سۈرە ئەئراف
سۈرە ئەئراف 1-ئايەت
المص
ئەلىف، لام، مىم، ساد(1).
سۈرە ئەئراف 2-ئايەت
كِتَابٌ أُنزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُن فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِّنْهُ لِتُنذِرَ بِهِ وَذِكْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەت! بۇ قۇرئان ) (خالايىقنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە مۆمىنلەرگە ئەسلىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر، (بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى كۈلپەتتىن) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن(2).
سۈرە ئەئراف 3-ئايەت
اتَّبِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ
(ئى ئىنسانلار!) رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چۈشۈرۈلگەن (قۇرئان)گە ئەگىشىڭلار، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىگەم دەپ ئەگەشمەڭلار، سىلەر نېمىدېگەن ئاز ساۋاق ئالىسىلەر(3).
سۈرە ئەئراف 4-ئايەت
وَكَم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
بىز قانچىلىغان (ئاسىي) يۇرتلار (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا يېتىپ كەلدى(4).
سۈرە ئەئراف 5-ئايەت
فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُم بَأْسُنَا إِلَّا أَن قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
ئۇلارنىڭ بېشىغا ئازاب-ئوقۇبىتىمىز كەلگەن چاغدا، «راستتىنلا بىز ئۆزىمىزگە ئۇۋال قىلغان» دېيىشتىن باشقا پەرياد-پىغانى بولمىدى(5).
سۈرە ئەئراف 6-ئايەت
فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ
بىز ئۆزلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىلگەنلەرنىمۇ، ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىمۇ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىمىز(6).
سۈرە ئەئراف 7-ئايەت
فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِم بِعِلْمٍ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ
(ئاندىن) ئۇلارغا (دۇنيا ھاياتىدىكى بارچە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى) تولۇق مەلۇمات بىلەن يەتكۈزىمىز، (چۈنكى) بىز ئۇلار (نىڭ قىلمىشلىرى)دىن بىخەۋەر ئەمەس ئىدۇق(7).
سۈرە ئەئراف 8-ئايەت
وَالْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ فَمَن ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
ئۇ كۈندە (يەنى، قىيامەت كۈنىدە دۇنيادا قىلغان بارچە ياخشى-يامان ئىشلارنى تارتىدىغان) تارازا بەرھەقتۇر. كىملەرنىڭ تارتىلغان نەرسىلىرى (يەنى، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى) ئېغىر كەلسە، ئەنە شۇلار مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر(8).
سۈرە ئەئراف 9-ئايەت
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُم بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ
تارتىلغان نەرسىلىرى (يەنى، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى) يېنىك چىققۇچىلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردۇر(9).
سۈرە ئەئراف 10-ئايەت
وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ
(ئى ئىنسانلار!) ھەقىقەتەن بىز سىلەرنى زېمىندا ماكانلاشتۇردۇق ۋە ئۇ يەردە سىلەرگە ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى تەمىن ئەتتۇق، (شۇنداق تۇرۇقلۇق،) سىلەر نېمىدېگەن ئاز مىننەتدارلىق بىلدۈرىسىلەر(10).
سۈرە ئەئراف 11-ئايەت
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُن مِّنَ السَّاجِدِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ئاپىرىدە قىلدۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بېشىڭلارنى يەرگە قويۇپ) تەزىم[1] قىلىڭلار» دېدۇق، ئۇلار تەزىم قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا تەزىم قىلغۇچىلاردىن بولمىدى(11).
[1] . بۇ ئايەتتىكى «سجد-سەجدە»نى ھۆرمەت يۈزىسىدىن تەزىم قىلدى، بېشىنى ئەگدى دېگەن مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سۈرە ئەئراف 12-ئايەت
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِّنْهُ خَلَقْتَنِي مِن نَّارٍ وَخَلَقْتَهُ مِن طِينٍ
ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى تازىم قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سېنى تازىم قىلىشتىن نېمە توستى؟» دېگەندە، ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن، (چۈنكى) مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتقان تۇرساڭ» دېدى[2](12).
[2] . بۇ ئايەت ئىرقچىلىقنىڭ پېشىۋاسى ئىبلىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە ئەئراف 13-ئايەت
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَن تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى، جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا ھەققىڭ يوق، يوقال! سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن»(13).
سۈرە ئەئراف 14-ئايەت
قَالَ أَنظِرْنِي إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ
ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان (قىيامەت) كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەن بولساڭ» دېۋىدى(14).
سۈرە ئەئراف 15-ئايەت
قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنظَرِينَ
ئاللاھ: «ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى(15).
سۈرە ئەئراف 16-ئايەت
قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ
«سەن مېنى گۇمراھلىقتا قالدۇرغانلىقتىن [3] ، مەن ئۇلار(نى ئازدۇرۇش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توپتوغرا يولۇڭ ئۈستىدە (تۇزاق قۇرۇپ) ئولتۇرىمەن(16).
[3] . ئىبلىس ئاللاھقا بوھتان توقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ باش سەۋەبچىسىنى ئاللاھ دېيىش ئارقىلىق گۇناھىنى ئاللاھقا دۆڭگەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولغان.
سۈرە ئەئراف 17-ئايەت
ثُمَّ لَآتِيَنَّهُم مِّن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَن شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ
ئاندىن ئۇلارنىڭ يېنىغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن كېلىمەن، ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ (نېمىتىڭگە) مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئەمەسلىكىنى بايقايسەن»((17).
سۈرە ئەئراف 18-ئايەت
قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَّدْحُورًا لَّمَن تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكُمْ أَجْمَعِينَ
ئاللاھ ئېيتتى: «جەننەتتىن خارلانغان ۋە قوغلانغان ھالدا چىقىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگە كەلسەك، جەھەننەمنى چوقۇم سىلەر ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن»(18).
سۈرە ئەئراف 19-ئايەت
وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
«ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن. جەننەتتە خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، (لېكىن) بۇ دەرەخكە يېقىن يولىماڭلار، (بولمىسا) ئۆزۈڭلارغا ئۇۋالچىلىق تېپىۋالىسىلەر»(19).
سۈرە ئەئراف 20-ئايەت
فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِن سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَن تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
شەيتان ئۇلارنىڭ يۆگەگلىك ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىپ: «رەببىڭلارنىڭ سىلەرنى بۇ دەرەختىن توسۇشىدىكى سەۋەب ئىككىڭلارنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى(20).
سۈرە ئەئراف 21-ئايەت
وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
شۇنىڭدەك ئۇلارغا: «مەن راستتىنلا سىلەرگە كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى(21).
سۈرە ئەئراف 22-ئايەت
فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ الْجَنَّةِ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَن تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُل لَّكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئالدامچىلىق (ئۇسۇللىرى) ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ھامان ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئايان بولۇپ قالدى ۋە جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئۇياتلىق يەرلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. رەببى (ئۇلارغا): «مەن سىلەرنى بۇ دەرەختىن توسمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى(22).
سۈرە ئەئراف 23-ئايەت
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنفُسَنَا وَإِن لَّمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېيىشتى(23).
سۈرە ئەئراف 24-ئايەت
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَى حِينٍ
ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر-بىرىڭلارغا (يەنى، شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا (جەننەتتىن) چۈشۈپ كېتىڭلار، زېمىندا مەلۇم ۋاقىتقىچە ماكانلىشىپ ئۆتكۈنچى ھاياتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر»(24).
سۈرە ئەئراف 25-ئايەت
قَالَ فِيهَا تَحْيَوْنَ وَفِيهَا تَمُوتُونَ وَمِنْهَا تُخْرَجُونَ
ئاللاھ ئېيتتى: «زېمىندا ياشايسىلەر، زېمىندا ئۆلىسىلەر، يەنە زېمىندىن (تىرىلدۈرۈلۈپ) چىقىرىلىسىلەر»(25).
سۈرە ئەئراف 26-ئايەت
يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇياتلىق يەرلىرىڭلارنى ياپىدىغان ۋە ياسىنىدىغان كىيىم (ياساش ئىقتىدارىنى) بەخش ئەتتۇق. ئەڭ ياخشى بولغىنى تەقۋادارلىق– مەسئۇلىيەتچانلىق كىيىمىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار ساۋاق ئالغاي(26).
سۈرە ئەئراف 27-ئايەت
يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُم مِّنَ الْجَنَّةِ يَنزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋېتىپ جەننەتتىن چىقارغۇزىۋەتكەندەك سىلەرنىمۇ ئازدۇرۇۋەتمىسۇن. شۈبھىسىزكى، شەيتان ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر. ھەقىقەتەن، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستلىرى قىلدۇق(27).
سۈرە ئەئراف 28-ئايەت
وَإِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً قَالُوا وَجَدْنَا عَلَيْهَا آبَاءَنَا وَاللَّهُ أَمَرَنَا بِهَا قُلْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىغان ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەت! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتامسىلەر؟»(28).
