ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەت بىلەن ئاتالغان:
« چوقۇم بولىدىغان ئۇ ئىش (1). »
پەقەت بۇ يەردىلا ئىشلىتىلگەن « ئەل - ھاققە » كەلىمىسى « ھەقىقەتنىڭ پۈتۈن ئامىللىرى بىلەن روياپقا چىقىشى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغان بىر ھەقىقەتتىن ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىدۇ. مەزكۇر سۈرە قۇرئاندىكى قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت ياكى ئىلاھىي بارلىققا كېلىش ۋە بۇزۇلۇش ( كەۋن ۋە فەساد ) ھەقىقىتىنى بايان قىلغان 14 سۈرىدىن بىرى.
نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىلا « ھاققە » ئىسمى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 - يىلىغا ئائىت بولغان مۈلك سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا، مۈلك - مەئارىج سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. لېكىن، سۈرە مەزمۇنلىرى ئاساس قىلىنغان يەنە بىر تىزىلىشتا، 9 - يىلدىن بۇرۇنقى تارىخقا ئېلىنغان. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا قىسسەلەرنىڭ ناھايىتى ئىخچام بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنىشى، فەجر سۈرىسىنى ئىما قىلىدۇ. سۈرىنىڭ 41 - 42 - ئايىتى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرىنى نەجم سۈرىسى بىلەن باشلىنىپ، تاھا سۈرىسى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مۇشرىكلارغا قارىتا « ھەيۋە كۆرسەتكەن » سۈرىلەرنىڭ ئاخىرقىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن پەيغەمبەرلىكنىڭ 6 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
سۈرە، ئاخىرقى سائەت يەنى قيامەت ۋە ئاخىرەتنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى سائەتنىڭ ھالاك قىلغۇچى مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن ( 1 -3 ، 13 - 17 ).
ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان ۋە ۋەھىيگە قۇلاق سالمىغان ئۆتمۈش قوۋملارنىڭ ھالاك بولۇشى ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىنغان ( 4 - 12 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن ھېساب كۈنى ھەققىدە توختالغان ( 13 - 18 ). مۇكاپات ۋە جازا، ھېسابنىڭ تەبىئىي بىر نېمىتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ( 19 - 37 ). بۇ ئارقىلىق ئىنساندا دۇنيا ھاياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەر ئىشنى ھېسابىنى بېرەلەيدىغان ھالدا قىلىش، ئاخىرەتنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. سۈرە ئاخىرەتتە مۇكاپاتى جەننەت بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىنى تىرىك ياشاۋاتقانلارغا ئالدىن بايان قىلىپ بېرىدۇ:
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ (19) إِنِّي ظَنَنْتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيَهْ (20)
« نامە-ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «مېنىڭ بۇ نامە-ئەمەل دەپتىرىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزۈمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم » دەيدۇ (19)-(20). »
جازاسى جەھەننەم بولغانلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ (25) وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ (26) يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ (27) مَا أَغْنَى عَنِّي مَالِيَهْ (28) هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ (29)
« نامە-ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «ئاھ ! كاشىكى نامە-ئەمەل دەپتىرىم ماڭا بېرىلمىگەن بولسىچۇ ! (25)، ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ! (26)، ھاياتىم (دۇنيادىكى ئۆلۈمۈم بىلەنلا) ئاخىرلاشقان بولسىچۇ! (27) مال-مۈلكۈم ماڭا ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىدى (28)، سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى» دەپ كېتىدۇ (29). » .
ۋەھىي مەنبەسىنىڭ پەيغەمبەر ئەمەس، ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىپادە بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ (44) لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ (45) ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ (46) فَمَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ (47)
« ناۋادا ئۇ (يەنى مۇھەممەت) بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇغان بولسا (44). ئەلۋەتتە ئۇنى قاتتىق جازالىغان بۇلاتتۇق (45). ئاندىن ئۇنىڭ جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق (46). سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى (47). »
سۈرە سۆزلەرنىڭ سۇلتانى بولغان ۋەھىي ھەققىدىكى بايانلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، ۋەھىي « ئۇ قۇرئان شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر » ( 51 ). بۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئەزىمەتلىك رەببىنىڭ نامىنى ئەستىن چىقارمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك:
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ (52)
« شۇڭا سەن بۈيۈك رەببىڭنىڭ نامىنى ئۇلۇغلىغىن (52).»