (كېچە نامىزى ئوقۇغىن) ۋە قۇرئاننى (سالماقلىق بىلەن) دانە-دانە ئوقۇغىن (2)-(4).»
ئۇ ( ۋەھىي ) مۇززەممىلدۇر. چۈنكى ئۇنى تاغلارمۇ ئېلىشتىن يالتايغان « ئېغىر بىر سۆز » ئىدى.
« بىز يېقىندا ساڭا ھەقىقەتەن (مەسئۇلىيىتى) ئېغىر سۆز (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلىمىز » ( 5 ).
مۇززەممىل بىلەن مۇددەسسىر بىرى - بىرىنىڭ زىتىدۇر. مۇززەممىلنىڭ يىلتىز پېئىلى بولغان تەزەممەلە « ئۈستىگە بىر نەرسە ئالدى »، مۇددەسسىرنىڭ يىلتىز پېئىلى بولغان تەدەسسەرە « ئاستىغا بىر نەرسە ئالدى -سالدى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈستىگە ئالغان يۈك ئىنسان يۈكىدۇر. بۇ يۈكنى ئۈستىگە ئالغۇچى يۇمشاق كۆرپىدە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. بىرىنچىسى ۋەھىينىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ زىممىسىگە ئارتقان مەسئۇلىيەتكە، ئىككىنجىسى « ياتقان پاسسىپ ياخشىنى، ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشىغا ئايلاندۇرۇش »قا دالالەت قىلىدۇ.
مۇززەممىل سۈرىسى، بەشىنچى ئايەتنىڭمۇ ئوچۇق دالالىتى بىلەن ئەڭ باشتا نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى ئالدىنقى 19 ئايەتتىن خېلىلا كېيىن نازىل بولغان. بۇ ئايەتنىڭ قانچىلىك مۇددەتتىن كېيىن نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئىبن ئابباسقا ئاساسلانغاندا بىر يىل؛ سەئىد بىن جۇبەيرغا ئاساسلانغاندا ئون يىلدىن كېيىن نازىل بولغان ( تەبەرى ). مۇتلەق كۆپچىلىك ئايەتتىكى « ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ » ئىبارىسىگە ئاساسەن ئاخىرقى ئايەتنى مەدىنىدە نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ كېلەچەك ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن بىر بىشارەتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا « ئەلىمە ئەن سە يەكۇن - ئۇ ( ئاللاھ ) نىڭ بىلىدىغانلىقى » ئىبارىسى بار. « سن » قوشۇمچىسى دالالەت قىلغاندەك، بۇ ئىبارە بولۇپ بولغان بىر ئىش ھەققىدە ئەمەس، بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بەرمەكتە.
مۇززەممىل سۈرىسى بىرىنچى گۇرۇپپىغا ئائىت بولغان ئەلەق، مۇددەسسىر، زۇھا، ئىنشىراھ ۋە قەلەم سۈرىلىرىگە ئوخشاش بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق پەقەت ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بارلىق دەۋرلەر ۋە ماكانلاردا ياشىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئۈلگىلىك شەخس تىكلەش نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ سەۋەبتىن سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىن باشقا ئايەتلەردە ئىككىنچى شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك ئالمىشى ئىشلىتىلگەن.
بۇ سۈرىدە خىتاب قىلىنغۇچىغا قارىتا 11 بۇيرۇق بار.
دەستۇر!
( ئۇيقۇنى ) ئازايت!
( قۇرئان ئوقۇشنى ) كۆپەيت!
ئالدىرىماي چۈشىنىپ ئوقۇ!
رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەت!
ئۆزەڭنى ئاللاھ تەئالاغا بېغىشلا!
رەببىڭگە تايان!
ساڭا قارىتا ئېيتىلغانلارغا سەۋرچان بول!
ئىنكارچىلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەت-ھىجرەت قىل!
ئىنكار قىلغۇچىلارنى ماڭا قويۇۋەت!
ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەركى،يايرىۋالسۇن!
بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆرنەك تىكلەش نىشان قىلىنغان. بۇ بۇيرۇقلارغا قارىغان ۋاقتىمىزدا ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن بىرىنچىسى « تۇر » بۇيرىقى بولۇپ، « كېچىنىڭ كۆپ قىسىمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ » ( 2 ).
كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: « قۇرئاننى (سالماقلىق بىلەن) دانە-دانە ئوقۇغىن » ( 4 ).
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە بۇ بۇيرۇقنىڭ سەۋەبى ئىزاھلانغان: « بىز يېقىندا ساڭا ھەقىقەتەن (مەسئۇلىيىتى) ئېغىر سۆز (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلىمىز » ( 5 ).
« نېمە ئۈچۈن كېچە؟ » دېگەن سوئال سورىلىشى مۇمكىن. بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى 6 - ئايەت بەرمەكتە: « ئەلۋەتتە ( شۇ ) كېچىدىكى تىرىلىش ناھايىتى چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ ۋە ئوقۇش جەھەتتىن قالدۇرىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ ».
سۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى رەسۇلۇللاھتىن ئۆزىنى ئاتىشىنى- بېغىشلىشىنى تەلەپ قىلغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر تەشكىل قىلماقتا:
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا (8) رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا (9)
« رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن ۋە بارلىقىڭنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغىن (8). ئۇ شەرقنىڭمۇ،غەبنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ-تەڭرى يوقتۇر، شۇڭا ئۇنى تايانچ قىلغىن (9).
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە، ۋەھىيگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارغا قارشى « سەبىر قىل! » ئەمرىنى بەرگەن ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنى ۋەھىينى يالغانغا چىقارغۇچىلارنى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىشقا، ئۇلار بىلەن ئاۋارە بولماسلىققا بۇيرۇيدۇ ( 10 - 11 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە پىرئەۋننىڭ ئاقىۋىتى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىنكار قىلىشقا تەمشەلگەنلەر ئاخىرقى سائەت-قىيامەت ۋە ئاخىرەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان ( 12 - 19 ).
ئاخىرقى ئايەتتە، باشتا بېرىلگەن كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرىدىن ئاز بولمىغان « ئوقۇش » ئەمرى يەڭگىللىتىلگەن بولۇپ، سۈرە ئىلاھىي رەھمەتنىڭ چەكسىزلىكى تەكىتلەنگەن ھالدا ئاخىرلاشقان.