سۈرە ئەئراف 29-ئايەت
قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار ۋە دىنىڭلارنى ئاللاھقا خاس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقىنىدەك يەنە ئۇنىڭغا قايتىسىلەر»(29).
سۈرە ئەئراف 30-ئايەت
فَرِيقًا هَدَى وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ
ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر بۆلىكىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردى، يەنە بىر بۆلىكىگە كەلسەك، ئۇلار ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى توغرا يولدا ھېسابلىشىدۇ(30).
سۈرە ئەئراف 31-ئايەت
يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم نامازغا تۇرغاندا- مەسچىتكە[4] بارغاندا چىرايلىق كىيىنىڭلار. يەپ- ئىچىڭلار، بۇزۇپ چاچماڭلار، ئاللاھ بۇزۇپ چاچقۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ(31).
[4] . ئەرەب تىلىدىكى «مسجد» ھەم سەجدە قىلىدىغان جاي ھەمدە سەجدە قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان تۈپ پېئىل بولغاچقا، مەزكۇر ئايەتتە ھەر ئىككى مەنە تەڭلا بېرىلدى.
سۈرە ئەئراف 32-ئايەت
قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان زىننەتنى-گۈزەللىكلەرنى[5]، پاكىز-ھالال رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى: «ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈندۇر، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». بىلىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئايەتلەرنى بىز مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز(32).
[5] . يارىشىملىق كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە ئەئراف 33-ئايەت
قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَن تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَن تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئېيتقىنكى: «رەببىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن رەزىل-قەبىھ ئىشلارنى، گۇناھلارنى، (باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە يۈز-ئابرويىغا) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»(33).
سۈرە ئەئراف 34-ئايەت
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
ھەر مىللەت-توپلۇمنىڭ[6] (زاۋال تاپىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى-كېيىنگە سۈرۈلمەيدۇ(34).
[6] . امة- بۇ ئايەتتىكى «ئۈممەت» ئىبارىسى ئۇئۇمى ئۇقۇمدىكى ئۈممەت بولماستىن «مىللەت-توپلۇم» دېگەن مەنىدە.
سۈرە ئەئراف 35-ئايەت
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي فَمَنِ اتَّقَى وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىلىرىم كەلگەندە، كىم تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولسا ۋە (خاتاسىنى) تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇش، ئۆكۈنۈش بولمايدۇ(35).
سۈرە ئەئراف 36-ئايەت
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ۋە ئۇلارنى مەنسىتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزىخىيلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇچىلاردۇر(36).
سۈرە ئەئراف 37-ئايەت
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ أُولَئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُم مِّنَ الْكِتَابِ حَتَّى إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنتُمْ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغانلاردىنمۇ بەكرەك ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئادەملەر بارمۇ؟ ئۇلارغا (بۇ دۇنيالىق) يېزىلغان نېسىۋىسى ئۇلىشىدۇ. ناھايەت ئەلچىلىرىمىز (يەنى، ئۆلۈم پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دېسە، ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا (ئىقرار قىلىپ) ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ(37).
سۈرە ئەئراف 38-ئايەت
قَالَ ادْخُلُوا فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِكُم مِّنَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ فِي النَّارِ كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَّعَنَتْ أُخْتَهَا حَتَّى إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِّنَ النَّارِ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَكِن لَّا تَعْلَمُونَ
ئاللاھ (ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغانلارغا): «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) گۇرۇھلارنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. قاچانىكى بىر گۇرۇھ دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى گۇرۇھقا (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. نىھايەت ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر ئىلگىرى كىرگەنلەرگە قارىتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنى مۇشۇلار ئازدۇرغانىدى، شۇڭا ئۇلارغا قاتمۇقات دوزاخ ئازابى بەرگەيسەن» دېسە، ئاللاھ: «ھەممىگە قاتمۇقات ئازاب-ئوقۇبەت بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر» دەيدۇ(38).
سۈرە ئەئراف 39-ئايەت
وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِن فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْسِبُونَ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى، گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر-بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەتنى تېتىڭلار» دەيدۇ(39).
سۈرە ئەئراف 40-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّى يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان ۋە ئۇنى مەنسىتمىگەنلەرگە ئاسماننىڭ (مېھىر-شەپقەت) دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ، تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە[7] ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز(40).
[7] . ئەرەب تىلىدىكى «تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە» دېگەن ئىدىيوم، ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن.
سۈرە ئەئراف 41-ئايەت
لَهُم مِّن جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِن فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان سېلىنچىسىمۇ، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يېپىنچىسىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغانلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز(41).
سۈرە ئەئراف 42-ئايەت
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار -بىز ھېچكىمگە قۇربىتى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز- ئەنە شۇلار جەننىتىيلەردۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە تۇرىدۇ(42).
سۈرە ئەئراف 43-ئايەت
وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ تَجْرِي مِن تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ وَنُودُوا أَن تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىك، قىزغانچۇقلۇقنى تەلتۆكۈس ئېلىپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى مەدھىيە بىزنى بۇنىڭغا (يەنى، جەننەتكە) يېتەكلىگەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇركى، ئۇ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن» دەيدۇ ۋە ئۇلارغا: «قىلغان (ياخشى ئىش-ھەرىكىتىڭلار) ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ(43).
سۈرە ئەئراف 44-ئايەت
وَنَادَى أَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابَ النَّارِ أَن قَدْ وَجَدْنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقًّا فَهَلْ وَجَدتُّم مَّا وَعَدَ رَبُّكُمْ حَقًّا قَالُوا نَعَمْ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَن لَّعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
جەننىتىيلەر دوزىخىيلارغا: «رەببىمىز بىزگە نېمە ۋەدە قىلغان بولسا ھەممىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، سىلەرمۇ رەببىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆرگەنسىلەر؟» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن(44).
سۈرە ئەئراف 45-ئايەت
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُم بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ
ئۇ(زالىم)لار شۇنداق كىشىلەركى، (خالايىقنى) ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنى ئەگرى-بۈگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ(قۇسۇر ئىزدەيدۇ) ھەمدە ئاخىرەتنى كۆرمەسكە سالىدۇ(45).
سۈرە ئەئراف 46-ئايەت
وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَن سَلَامٌ عَلَيْكُمْ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ
ئۇ (جەننىتىي ۋە دوزىخىي)لارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق بولىدۇ. توسۇقنىڭ ئۈستىدە (جەننىتىيلەردىن ۋە دوزىخىيلاردىن بولغان) ھەركىمنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى، ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار تېخى جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرۇۋاتقان جەننىتىيلەرنى (تەبرىكلەپ): «سەلامۇن ئەلەيكۇم» دەپ نىدا قىلىدۇ(46).
سۈرە ئەئراف 47-ئايەت
وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزىخىيلار تەرەپكە بۇرۇلغاندا (دۇئا قىلىپ): «ئى رەببىمىز! بىزنى ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغۇچى بۇ كىشىلەر توپىغا قېتىۋەتمىگەيسەن» دەيدۇ(47).
سۈرە ئەئراف 48-ئايەت
وَنَادَى أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُم بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَى عَنكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
ئەئراف ئەھلى (يەنى، توسۇق ئۈستىدىكىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغىنىڭلار ۋە چوڭچىلىقىڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟(48)
سۈرە ئەئراف 49-ئايەت
أَهَؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لَا يَنَالُهُمُ اللَّهُ بِرَحْمَةٍ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنتُمْ تَحْزَنُونَ
ئاۋۇلار سىلەر <ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ> دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەرمۇ؟ (ئەمدى) ئۇلارغا <جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) ئەنسىرەش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر> (دېيىلدى)» (دەيدۇ)(49).
سۈرە ئەئراف 50-ئايەت
وَنَادَى أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
دوزىخىيلار جەننىتىيلەرگە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە رزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرگەن بولساڭلار!» دەپ توۋلايدۇ. جەننىتىيلەر ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ كاپىرلارنى ئۇ ئىككىسىدىن مەھرۇم قىلغان» دەيدۇ(50).
سۈرە ئەئراف 51-ئايەت
الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فَالْيَوْمَ نَنسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دىنلىرىنى ئويۇن-تاماشاغا ئايلاندۇرۇۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگە يولۇقۇشنى ئۇنتۇغاندەك ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز(51).
سۈرە ئەئراف 52-ئايەت
وَلَقَدْ جِئْنَاهُم بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَى عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
بىز ئىشىنىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن يېتەكچى ۋە مېھىر-شەپقەت بولغان، ئىلمى ئۇسۇل بىلەن تەپسىلىي بايان قىلغان كىتابنى ئۇلارغا بەردۇق (52).
