سۈرە نۇھ
سۈرە نۇھ 1-ئايەت
إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَى قَوْمِهِ أَنْ أَنذِرْ قَوْمَكَ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
بىز ھەقىقەتەن نوھنى ئۆز خەلقىگە: «بېشىغا ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەت كېلىشتىن بۇرۇن خەلقىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق (1).
سۈرە نۇھ 2-ئايەت
قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
(نوھ) ئېيتتى: «ئى خەلقىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن (2).
سۈرە نۇھ 3-ئايەت
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار، ئۇنىڭغا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار (3).
سۈرە نۇھ 4-ئايەت
يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ لَوْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
(شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ گۇناھىڭلاردىن بىرقىسمىنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئامان قويىدۇ). ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھ بېكىتكەن ياشاش مۇددىتى توشقاند كېچىكتۈرۈلمەيدۇ (4).
سۈرە نۇھ 5-ئايەت
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
(ئۇزۇن يىللىق دەۋەتتىن كېيىن نوھ رەببىگە دەرت تۆكۈپ) مۇنداق دېدى: «رەببىم! مەن خەلقىمنى كېچە-كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم (5).
سۈرە نۇھ 6-ئايەت
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى (6).
سۈرە نۇھ 7-ئايەت
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مەن <سېنىڭ ئەپۇ-مەغپىرىتىڭگە سازاۋەر بولسۇن> دەپ ئۇلارنى قاچانىكى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفۇردا) چىڭ تۇرىۋالدى، بارغانسېرى غادىيىۋالدى (7).
سۈرە نۇھ 8-ئايەت
ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقۇرى ئاۋازدا دەۋەت قىلدىم (8).
سۈرە نۇھ 9-ئايەت
ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم (9).
سۈرە نۇھ 10-ئايەت
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
(ئۇلارغا) ئېيتتىم: رەببىڭلاردىن ئەپۇ-مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (10).
سۈرە نۇھ 11-ئايەت
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا
(شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ (11).
سۈرە نۇھ 12-ئايەت
وَيُمْدِدْكُم بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَل لَّكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَل لَّكُمْ أَنْهَارًا
سىلەرنىڭ مال-مۈلكۈڭلارنى ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغۇ-بوستانلىقلارنى، ئۆستەڭلەرنى بەخىش ئېتىدۇ (12).
سۈرە نۇھ 13-ئايەت
مَّا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًا
سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟ (13).
سۈرە نۇھ 14-ئايەت
وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا
ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتقان تۇرسا (14).
سۈرە نۇھ 15-ئايەت
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
سىلەر كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى قاتمۇ-قات قىلىپ ياراتتى؟ (15).
سۈرە نۇھ 16-ئايەت
وَجَعَلَ الْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ الشَّمْسَ سِرَاجًا
ئۇ ئاسمانلارنىڭ ئىچىدە ئاينى بىر نۇر، كۈننى بىر چىراغ قىلدى (16).
سۈرە نۇھ 17-ئايەت
وَاللَّهُ أَنبَتَكُم مِّنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا
ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن (ئۆسۈملۈك ئۈندۈرگەندەك) ئۈندۈردى (17).
سۈرە نۇھ 18-ئايەت
ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا
ئاندىن كېيىن سىلەرنى (ئۆلگەندە) تۇپراققا قايتۇرىدۇ ۋە (قىيامەت كۈنى قايتا تۇپراقتىن) چىقىرىدۇ (18).
سۈرە نۇھ 19-ئايەت
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا
زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى كەڭ يېيىپ بەردى (19)-(20).
سۈرە نۇھ 20-ئايەت
لِّتَسْلُكُوا مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا
زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى كەڭ يېيىپ بەردى (19)-(20).
سۈرە نۇھ 21-ئايەت
قَالَ نُوحٌ رَّبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَن لَّمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا
نوھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ماڭا قارشى چىقتى، مال-مۈلكى ۋە بالىچاقىلىرى ئۆزىگە زىياندىن باشقىنى ئېلىپ كېلەلمەيدىغان (كاتتىباش) كىشلەرگە ئەگىشىپ كەتتى (21).
سۈرە نۇھ 22-ئايەت
وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
ئۇ (كاتتىباش) لار ناھايىتى زور ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلەتتى (22).
سۈرە نۇھ 23-ئايەت
وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
ئۇلار: <خۇدالىرىڭلارنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭلار، بولۇپمۇ ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسرنى (تاشلىماڭلار)> دېدى (23).
سۈرە نۇھ 24-ئايەت
وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشلەرنى ئازدۇردى. شۇڭا (ئى رەببىم!) بۇ زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغايسەن» (24).
سۈرە نۇھ 25-ئايەت
مِّمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَنصَارًا
ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن غەرق قىلىندى، (قىيامەت كۈنىدە) دوزاخقا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇلا ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچىنى تاپالمايدۇ (25).
سۈرە نۇھ 26-ئايەت
وَقَالَ نُوحٌ رَّبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
نوھ ئېيتتى: «رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغايسەن (26).
سۈرە نۇھ 27-ئايەت
إِنَّكَ إِن تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
ئەگەر ئۇلارنى (ھايات) قويساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئەخلاقسىز، ناھايىتىمۇ تۇزكور ئەۋلاتلاردىن باشقىنى يېتىشتۈرمەيدۇ (27).
سۈرە نۇھ 28-ئايەت
رَّبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
رەببىم! مېنى، ئاتا-ئانامنى، مېنىڭ ئۆيۈمگە ئىمان ئېيتىپ كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنى، ئىمان ئېيتقۇچى ئەرلەرنى، ئىمان ئېيتقۇچى ئاياللارنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغايسەن، زالىملارنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىۋەتكەيسەن» (28).
Flag Counter