ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىنىڭ « كۆرۈنمەس مەخلۇقلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەل - جىن ئىسمى بىرىنچى ئايەتتىن ئېلىنغان:
« (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، بىر تۈركۈم جىننىڭ قۇرئاننى ئاڭلاپ (ئۆز خەلقىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) مۇنداق دېيىشكەنلىكى ماڭا ۋەھىي قىلىندى: «بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق» ( 1 ).
سۈرىگە ئىسىم بولغان جىن، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مەخلۇق « ئىنس »نىڭ قارىمۇقارشىسىدۇر.
بۇخارىدا، سۈرە بىرىنچى ئايىتىنىڭ بىرىنچى كەلىمىسى بولغان « قۇل ئۇھىيە ئىلەييە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، قۇرەيش بايقۇتىدىن كېيىنكى مەزگىلگە، يەنى رىسالەتنىڭ 10 - يىلىدىكى تائىف سەپىرىگە توغرا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ بېسىمىدىن زېرىككەن بولۇپ، دەۋەت ۋەزىپىسىنى راھەت شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ماكان ئىزدەۋاتاتتى. بۇ ئىزدىنىشنىڭ تۇنجى بېكىتى مەككىگە خوشنا بولغان تائىف ئىدى. لېكىن، تائىف بېشىغا قونغان دۆلەت قۇشىنى بېشىدىن ئۇچۇرىۋەتكەنىدى. تائىفلىقلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى چالما كېسەك قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. تائىفتىن قايتىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈن ئىدى. چۈنكى، تائىفتىن چالما - كېسەك قىلىنغان ھالدا ھەيدەپ چىقىرىلغان بولۇپ، كېندىك قېنى تۆكۈلگەن مەككىگە كىرەلمىگەنىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا بىر « تەسەللى ھەدىيەسى » بولۇپ بۇ سۈرە نازىل بولغان. سۈرە، رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلىنمەيدىغان ئالەمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان « جىنلار بىلەن » مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى بىلدۈرگەنىدى. يەنى رەسۇلۇللاھقا « كۈچۈم تۈگىدى، يار رەببى! » دېگەن يەردە، رەببى « مەن ساڭا ياردەمگە كەلدىم بەندەم » دېگەنىدى.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى تەۋھىد بولۇپ، جاھىلىيەت ئىنسانىنىڭ جىنلارغا شىپى كەلتۈرگەن بارلىق نورمالدىن ھالقىغان چۈشەنچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. سۈرە، كۆرۈنمەس مەخلۇقلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا ۋاستە ئەمەس، ئىلاھىي يېتەكچىلىككە مۇھتاج مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. نازىل بولغان مەزگىلى ئىنساننىڭ شېئىر ۋە ھەر خىل سۆز سەنئىتىنى كاھىنلىق ۋە سېھىرگەرلىككە، بۇلارنى جىنلارغا باغلايدىغان بىر مەزگىل ۋە مۇھىت ئىدى. جىنلارنى ئىنساننى جازالايدىغان بىر ئىلاھىي كۈچ دەپ چۈشەندۈرەتتى ۋە كىشىلەرنى قورقىتاتتى ( ھۇد، 54 ). ئۇلارغا ئىلاھلىق سۈپەت بېرەتتى ( ئەنئام، 100 ). جىنلارنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىقىغا، ئىنسانغا پايدا ۋە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئاللاھ تەئالاغا سېغىنغاندەك جىنلارغا سېغىناتتى.
وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِنَ الْإِنْسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا
« ئەمەلىيەتتە ئىنسانلاردىن بەزى كىشلەر بەزى جىنلاردىن پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى » ( 6 ).
ھەتتا بىۋاستە جىنلارغا چوقۇنىدىغانلارمۇ بار ئىدى ( سەبە، 41 ). سۈرىدىكى جىنلارنىڭ قۇرئان تىڭشاش ۋەقەسى ( 1 - 20 )، تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلارنىڭ جىن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە توغرىلاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ سۈرىدە قۇرئان كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلار ھەققىدىكى رېئاللىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ ۋە ئۇلار ئارقىلىق ۋەھىيگە زەربە بېرىش مەقسىتىنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىنىڭ بۇ بۆلىكى ئەھقاف 29 - 32 - ئايىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇلغاندا، ۋاستىلىق ھالدا يەھۇدىي سېھىرلىك دىن پەلسەپىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن جىن ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ ( 8 - 9 ). چۈنكى بۇ رايوندا ياشايدىغان مۇشرىكلارنىڭ كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللاردىن بىرىسى مەزكۇر رايوندىكى يەھۇدىي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى سۈرىنىڭ باشتىكى بۆلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھقاف 30 - ئايەتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مۇشرىكلار ۋەھىيگە قارشى چىققاندا، ئىشلەتكەن دەلىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى مەزكۇر رايوندىكى يەھۇدىيلاردىن ئالغانىدى. كەھف سۈرىسىدىكى زۇلقەرنەيىن قىسسەسى ھەققىدە نەقىل قىلىنغانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇممى ئەرەبلەر كىتاب ئەھلى يەھۇدىيلارنىڭ ئىغۋا، سەپسەتىلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى جىنلارغا ۋە ۋەھىينىڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىرلىق مەلۇماتلارغا ئىگە دەپ قارايتتى. ۋەھىينىڭ ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەنلىكىگە شەك چۈشۈرۈش ئارزۇسى ئۇلارنى بۇ ھەقتە كۈشكۈرتكەن ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى ئىدى. مۇشرىكلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى يەھۇدىيلارغىمۇ يارىغانىدى. بۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان جىنلارنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بۇ ھەقتە توختالغان ئەھقاف 29 -32 - ئايەتتىن بىلەلەيمىز. سۈرە يېپىق ھالدا مۇشرىك ئەرەبلەر بىلەن كىتابى بار يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى بۇ شەيتانى ھەمكارلىقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلماقتا.
بۇ مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا، غەيبنىڭ ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا بۆلۈشۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەر خىل مەنتىقىنى بۇ سۈرە رەت قىلىدۇ:
عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا (26) إِلَّا مَنِ ارْتَضَى(27)
« ئاللاھ بارچە غەيبنى بىلگۈچىدۇر، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە خاس سىرلىرىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ (26). پەقەت ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا چوقۇم كۆزەتچى (پەرىشتىلەرنى) سېلىپ قويىدۇ (27). »
سۈرىنىڭ جىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئىماسى بار. يەنى، سېنىڭ يېنىڭدىكى مەككە بۇ ئىلاھى ۋەھىيگە قۇلاق سالمىسا، ئاللاھ ناھايىتى يىراقلاردىن سېنى تىڭشايدىغانلارنى ئەۋەتىدۇ. ياكى سېنى ( ئىنسان ) كۆزى بىلەن كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولىدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلار تىڭشىمىسا، كۆز بىلەن كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولمايدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلار تىڭشايدۇ.