سۈرە ئەئراف 53-ئايەت
هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِن قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَل لَّنَا مِن شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ قَدْ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئۇ(كۇففار)لار (ھېساب كۈنىنىڭ) نەتىجىسىدىن باشقا نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ نەتىجىسى ئايان بولغان (قىيامەت) كۈنى، ئىلگىرى (يەنى، دۇنيادىكى ۋاقتىدا) كىتابنى ئۇنۇتقانلار: «رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، (بىز ئۇلارغا قۇلاق سالماپتۇق، بۈگۈن) بىزنى ئارىغا كىرىپ قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغان بىرەر شاپائەتچى تېپىلارمۇ؟ ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق بۇرۇن قىلغانلىرىمىزدىن باشقىنى قىلاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئويدۇرغان (شاپائەتچىلىرى) ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولىدۇ(53).
سۈرە ئەئراف 54-ئايەت
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە[8] ياراتتى، ئاندىن ئەرشتە[9] ئورۇن ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى يېپىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنى قوغلىشىدىغان (يەنى، داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدىغان) قىلدى. قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. بىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە بۇيرۇق راستتىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇر(54).
[8] . مەزكۇر ئايەتتە كەلگەن «ستة ايام – ئالتە كۈن» كەلىمىسىنىڭ يەرشارىدىكى ئالتە كۈنگە تەڭداش ئەمەسلىكىنى سۈرە ھەجنىڭ 47-ئايىتىگە بىرلەشتۇرۇپ چۈشىنىۋالساق بولىدۇ.
[9] . بۇ ئايەتكە بىر قىسىم تەپسىرشۇناسلار «ئاللاھ كۈچ-قۇدرەت ماقامىغا ئولتۇردى، تەختكە ئولتۇردى»دېگەن تەبىرنىمۇ بېرىشكەن.
سۈرە ئەئراف 55-ئايەت
ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
رەببىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ(55).
سۈرە ئەئراف 56-ئايەت
وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِّنَ الْمُحْسِنِينَ
ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، (جازاسىدىن) قورققان ۋە (مېھىر-شەپقىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ياخشى ئىش قىلغۇچى-قىلغان ئىشىنى ئەستايىدىل قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر(56).
سۈرە ئەئراف 57-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ حَتَّى إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَّيِّتٍ فَأَنزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ كَذَلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَى لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى، يامغۇر) يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك (يەنى، قاغجىراپ ياتقان) جايلارغا سۈرىمىز ۋە ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. شۇنىڭدەك، ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز، ئۈمىدكى، ساۋاق ئالغايسىلەر(57).
سۈرە ئەئراف 58-ئايەت
وَالْبَلَدُ الطَّيِّبُ يَخْرُجُ نَبَاتُهُ بِإِذْنِ رَبِّهِ وَالَّذِي خَبُثَ لَا يَخْرُجُ إِلَّا نَكِدًا كَذَلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَشْكُرُونَ
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن (تولۇق) چىقىدۇ، ناچار يەردىن پەقەتلا ناچار گىياھ چىقىدۇ. مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ھەر نۇقتىدىن مۇشۇنداق بايان قىلىمىز(58).
سۈرە ئەئراف 59-ئايەت
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَى قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
شۈبھىسىزكى، بىز نوھنى ئۆز خەلقىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى خەلقىم! ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىڭلار يوقتۇر، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ دەھشەتلىك بىر كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن» دېدى(59).
سۈرە ئەئراف 60-ئايەت
قَالَ الْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
خەلقىنىڭ مۆتىۋەرلىرى: «بىز سېنى راستتىنلا ئېنىق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى(60).
سۈرە ئەئراف 61-ئايەت
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَكِنِّي رَسُولٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
نوھ ئېيتتى: «ئى خەلقىم! مەندە ئازغۇنلۇق يوق، ئەكسىچە مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچىمەن(61).
سۈرە ئەئراف 62-ئايەت
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەۋەتكەن تەلىماتلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە كۆيۈنۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھ تەرىپىدىن (كەلگەن ۋەھىي تۈرتكىسىدە) سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن(62).
سۈرە ئەئراف 63-ئايەت
أَوَعَجِبْتُمْ أَن جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَلَى رَجُلٍ مِّنكُمْ لِيُنذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇشۇڭلار ۋە ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق رەببىڭلارنىڭ ئەسلەتمىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟»(63).
سۈرە ئەئراف 64-ئايەت
فَكَذَّبُوهُ فَأَنجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
ئۇلار نوھنى يالغانغا چىقاردى، بىز نوھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنى بولسا پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋەتتۇق. چۈنكى ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور بىر خەلق ئىدى(64).
سۈرە ئەئراف 65-ئايەت
وَإِلَى عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ أَفَلَا تَتَّقُونَ
ئاد (خەلقى)قا ئۆز قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى خەلقىم! ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۇڭا (ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن) ساقلانمامسىلەر؟» دېدى(65).
سۈرە ئەئراف 66-ئايەت
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
ئۇنىڭ خەلقىنىڭ كاپىر بولغان مۆتىۋەرلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن گالۋاڭ دەپ قارايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە، (ئەلچىلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ جەزم قىلىمىز» دېيىشتى(66).
سۈرە ئەئراف 67-ئايەت
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي سَفَاهَةٌ وَلَكِنِّي رَسُولٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
ھۇد ئېيتتى: «ئى خەلقىم! مەن گالۋاڭ بىرى ئەمەس، ئەكسىچە مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن(67).
سۈرە ئەئراف 68-ئايەت
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەۋەتكەن تەلىماتلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، مەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) سەمىمىي، ئىشەنچلىك بىر كىشىمەن(68).
سۈرە ئەئراف 69-ئايەت
أَوَعَجِبْتُمْ أَن جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَلَى رَجُلٍ مِّنكُمْ لِيُنذِرَكُمْ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِن بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، رەببىڭلاردىن سىلەرگە بىر ئەسلەتمىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» ئەينى چاغدا نوھنىڭ خەلقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارغا ئورۇنباسار قىلغانلىقىنى ۋە سىلەرنى تېخىمۇ قەددى-قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى يادىڭلارغا ئېلىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، ئۈمىدكى، مۇراد-مەقسىتىڭلارغا يەتكەيسىلەر(69).
سۈرە ئەئراف 70-ئايەت
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِنَعْبُدَ اللَّهَ وَحْدَهُ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئۇلار: «(ئى ھۇد!) ئاتا-بوۋىلىرىمىز تىۋىنىپ كەلگەن ئىلاھلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا تىۋىنىشىمىزغا (دەۋەت قىلغىلى) كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭ، سەن بىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى كەلتۈرۈپ باققىنە قېنى» دېيىشتى (70).
سۈرە ئەئراف 71-ئايەت
قَالَ قَدْ وَقَعَ عَلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ رِجْسٌ وَغَضَبٌ أَتُجَادِلُونَنِي فِي أَسْمَاءٍ سَمَّيْتُمُوهَا أَنتُمْ وَآبَاؤُكُم مَّا نَزَّلَ اللَّهُ بِهَا مِن سُلْطَانٍ فَانتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُم مِّنَ الْمُنتَظِرِينَ
ھۇد: «سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن (كېلىدىغان) ئازاب-ئوقۇبەت (بالايىئاپەت) ۋە غەزەپ چوقۇم يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل-پاكىت چۈشۈرمىگەن، پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نام قويۇۋالغان (قۇرۇق) ئىسىملار ھەققىدە مەن بىلەن جېدەللىشەمسىلەر؟ (ئاللاھنىڭ بالايىئاپىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتىمەن» دېدى(71).
سۈرە ئەئراف 72-ئايەت
فَأَنجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِّنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ
ناھايەت، بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلارنى شەپقىتىمىز بىلەن قۇتۇلدۇردۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئىمان ئېيتمىغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق(72).
سۈرە ئەئراف 73-ئايەت
وَإِلَى ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ قَدْ جَاءَتْكُم بَيِّنَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ هَذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
سەمۇد(خەلقى)گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (ئەلچى قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى خەلقىم! ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەرگە راستتىنلا رەببىڭلار تەرىپىدىن روشەن پاكىت (مۆجىزە) كەلدى. ئاللاھنىڭ بۇ ھىڭگان تۆگىسى سىلەرگە بىر دەلىلدۇر. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا (ئىختىيارىي) ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە قالىسىلەر(73).
سۈرە ئەئراف 74-ئايەت
وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِن بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِن سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
ئېسىڭلارغا ئېلىڭلاركى، ئەينى چاغدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد (قوۋمى)تىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىپ زېمىنغا (يەنى، ھىجرغا) ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلارنى سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق چىقىرىپ يەريۈزىنى مالىماتاڭ قىلماڭلار» دېدى(74).
