ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
« يۈكسەك ماقاملار » ياكى « يۇقىرى ئۆرلەش باسىماقلىرى » ۋە ياكى « يۇقىرى ئۆرلەش ۋاسىتىلىرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مائارىج » كەلىمىسى مەزكۇر سۈرىنىڭ 3 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىنى ھەم ئىنساننىڭ ئاللاھ تەئالاغا يېقىنلىشىش ئىمكانلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
« بىر سورىغۇچى يۈكسەك ماقاملارنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كاپىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ (تېزدىن كېلىشىنى) تەلەپ قىلدى (1)-(3).»
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، خىتاب قىلىنغۇچىدا ئادالەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان يۈرەك داغلىغۇچى ئازابتىن خەۋەر بەرگەن ھالدا باشلىنىدۇ ( 1 - 2 ). ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ چوڭلۇقى ۋە ئىلاھى مۇداخىلىنىڭ تېزلىكى ئىما قىلىنىدۇ ( 3 - 4 ). ئاندىن ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئاخىرەتتىكى يالغۇزلۇقى ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىنىدۇ ( 6 - 18 ). بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان بېخىللىقنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان بۆلەكنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ:
إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا (19) إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا (20) وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا (21)
« ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز خاراكتېردە يارىتىلدى (19). ئۇنىڭغا (يوقسۇللۇق، كېسەلدەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە زارلىنىدۇ (20), (بايلىق ۋە سالامەتلىكتەك) ياخشىلىققا ئېرىشكەندە ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ (21). »
بۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسى يوق ئەمەس. بۇ سۈرىنىڭ 22 - 35 - ئايەتلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسىغا ئايرىلغان.
سۈرىدە يەنە، ئىنكارچىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئاغزاكى ئەزىيەتلىرىگە قارىتا رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بېرىلگەن (36 - 42 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز يەنە باشقا قايتىپ، ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ قىيامەتتىكى ھالىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، ئىنكار قىلغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان:
يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَى نُصُبٍ يُوفِضُونَ (43) خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ذَلِكَ الْيَوْمُ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ (44)
« ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، كۆزلىرى چەكچەيگەن، خورلۇق باسقان ھالدا، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرۈۋاتقاندەك ئالدىراپ-تېنەپ (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كېلىنگەن كۈندۇر(43)-(44).»