سۈرە ئەئراف 75-ئايەت
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِن قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُّرْسَلٌ مِّن رَّبِّهِ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلاشقان كاتتىۋاشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا-ئۆزلىرى ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: -«سىلەر سالىھنى (راستتىنلا) رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىرى دەپ بىلەمسىلەر؟» -دېۋىدى. ئۇلار: « بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى(75).
سۈرە ئەئراف 76-ئايەت
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنتُم بِهِ كَافِرُونَ
ھېلىقى ھاكاۋۇرلاشقانلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى(76).
سۈرە ئەئراف 77-ئايەت
فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِن كُنتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
ناھايەت، ئۇلار ھېلىقى ھىڭگان تۆگىنى قىيناپ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ رەببىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ، سەن راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى كەلتۈرۈپ باققىنە قېنى» دېدى(77).
سۈرە ئەئراف 78-ئايەت
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە دۇچار بولۇپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(78).
سۈرە ئەئراف 79-ئايەت
فَتَوَلَّى عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَكِن لَّا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ
سالىھ ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى خەلقىم! مەن سىلەرگە راستتىنلا رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايسىلەر» دېدى[10](79).
[10] . سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە قاتتىق ئاۋاز تەڭلا ھالاك قىلغان بولۇپ ، بۇ ئايەتنى سۈرە ھۇدنىڭ 67- ، 68- ئايەتلىرى ۋە سۈرە ئەنكەبۇتنىڭ 37- ئايىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
سۈرە ئەئراف 80-ئايەت
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِّنَ الْعَالَمِينَ
لۇت (نىمۇ ئەھلى سەدۇمغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ-يىرگىنچلىك ئىشنى قىلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچكىم مۇنداق قەبىھ-يىرگىنچلىك ئىشنى قىلمىغان ئىدى(80).
سۈرە ئەئراف 81-ئايەت
إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِّن دُونِ النِّسَاءِ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ
سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر راستتىنلا ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەر توپىسىلەر»(81).
سۈرە ئەئراف 82-ئايەت
وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَن قَالُوا أَخْرِجُوهُم مِّن قَرْيَتِكُمْ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
ئۇنىڭ خەلقىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇ (لۇت ۋە ئەگەشكۈچىلىرى)نى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاكلىققا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى(82).
سۈرە ئەئراف 83-ئايەت
فَأَنجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، لۇت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئاسىي خەلقىگە كەلگەن جازادىن) قۇتۇلدۇردۇق. چۈنكى ئۇ قېلىپ ھالاك بولىدىغان(كاپىر)لاردىن ئىدى(83).
سۈرە ئەئراف 84-ئايەت
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
ئۇلارغا (ھالاك قىلغۇچى تاش) يامغۇر ياغدۇردۇق. گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا نەزەر سالغىن(84).
سۈرە ئەئراف 85-ئايەت
وَإِلَى مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ قَدْ جَاءَتْكُم بَيِّنَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
مەديەن (خەلقى)گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ ئېيتتى: «ئى خەلقىم! ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن روشەن پاكىت يېتىپ كەلدى. (ھەر ئىشتا) ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا تۇتۇڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتقۇچى بولساڭلار، (ئاللاھ ئەلچىلىرى ئارقىلىق) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر(85).
سۈرە ئەئراف 86-ئايەت
وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا وَاذْكُرُوا إِذْ كُنتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ وَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
ھەر يولدا ئولتۇرۇۋېلىپ، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشقا ۋە ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ نوپۇسىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار. بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار(86).
سۈرە ئەئراف 87-ئايەت
وَإِن كَانَ طَائِفَةٌ مِّنكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَّمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّى يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە چىداپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر»(87).
سۈرە ئەئراف 88-ئايەت
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِن قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِن قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
(شۇئەيب) قوۋمى ئىچىدىن (ئىماندىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلاشقان مۆتىۋەرلىرى: «ئى شۇئەيب! بىز سېنى ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ يۇرتىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى بولمىسا بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ياقتۇرمىساقچۇ؟(88)
سۈرە ئەئراف 89-ئايەت
قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُم بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا وَمَا يَكُونُ لَنَا أَن نَّعُودَ فِيهَا إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىزنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. رەببىمىزنىڭ بىلىشى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئاللاھقىلا تاياندۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا ھەققانىيەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغايسەن، سەن ئەڭ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچىسەن» دېدى(89).
سۈرە ئەئراف 90-ئايەت
وَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَوْمِهِ لَئِنِ اتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَاسِرُونَ
ئۇنىڭ خەلقىنىڭ كاپىر بولۇپ كەتكەن مۆتىۋەرلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى(90).
سۈرە ئەئراف 91-ئايەت
فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە دۇچار بولدى-دە، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(91).
سۈرە ئەئراف 92-ئايەت
الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا فِيهَا الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) خۇددى ئۇ يەردە ھېچ ياشاپ باقمىغاندەك (يوق) بولدى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى زىيانغا ئۇچرىدى(92).
سۈرە ئەئراف 93-ئايەت
فَتَوَلَّى عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ فَكَيْفَ آسَى عَلَى قَوْمٍ كَافِرِينَ
شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى خەلقىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ تەلىماتلىرىنى يەتكۈزگەن ۋە نەسىھەت قىلغان ئىدىم، مەن كاپىر-تۇزكور خەلققە قانداقمۇ ئېچىناي؟!» دېدى(93).
سۈرە ئەئراف 94-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
بىز قايسىلا يۇرتقا بىرەر نەبى ئەۋەتكەن بولساق، ئۇ يۇرت ئەھلىنى ئاللاھقا زارلىنىپ يېلىنىسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە دىشۋارچىلىققا ئۇچراتتۇق(94).
سۈرە ئەئراف 95-ئايەت
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّى عَفَوا وَّقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق، نىھايەت ئۇلار كۆپىيىپ باياشاتلىققا ئېرىشىپ: «(بىر زامانلاردا) بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىكەن» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق(95).
سۈرە ئەئراف 96-ئايەت
وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِم بَرَكَاتٍ مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَلَكِن كَذَّبُوا فَأَخَذْنَاهُم بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ناۋادا (ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ جازالانغان) يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان-زېمىننىڭ بەرىكەت ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن ئۇلار (نەبىلەرنى) يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق(96).
سۈرە ئەئراف 97-ئايەت
أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَى أَن يَأْتِيَهُم بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقاندا، بىزنىڭ جازايىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟(97)
سۈرە ئەئراف 98-ئايەت
أَوَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَى أَن يَأْتِيَهُم بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ
ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ جازايىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا، ئۇلار ئويناپ تۇرغاندا كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟(98)
سۈرە ئەئراف 99-ئايەت
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى ئادەملەر توپىلا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ(99).
سۈرە ئەئراف 100-ئايەت
أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِن بَعْدِ أَهْلِهَا أَن لَّوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُم بِذُنُوبِهِمْ وَنَطْبَعُ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
زېمىندا ئىلگىرى ياشىغانلاردىن كېيىن ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارغا، بىز خالىساق گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى بالا-مۇسىبەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىمىز ۋە دىللىرىنى پېچەتلىۋەتسەك ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقى ئايان بولمىدىمۇ؟(100)
سۈرە ئەئراف 101-ئايەت
تِلْكَ الْقُرَى نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنبَائِهَا وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِن قَبْلُ كَذَلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَى قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
ئاشۇ ئەل(ئاھالىسى)نىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئاللىبۇرۇن (ھەقنى قارىغۇلارچە) يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىر– تۇزكورلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ(101).
سۈرە ئەئراف 102-ئايەت
وَمَا وَجَدْنَا لِأَكْثَرِهِم مِّنْ عَهْدٍ وَإِن وَجَدْنَا أَكْثَرَهُمْ لَفَاسِقِينَ
ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ (فىترەت) ئەھدىسىگە ۋاپادارلىقىنى كۆرمىدۇق،(ئەكسىچە) ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ پاسىق-ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق(102).
سۈرە ئەئراف 103-ئايەت
ثُمَّ بَعَثْنَا مِن بَعْدِهِم مُّوسَى بِآيَاتِنَا إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
ئۇلاردىن(يەنى پەيغەمبەرلەردىن) كېيىن بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز (يەنى مۆجىزىلىرىمىز) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەربابلىرىغا (ئەلچى قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئايەتلىرىمىزگە ھەقسىزلىق قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن(103).
سۈرە ئەئراف 104-ئايەت
وَقَالَ مُوسَى يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن راستتىنلا ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن(104).
سۈرە ئەئراف 105-ئايەت
حَقِيقٌ عَلَى أَن لَّا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ قَدْ جِئْتُكُم بِبَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مېنىڭ ۋەزىپەم ئاللاھ توغرىسىدا ھەقىقەتتىن باشقىنى ئاغزىمغا ئالماسلىقتۇر، راستتىنلا مەن سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. شۇڭا، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن»(105).
سۈرە ئەئراف 106-ئايەت
قَالَ إِن كُنتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن رەببىڭ تەرىپىدىن) بىرەر دەلىل (مۆجىزە) ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، ئۇنداقتا راستچىل بولساڭ ئۇنى كۆرسىتىپ باققىنە» دېدى(106).
سۈرە ئەئراف 107-ئايەت
فَأَلْقَى عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُّبِينٌ
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھاسىسىنى (يەرگە) تاشلىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى(107).
سۈرە ئەئراف 108-ئايەت
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
قولىنى چىقىرىۋىدى، ئۇ قارىغۇچىلارغا شۇ ھامان (كۆزنى قاماشتۇرغىدەك) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى(108).
سۈرە ئەئراف 109-ئايەت
قَالَ الْمَلَأُ مِن قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
پىرئەۋن خەلقىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن(109).
سۈرە ئەئراف 110-ئايەت
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُمْ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
ئۇ سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»(110).
سۈرە ئەئراف 111-ئايەت
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرندىشىنى بىر مۇددەت تۇتۇپ تۇرغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن(111).
سۈرە ئەئراف 112-ئايەت
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»(112).
سۈرە ئەئراف 113-ئايەت
وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِن كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز يېڭىۋالساق، بىزگە چوقۇم كاتتا مۇكاپات بېرىلىدىغۇ» دېيىشتى(113).
سۈرە ئەئراف 114-ئايەت
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى(114).
سۈرە ئەئراف 115-ئايەت
قَالُوا يَا مُوسَى إِمَّا أَن تُلْقِيَ وَإِمَّا أَن نَّكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن ئاۋۋال تاشلامسەن ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى(115).
سۈرە ئەئراف 116-ئايەت
قَالَ أَلْقُوا فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار تاشلىۋىدى، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن كاتتا سېھىر ئېلىپ كېلىشكەنىدى(116).
سۈرە ئەئراف 117-ئايەت
وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
بىز مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، شۇ ھامان ھاسا سېھىرگەرلەرنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يالماپ يۇتۇۋەتتى(117).
سۈرە ئەئراف 118-ئايەت
فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئايان بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى(118).
سۈرە ئەئراف 119-ئايەت
فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانقَلَبُوا صَاغِرِينَ
پىرئەۋن ۋە گۇماشتىلىرى شۇ يەردىلا يېڭىلدى ۋە ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلۇپ قايتىشتى(119).
سۈرە ئەئراف 120-ئايەت
وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
سېھىرگەرلەر سەجدە قىلدى(120).
سۈرە ئەئراف 121-ئايەت
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق(121).
سۈرە ئەئراف 122-ئايەت
رَبِّ مُوسَى وَهَارُونَ
يەنى، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە»(122).
سۈرە ئەئراف 123-ئايەت
قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنتُم بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ إِنَّ هَذَا لَمَكْرٌ مَّكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر(123).
سۈرە ئەئراف 124-ئايەت
لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ-چەپ قىلىپ كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم بىر تۇتاش دارغا ئاسىمەن»(124).
سۈرە ئەئراف 125-ئايەت
قَالُوا إِنَّا إِلَى رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ
سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «(نېمە قىلساڭ قىل،) بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز(125).
سۈرە ئەئراف 126-ئايەت
وَمَا تَنقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرى بىزگە يېتىپ كەلگەندە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا سەن بىزدىن ئۆچ ئېلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە چىدامچانلىق ياغدۇرغايسەن، بىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ۋاپات تاپقۇزغايسەن»(126).
سۈرە ئەئراف 127-ئايەت
وَقَالَ الْمَلَأُ مِن قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَى وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
پىرئەۋن خەلقىنىڭ كاتتىۋاشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن خەلقىنىڭ زېمىندا پىتنە-پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى(127).
سۈرە ئەئراف 128-ئايەت
قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
مۇسا ئۆز قوۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار، چىدامچان بولۇڭلار، زېمىن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ. كەلگۈسى تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچانلارغا مەنسۇپ» دېدى(128).
سۈرە ئەئراف 129-ئايەت
قَالُوا أُوذِينَا مِن قَبْلِ أَن تَأْتِيَنَا وَمِن بَعْدِ مَا جِئْتَنَا قَالَ عَسَى رَبُّكُمْ أَن يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ قاتتىق ئېزىلىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «بەلكىم، رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، زېمىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەتتە بولىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى(129).
سۈرە ئەئراف 130-ئايەت
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
ھەقىقەتەن، بىز پىرئەۋن خانىدانلىقىنى بەلكىم ساۋاق ئېلىپ قالار دەپ قەھەتچىلىك، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق(130).
سۈرە ئەئراف 131-ئايەت
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَذِهِ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَى وَمَن مَّعَهُ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِندَ اللَّهِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار (پاراۋانلىق-مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيتتى. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرسەپتە بولغان(مۆمىن)لارنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھتىندۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ(131).
سۈرە ئەئراف 132-ئايەت
وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِّتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
ئۇلار (مۇساغا): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق پاكىت (مۆجىزە) كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا زىنھار ئىشەنمەيمىز» دېدى(132).
سۈرە ئەئراف 133-ئايەت
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُّفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُّجْرِمِينَ
ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالايىئاپەتلىرىنى) پاكىت سۈپىتىدە ئەۋەتتۇق، ئۇلار (يەنىلا) ھاكاۋۇرلۇق قىلدى. چۈنكى ئۇلار گۇناھقا پاتقان خەلق ئىدى(133).
سۈرە ئەئراف 134-ئايەت
وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ لَئِن كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
قاچانىكى ئۇلارغا بالايىئاپەت كەلسە، ئۇلار: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى (ھۆرمىتى) بىلەن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن! قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بۇ بالايىئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېدى(134).
سۈرە ئەئراف 135-ئايەت
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَى أَجَلٍ هُم بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنكُثُونَ
قاچانىكى ئۇلارغا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى يەتكۈدەك ۋاقىت بېرىپ بالايىئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇلار ھەرقېتىم گېپىدىن يېنىۋالدى(135).
سۈرە ئەئراف 136-ئايەت
فَانتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇلاردىن بىخۇد بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ئەنتىمىزنى ئالدۇق(136).
سۈرە ئەئراف 137-ئايەت
وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَى عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
ئېزىلگەن قوۋمنى بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كۆرسەتكەن چىدامچانلىقى تۈرتكىسىدە، رەببىنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق روياپقا چىقتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغ-باراڭلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتۇق(137).
سۈرە ئەئراف 138-ئايەت
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَى قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَى أَصْنَامٍ لَّهُمْ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَل لَّنَا إِلَهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان (بۇتپەرەسلىك) ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ناتوغرىدۇر» دېدى (138).
سۈرە ئەئراف 139-ئايەت
إِنَّ هَؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَّا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان (بۇتپەرەسلىك) ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ناتوغرىدۇر» دېدى(139).
سۈرە ئەئراف 140-ئايەت
قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇسا: «ھالبۇكى، ئۇ سىلەرنى ئەھلى جاھاندىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، مەن سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى(140).
سۈرە ئەئراف 141-ئايەت
وَإِذْ أَنجَيْنَاكُم مِّنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ وَفِي ذَلِكُم بَلَاءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
ئەينى چاغدا سىلەرنى پىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزەتتى، ئاياللىرىڭلارنى دەپسەندە قىلاتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى (141).
سۈرە ئەئراف 142-ئايەت
وَوَاعَدْنَا مُوسَى ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً وَقَالَ مُوسَى لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇسا بىلەن 30 كېچە ئۈچۈن ۋەدىلەشتۇق، ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن رەببىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) مىللىتىم ئىچىدە ئورۇنباسارىم بول، ئىسلاھ قىل، بۇزغۇنچىلارنىڭ كەينىگە كىرمىگىن» دېدى(142).
سۈرە ئەئراف 143-ئايەت
وَلَمَّا جَاءَ مُوسَى لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنظُرْ إِلَيْكَ قَالَ لَن تَرَانِي وَلَكِنِ انظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي فَلَمَّا تَجَلَّى رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَى صَعِقًا فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇسا بىز بەلگىلىگەن ۋاقىتتا بەلگىلىگەن ئورۇنغا كەلگەن ۋە رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: «رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكەن بولساڭ، ساڭا بىر قارىۋالسامكەن» دېۋىدى، ئاللاھ: «سەن مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، ئاندىن مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. رەببى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل-پال چۈشۈرۈشى بىلەن تاغنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(رەببىم!) سەن (ھەرقانداق ئەيىب-نۇقساندىن) پاك ۋە ئۇلۇغدۇرسەن، ساڭا توۋا قىلدىم، مەن ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىنقىسىمەن» دېدى(143).
سۈرە ئەئراف 144-ئايەت
قَالَ يَا مُوسَى إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُن مِّنَ الشَّاكِرِينَ
ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! ۋەھىيلىرىم ۋە سۆزلىشىم ئارقىلىق سېنى ئىنسانلارغا (پەيغەمبەر قىلىپ) تاللىدىم. مەن ساڭا ئاتا قىلغان ۋەھىيلەرنى چىڭ تۇتقىن ۋە مىننەتدار بولغۇچىلاردىن بولغىن(144).
سۈرە ئەئراف 145-ئايەت
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِن كُلِّ شَيْءٍ مَّوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِّكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
بىز مۇسا ئۈچۈن تاختىلاردا ۋەز-نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا!) سەن ئۇ(تەۋرات)نى چىڭ تۇتقىن ھەمدە مىللىتىڭنى ئۇ ئەھكاملارغا ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن. مەن پات ئارىدا سىلەرگە (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ئىبارەت) ئاللاھ يولىدىن چىققۇچىلارنىڭ (خارابىگە ئايلانغان) دىيارىنى كۆرسىتىمەن» دېدى(145).
سۈرە ئەئراف 146-ئايەت
سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِن يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَّا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِن يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِن يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
مەن يەر يۈزىدە ناھەق يوغانچىلىق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمدىن بۇرىۋىتىمەن. ئۇلار (ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ) ھەرقانداق دەلىل-پاكىتىنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار توغرا يولنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە (دەرھال ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ) يول قىلىۋالىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بىخۇد بولغانلىقى ئۈچۈندۇر(146).
سۈرە ئەئراف 147-ئايەت
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىكارغا كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ(147).
سۈرە ئەئراف 148-ئايەت
وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَى مِن بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُ خُوَارٌ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
مۇسانىڭ خەلقى مۇسا(رەببى بىلەن سۆزلىشىشكە كەتكەن)دىن كېيىن، (ئۇنىڭ يوقلۇقىدا) زىننەت بۇيۇملىرىدىن (ياسالغان،) مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى خۇدا قىلىۋالدى. ئۇلار بۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يولمۇ كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ (شۇنداق تۇرۇقلۇق،) ئۇلار ئۇنى خۇدا قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلدى. چۈنكى ئۇلار زالىم كىشىلەر توپى ئىدى(148).
سۈرە ئەئراف 149-ئايەت
وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِن لَّمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
(موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكتىن،) ئۇلارنىڭ باشلىرى يەرگە ساڭگىلاپ، راستتىنلا ئازغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە ئىچ ئاغرىتمىسا ۋە ئەپۇ-مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى(149).
سۈرە ئەئراف 150-ئايەت
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَى إِلَى قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِن بَعْدِي أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇسا غەزەپلەنگەن، ئەپسۇسلانغان ھالدا خەلقىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىلىپسىلەر! (كۈتۈپ تۇرماي) رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشى(ھارۇن)نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! (بۇ) خەلق مېنى بوزەك تېپىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى، مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى (موزايغا چوقۇنغان) بۇ زالىم كىشىلەر توپى قاتارىدا سانىمىغىن»(150).
سۈرە ئەئراف 151-ئايەت
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى مېھىر-شەپقىتىڭگە داخىل قىلغايسەن، سەن ئەڭ شەپقەتلىكتۇرسەن»(151).
سۈرە ئەئراف 152-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
شۈبھىسىزكى، موزاينى ئىلاھ قىلىۋالغانلارغا كەلسەك، پات يېقىندا رەببىڭنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، دۇنيا ھاياتىدا خارلىققا دۇچار بولىدۇ. بىز يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز(152).
سۈرە ئەئراف 153-ئايەت
وَالَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ ثُمَّ تَابُوا مِن بَعْدِهَا وَآمَنُوا إِنَّ رَبَّكَ مِن بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىن (پۇشايمان ئىلكىدە) توۋا قىلغانلارغا كەلسەك، شەك-شۈبھىسىزكى، مۇشۇنداق پۇشايماندىن كېيىن سېنىڭ رەببىڭ ئەلۋەتتە كەچۈرگۈچىدۇر، رەھىمدىلدۇر(153).
سۈرە ئەئراف 154-ئايەت
وَلَمَّا سَكَتَ عَن مُّوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇسا غەزىپى بېسىققاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدىكى پۈتۈكلەردە رەببىدىن ئەيمىنىدىغانلار ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچ ۋە مېھىر-شەپقەت بار ئىدى(154).
سۈرە ئەئراف 155-ئايەت
وَاخْتَارَ مُوسَى قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِّمِيقَاتِنَا فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُم مِّن قَبْلُ وَإِيَّايَ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَاءُ وَتَهْدِي مَن تَشَاءُ أَنتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا وَأَنتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇسا ئۆز خەلقىدىن 70 كىشىنى بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا، بەلگىلىگەن جايغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تاللىدى. ئۇلارنى ۋەھىمىلىك بىر ئاۋاز قاپلىۋىدى، مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى كالتە پەملەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدىن ئىبارەتتۇر، ئۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويىسەن، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلەيسەن. سەن بىزنىڭ ھامىيىمىزسەن، بىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزگە ئىچ ئاغرىتقايسەن. سەن ئەڭ ياخشى كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن(155).
سۈرە ئەئراف 156-ئايەت
وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُم بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق يازغايسەن، بىز ھەقىقەتەن پۇشايمان ئىلكىدە ساڭا يۈزلەندۇق». ئاللاھ ئېيتتى: «مەن كىمنى خالىسام، شۇنى ئازاب-ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلىمەن، شەپقىتىم ھەممىگە ئورتاقتۇر. ئۇنى تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياشايدىغانلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە چىنپۈتىدىغانلارغا يازىمەن»(156).
سۈرە ئەئراف 157-ئايەت
الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، رەسۇلغا– ئۇممىي[11] نەبى (مۇھەممەت)گە ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىلدا ئۇنىڭ (ئالاھىدىلىكىنىڭ) تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: ئۇ (ئەلچى) ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاكىز-ياخشى نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى، بويۇنلىرىغا سېلىنغان تاقاق-كىشەنلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى ئېزىز بىلگەن، ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولغانلار ۋە ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن نۇر (يەنى قۇرئان)غا ئەگەشكەنلەر مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر (157).
[11] . قۇرئاندا «ئۈممىي» بولۇش، ساۋاتسىز بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «كىتابنى بىلمەسلىك»، يەنى «ئەھلى كىتابتىن (يەھۇدىي ۋە ياكى خىرىستىيان) بولماسلىق» دېگەنلىكتۇر.
سۈرە ئەئراف 158-ئايەت
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ-تەڭرى يوقتۇر، ئۇ ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ ۋە ۋاپات تاپقۇزىدۇ. شۇڭا، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان رەسۇلى– ئۇممىي نەبىگە ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلاركى، توغرا يول تاپقايسىلەر»(158).
سۈرە ئەئراف 159-ئايەت
وَمِن قَوْمِ مُوسَى أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
مۇسانىڭ قوۋمى ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق ئادالەتنى ياقلايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار(159).
سۈرە ئەئراف 160-ئايەت
وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِب بِّعَصَاكَ الْحَجَرَ فَانبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَى كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَكِن كَانُوا أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
بىز ئۇلارنى 12 ئايماق سۈپىتىدە قەبىلىلەرگە ئايرىغان، مۇسانىڭ خەلقى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى،) ئۇنىڭدىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ماننا[12] بىلەن بۆدۈنىنى[13] چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). (ئۇلار تۇزكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئۇۋال قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلدى(160).
[12] . ماننا– قىرودەك نېپىز، كىچىك-كىچك يۇمىلاق تاتلىق ھالۋا، يەنى قۇدرەت ھالۋىسى.
[13] . بۆدۈنە– بىرخىل قۇش. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ خەلقى چۆلدە قالغاندا ئۇچۇپ كېلىپ، تىككەن چېدىرگاھلىرىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار بۇ قۇشلارنى ئاسانلا تۇتۇپ كاۋاپ قىلپ يەيتتى.
سۈرە ئەئراف 161-ئايەت
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
ئەينى چاغدا ئۇلارغا: «سىلەر بۇ شەھەرگە ئورۇنلىشىڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، <(ئى ئاللاھ!)بىزنى ئەپۇ قىلغايسەن> دەڭلار، (شەھەر) دەرۋازىسىدىن ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار. (شۇ ۋاقتىدا) بىز گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا(ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەنىدى(161).
سۈرە ئەئراف 162-ئايەت
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِّنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
(ئەپسۇسكى،) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغانلار ئۆزلىرىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەقسىزلىق قىلغانلىقى تۈپەيلى، ئۇلارغا ئاسماندىن بالايىئاپەت ياغدۇردۇق(162).
سۈرە ئەئراف 163-ئايەت
وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ لَا تَأْتِيهِمْ كَذَلِكَ نَبْلُوهُم بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى گۈللەنگەن رايون توغرىسىدا سورىغىن، ئۇنىڭ ئاھالىسى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇپ ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ(خاسىيەتلىك)شەنبە كۈنىدە بېلىقلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپ-توپ بولۇپ كېلىپ سۇ يۈزىدە بەكرەك كۆرىنەتتى، شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇنچە كەلمەيتتى، بىز ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق (163).
سۈرە ئەئراف 164-ئايەت
وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِّنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا اللَّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا قَالُوا مَعْذِرَةً إِلَى رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر (شەنبە كۈنىدىكى ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا نەسىھەت قىلىۋاتقانلارغا): «سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ (بۇ دۇنيادا) ھالاك قىلىدىغان ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلىدىغان ئاممىغا ۋەز-نەسىھەت قىلىپ يۈرىسىلەر؟» دېۋىدى، ئۇ(ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى)لار: «رەببىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلماستىن ئەسلىتىپ قويۇش ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلدۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتىشىمىز ۋە بەلكىم ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغۇچىلار مەسئۇلىيەتنى ئېسىگە ئېلىشار ( دېگەن ئۈمىد بىلەن شۇنداق قىلىمىز)» دېدى(164).
سۈرە ئەئراف 165-ئايەت
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
ئۇ(گۇناھكار)لار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتنى ئۇنتۇۋىدى، بىز يامان ئىشتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغانلارنى بولسا، يولدىن چىققانلىقى تۈپەيلى يامان ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن جازالىدۇق(165).
سۈرە ئەئراف 166-ئايەت
فَلَمَّا عَتَوْا عَن مَّا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
ئۇلار باشتۇڭلۇق قىلىپ چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇدا داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن[14] بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق(166).
[14] . مايمۇن– بۇ ئايەتتە ئىپادىلەنمەكچى بولغىنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كېتىش بولماستىن، بەلكى خاراكتېر جەھەتتىن مايمۇنسىمانلىشىپ، دورامچى بولۇپ كېتىشتۇر. ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ مىسىردىكى چېغىدىلا ئەزگۈچى سىنىپ بولغان پىرئەۋن مىللىتىنى دوراشقا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چوڭ بىلىپ تەقلىد قىلىشقا باشلىغانلىقى قامچىلانغان.
سۈرە ئەئراف 167-ئايەت
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَن يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئى مۇھەممەت!) ئەينى چاغدا رەببىڭ ئۇ(يەھۇدىيلاشقان)لارغا تاكى قىيامەتكىچە دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەلۋەتتە تېز سۈرئەتتە جازالىغۇچى، ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە رەھىمدىلدۇر(167).
سۈرە ئەئراف 168-ئايەت
وَقَطَّعْنَاهُمْ فِي الْأَرْضِ أُمَمًا مِّنْهُمُ الصَّالِحُونَ وَمِنْهُمْ دُونَ ذَلِكَ وَبَلَوْنَاهُم بِالْحَسَنَاتِ وَالسَّيِّئَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
ئۇ(يەھۇدىيلاشقان)لارنى بۆلەك-بۆلەك ھالدا زېمىننىڭ ھەرتەرىپىگە چېچىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇرۇسلىرىمۇ بار، ئۇنداق ئەمەسلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ ھوشىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باياشاتلىق ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق(168).
سۈرە ئەئراف 169-ئايەت
فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَذَا الْأَدْنَى وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِن يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِّثْلُهُ يَأْخُذُوهُ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِم مِّيثَاقُ الْكِتَابِ أَن لَّا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارغا ئورۇنباسار بولغانلار كىتاب (تەۋرات)قا ۋارىس بولدى، ئۇلار «بىز ئەپۇ قىلىنىمىز» دەپ (ئايەتلەرنى بورمىلاش بەدىلىگە،) بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل-مېلىنى ئېلىۋېرىدۇ. شۇنداق پۇل-مال ئۇلارنىڭ قولىغا يەنە كەلسە، يەنە ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا ئېيتىش توغرۇلۇق كىتاب (تەۋرات)تا ئۇلاردىن (ۋەھىي بىلەن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن) چىن ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ئۇلار تەۋراتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن ئىدى. تەقۋادار-مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ياشايدىغانلارغا ئاخىرەت يۇرتى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟(169).
سۈرە ئەئراف 170-ئايەت
وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
كىتابنى چىڭ تۇتقان ۋە نامازنى نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىدىغانلارغا كەلسەك، (ئۇلار بىلسۇنكى،) بىز (ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى) تۈزىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيمىز(170).
سۈرە ئەئراف 171-ئايەت
وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُم بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئەينى چاغدا تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلەپ، ئۇلار «تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى» دەپ ئويلاپ قالغان ۋاقىتتا، (ئۇلارغا) «ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتاب(تەۋرات)نى چىڭ تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى تەلىماتلارنى يادىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلار. ئۈمىدكى، تەقۋادار- مەسئۇلىيەتچان بولغايسىلەر» (دېگەنىدۇق)(171).
سۈرە ئەئراف 172-ئايەت
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُوا بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن– ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن[15] ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەنىدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن بىخۇدلۇقتا قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكىڭلار ياكى «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا) شېرىك كەلتۈرۈپتىكەن، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن نەسىل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئەگىشىپ شۇنداق قىلدۇق)، باتىلغا پاتقانلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر(172-173).
[15] . بۇ ئايەتنى سۈرە تارىق 7- ئايەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
سۈرە ئەئراف 173-ئايەت
أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن– ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن[16] ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەنىدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن بىخۇدلۇقتا قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكىڭلار ياكى «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا) شېرىك كەلتۈرۈپتىكەن، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن نەسىل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئەگىشىپ شۇنداق قىلدۇق)، باتىلغا پاتقانلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر(172-173).
[16] . بۇ ئايەتنى سۈرە تارىق 7- ئايەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
سۈرە ئەئراف 174-ئايەت
وَكَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
بەلكىم ئۇلار (خاتا يولدىن) قايتىپ قالار دەپ، بىز ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز(174).
سۈرە ئەئراف 175-ئايەت
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇ(يەھۇدىي) لارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇ ئادەمگە بىز ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن بولساقمۇ، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتىۋىدى، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى[17](175).
[17] .ھەزرىتى ئەلى ۋە ئىبنى ئابباس قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان ئادەم «بەلئام بىننى بائۇرا» بولۇپ، ئۇ كىشى ئارامى قوۋمىدىن بولغان بولسىمۇ، دەسلەپتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن. كېيىنچە ئۆز قوۋمىنىڭ بۇتپەرەس پادىشاھى بالاك ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغاندا، مۇۋەھھىد/ئىمانلىق قوشۇننىڭ ئالدىغا قىپيالىڭاچ بۇزۇق ئاياللارنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇپ يېڭىش پىكرىنى بەرگەن بىر دانىشمەندۇر. بۇ شەخس ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىلىمىنى ئۆز دىنداشلىرىنىڭ زىيىنىغا ئىشلەتكەن ھەرقانداق شەخسنى ئىپادىلەيدۇ.
سۈرە ئەئراف 176-ئايەت
وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِن تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَث ذَّلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
ناۋادا بىز خالىغان بولساق، ئۇ(نىڭ مەرتىۋىسى)نى ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرەتتۇق. بىراق ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپس-خاھىشىغا ئەگەشتى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ مىسالى ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بۇ قىسسىلەرنى (قوۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن، ئۈمىدكى، تەپەككۇر قىلغاي(176).
سۈرە ئەئراف 177-ئايەت
سَاءَ مَثَلًا الْقَوْمُ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَأَنفُسَهُمْ كَانُوا يَظْلِمُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆزلىرىگە ئۇۋال قىلغان قوۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!(177).
سۈرە ئەئراف 178-ئايەت
مَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي وَمَن يُضْلِلْ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئاللاھ كىمنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرسە، ئەنە شۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ (قۇتقۇزماي) ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر(178).
سۈرە ئەئراف 179-ئايەت
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لَّا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَّا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَّا يَسْمَعُونَ بِهَا أُولَئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُولَئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
شەك-شۈبھىسىزكى، (قىلمىشلىرى تۈپەيلى دوزاخقا كىرىدىغان) جىن ۋە ئىنساندىن تالايلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ دىللىرى بار، چۈشەنمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛ قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئازغۇنلۇقتىدۇر، ئەنە شۇلار غاپىللارنىڭ دەل ئۆزىدۇر(179).
سۈرە ئەئراف 180-ئايەت
وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرى بار، شۇڭا ئاللاھقا شۇ چىرايلىق ئىسىملىرى بىلەن دۇئا قىلىڭلار-يالۋۇرۇڭلار. ئۇنىڭ ئىسىملىرىدە چەتنەپ كەتكەنلەر[18] بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ(180).
[18] .ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىش دېگەندە، ئۇنىڭ شەنىگە مۇناسىپ بولمىغان ناملار بىلەن ئاللاھنى تەرىپلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، خىرىستىيانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلىقتىن ھالقىغان ئىلاھقا ئايلاندۇرۇپ تەسۋىرلەپ ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغان؛ يەھۇدىيلار داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ بىلەن چېلىشىپ ئاللاھنى يېڭىۋەتكەنلىك سەپسەتىسىنى ئويدۇرغان؛ شۇنداقلا ئۈممىتى مۇھەممەد ئىچىدىمۇ قىسمەن تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەددىدىن زىيادە مەدھىيىلەپ، ئىنسان ئۈستى بىر كىملىكنى شەكىللەندۇرگەن؛ ئەينى چاغدا مەككە مۇشرىكلىرىمۇ «لات»نىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
سۈرە ئەئراف 181-ئايەت
وَمِمَّنْ خَلَقْنَا أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
ياراتقانلىرىمىز ئىچىدە (باشقىلارغا) ھەق بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق ئادالەتنى ياقلايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار(181).
سۈرە ئەئراف 182-ئايەت
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا سَنَسْتَدْرِجُهُم مِّنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنى ئۆزلىرىگىمۇ تۇيدۇرماستىن، ئاستا-ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز(182).
سۈرە ئەئراف 183-ئايەت
وَأُمْلِي لَهُمْ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر(183).
سۈرە ئەئراف 184-ئايەت
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەت)نىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر(184).
سۈرە ئەئراف 185-ئايەت
أَوَلَمْ يَنظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِن شَيْءٍ وَأَنْ عَسَى أَن يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا، ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرگە نەزەر سالمامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (قۇرئانغا ئىشەنمىسە،) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟(185).
سۈرە ئەئراف 186-ئايەت
مَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُ وَيَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ [19]. ئاللاھ ئۇلارنى ئازغۇنلۇقلىرىدا تاشلاپ قويىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ(186).
[19] .ئازغۇنلۇق ۋە توغرا يولنى تاللاش ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىلگىنى ئۈچۈن قىلغان خاتالىقىنى ئاللاھقا دۆڭگەپ قويۇپ، «پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇكەن، ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلمىدى» دېيىش قەتئىي توغرا ئەمەس.
سۈرە ئەئراف 187-ئايەت
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ رَبِّي لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَا تَأْتِيكُمْ إلاَّ بَغْتَةً يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ اللَّهِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «قىيامەتنىڭ مەلۇماتى پەقەت رەببىمنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، ئاسمان-زېمىنغا ئېغىر كېلىدىغان قىيامەت سىلەرگە تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغاندەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى: « قىيامەتنىڭ مەلۇماتى پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر»، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ(187).
سۈرە ئەئراف 188-ئايەت
قُل لَّا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ نېسىپ قىلمىسا ئۆزۈمگە نەپ يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ناۋادا مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام ئىدىم، ئۆزۈمگە (دۇنيالىق) نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ھاسىل قىلغان، زىيان-زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن (ئاللاھقا) ئىشىنىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى، خۇشخەۋەر بەرگۈچىمەن»(188).
سۈرە ئەئراف 189-ئايەت
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا فَلَمَّا تَغَشَّاهَا حَمَلَتْ حَمْلًا خَفِيفًا فَمَرَّتْ بِهِ فَلَمَّا أَثْقَلَت دَّعَوَا اللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنْ آتَيْتَنَا صَالِحًا لَّنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
ئۇ سىلەرنى يەككە جانلىقتىن ياراتتى ۋە ئۈلپەتلەشسۇن دەپ (ئۇنىڭ) جۈپتىنىمۇ ئۇ جانلىقتىن بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇنى (بىر مۇددەت) كۆتۈرۈپ يۈردى. (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر-خوتۇن) ئىككەيلەن رەببى ئاللاھقا: «بىزگە بىر بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، بىز چوقۇم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ تۇرىدىغانلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلىشتى(189).
سۈرە ئەئراف 190-ئايەت
فَلَمَّا آتَاهُمَا صَالِحًا جَعَلَا لَهُ شُرَكَاءَ فِيمَا آتَاهُمَا فَتَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلغاندا، ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈردى[20]. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر(190).
[20] .بۇ ئايەتتە نەزەردە تۇتۇلغىنى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن كېيىنكى ئىنسانلار.
سۈرە ئەئراف 191-ئايەت
أَيُشْرِكُونَ مَا لَا يَخْلُقُ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
ئۆزلىرى يارىتىلغان ۋە ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان شەيئىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەمدۇ؟(191).
سۈرە ئەئراف 192-ئايەت
وَلَا يَسْتَطِيعُونَ لَهُمْ نَصْرًا وَلَا أَنفُسَهُمْ يَنصُرُونَ
ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم قىلالمايلا قالماستىن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ(192).
سۈرە ئەئراف 193-ئايەت
وَإِن تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَى لَا يَتَّبِعُوكُمْ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنتُمْ صَامِتُونَ
توغرا يولغا يېتەكلىسۇن دەپ ئۇلارغا يالۋۇرساڭلارمۇ، ئۇلار سىلەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. مەيلى ئۇلارغا يالۋۇرۇڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش(193).
سۈرە ئەئراف 194-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقانلىرىڭلار سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا (يېلىنىپ) دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن قېنى!((194).
سۈرە ئەئراف 195-ئايەت
أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنظِرُونِ
ئۇ(بۇت)لارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى ياكى تۇتىدىغان قوللىرى ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى ۋەياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەت! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك دەۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كەلگەننى ئايىماستىن،) ماڭا ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەي زىيانكەشلىك-ھىيلە-نەيرەڭ قىلىپ بېقىڭلار(195).
سۈرە ئەئراف 196-ئايەت
إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم كىتاب(قۇرئان)نى چۈشۈرگەن ئاللاھتۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگە چىقىدۇ(196).
سۈرە ئەئراف 197-ئايەت
وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنفُسَهُمْ يَنصُرُونَ
سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار سىلەرگىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ(197).
سۈرە ئەئراف 198-ئايەت
وَإِن تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَى لَا يَسْمَعُوا وَتَرَاهُمْ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
ئەگەر توغرا يولغا يېتەكلىسۇن دەپ يالۋۇرساڭلار، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار ساڭا قاراۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆرمەيدۇ»(198).
سۈرە ئەئراف 199-ئايەت
خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ
ئەپۇچان بولغىن، ياخشىلىققا ئۈندىگىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن(199).
سۈرە ئەئراف 200-ئايەت
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىر ۋەسۋەسە نوقۇسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(200).
سۈرە ئەئراف 201-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِّنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُم مُّبْصِرُونَ
تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولغان كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، دەرھال (ئاللاھنى) ئېسىگە ئالىدۇ-دە، (ھەقىقەتنى) كۆرۈۋالالايدۇ(201).
سۈرە ئەئراف 202-ئايەت
وَإِخْوَانُهُمْ يَمُدُّونَهُمْ فِي الْغَيِّ ثُمَّ لَا يُقْصِرُونَ
(شەيتانلار ئۆزلىرىگە ئەگىشىدىغان) بۇرادەرلىرىگە ئازغۇنلۇقتا مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ، (ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن) بوشىشىپ قالمايدۇ(202).
سۈرە ئەئراف 203-ئايەت
وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِم بِآيَةٍ قَالُوا لَوْلَا اجْتَبَيْتَهَا قُلْ إِنَّمَا أَتَّبِعُ مَا يُوحَى إِلَيَّ مِن رَّبِّي هَذَا بَصَائِرُ مِن رَّبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارنىڭ (خاھىشىغا ماس) بىرەر ئايەت كەلتۈرمىسەڭ، «ئۇنى ئۆزۈڭ ئىجاد قىلساڭچۇ» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەت!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس،) مەن پەقەت رەببىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەگىشىمەن. بۇ (قۇرئان سىلەرگە) رەببىڭلار تەرىپىدىن (كەلگەن) ئاڭ-ئىدراك مەنبەسىدۇر، ئىشىنىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچ ۋە مېھىر-شەپقەتتۇر»(203).
سۈرە ئەئراف 204-ئايەت
وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار. ئۈمىدكى، مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشكەيسىلەر(204).
سۈرە ئەئراف 205-ئايەت
وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ الْغَافِلِينَ
رەببىڭنى ئەتىگەن-ئاخشامدا چىن دىلىڭدىن يېلىنغان ۋە ئەيمەنگەن ھالدا پەس ئاۋاز بىلەن ياد ئەتكىن، غاپىللاردىن بولمىغىن(205).
سۈرە ئەئراف 206-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ
رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى( پەرىشتە)لەر ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىشقا كىبرلىك قىلمايدۇ، ئاللاھنى ئۇلۇغلايدۇ-تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ(206).
Flag Counter