ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە ئىسمىنى 1 - ئايەتتىن ئالغان بولۇپ، بەزى مەنبەلەردە « نۇن » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
« نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ قۇرمۇ-قۇر يازغانلىرى بىلەن قەسەمكى » ( 1 ).
سۈرە ھىجرىيە 4 - ئەسىرگىچە « نۇن ۋەلقەلەم » دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرلا ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا باشلانغان. بەزى جايلاردا « نۇن » ئىسمى بىلەن، يەنە بەزى جايلاردا « قەلەم » ئىسمى بىلەن ئاتاش ئومۇملاشقان.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان « قەلەم » بىلىم ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنىڭ ئىسمىنى « بىلىم ۋاستىلىرى » دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ قەلەم بىلەن قەسەم قىلىشى، پەقەت بىلىم ۋاستىلىرىنىڭ قىممىتىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە مەزكۇر ۋاستىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شاھىتلىق قىلىدىغانلىقىدىنمۇ بىشارەت بېرىدۇ.
سۈرە - ئىنكارچىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئاغزاكى ئەزىيەتلىرىنى رەت قىلىش بىلەن باشلانغان.
مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
« (ئى مۇھەممەت!) سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، ھەرگىز ساراڭ-جىن مۇسەللەت بولغان بىرى ئەمەسسەن » ( 2 ).
رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئايەت بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ
« (ئى مۇھەممەت!) سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك ئېتىكا-ئەخلاققا ئىگىسەن » ( 4 ).
سۈرىنىڭ فەجر سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا، قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش جەريانىدا بايان قىلىنغان تۇنجى قىسسە بۇ سۈرىدىكى « باغ ئىگىسى » قىسسىسى بولۇپ ( 17 - 32 )، يەمەن دىيارىغا خاس بولغان بۇ قىسسە ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىدا « نېمەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش » ئېڭىنى- ئەخلاقىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلماقتا ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىغا « ئەي ئىنسان! ئاللاھ يوقتەك چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيەدە بولما! » دېمەكتە.
وَلَا يَسْتَثْنُونَ
« ئاللاھ نېسىپ قىلسا دېمىگەن ئىدى » ( 19 ).
بۇ ئايەتتە، ئاللاھ نىڭ ھەر ۋاقىت ھاياتقا ئارىلىشىپ، ئىنسان ئىرادىسىنىڭ تاللىشىغا قارىتا يېڭى يارىتىشتا بولىدىغانلىقى ئىما قىلىنماقتا.
بۇ سۈرە، نازىل بولۇش جەريانىدا ئاخىرەت ھەققىدە توختالغان تۇنجى سۈرە بولۇپ، ھەقىقەتكە قارىتا ئالدىنئالا چىقىرىۋالغان چۈشەنچىسى بىلەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغۇچىلارنى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە چاقىرماقتا ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلەرنى كۈتۈپ تۇرغان دەھشەتلىك ئاقىۋەتتىن خەۋەر بەرمەكتە ( 33 - 43 ).
44 - 47 - ئايەتلەردە، رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان « بۇ قۇرئاننى يالغان دېگۈچىلەرنى ماڭا قويۇپ قوي» خىتابى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە رەسۇلۇللاھقا ( يەنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچىغا ) ئەمەس، ئاللاھ قا قارشى چىقىۋاتقانلىقى ئىما قىلىنغان.
48 - 50 - ئايەتلەردە، ھەزرىتى يۇنۇسنىڭ قوۋمىنى ئاللاھ تەئالاغا چاقىرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىجازىتىسىز تاشلاپ كېتىشى ئەسكەرتىلىپ، خىتاپ قىلىنغۇچىغا ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ئىما قىلىنىپ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ھەزرىتى يۇنۇس سادىر قىلغان خاتالىقتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇپ « سەن بېلىق ھەمراھى (يۇنۇس) تەك (ئالدىراڭغۇ) بولمىغىن » دەيدۇ:
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَى وَهُوَ مَكْظُومٌ (48) لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ (49) فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ (50)
« رەببىڭنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن سەۋرچان بولغىن، سەن بېلىق ھەمراھى (يۇنۇس) تەك (ئالدىراڭغۇ) بولمىغىن. ئەينى چاغدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا (رەببىگە) يالۋۇرغان ئىدى (48). ناۋادا ئۇنىڭغا رەببىنىڭ نېمىتى ئۇلاشمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئەيبلەنگەن ھالدا بىر قاقاس دالىغا تاشلانغان بولاتتى (49) . رەببى ئۇنى تاللاپ ياخشىلار قاتارىدىن قىلدى (50).»
51 - 52 - ئايەتلەردە، كاپىرلار ( ئىنكار قىلغۇچى، ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچىلارنىڭ ) ۋەھىيگە ۋە ئۇنى يەتكۈزگۈچىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بايان قىلىنىپ، بۇ ۋەزىپىگە تالىپ بولغۇچىغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلدۇرۇلغان ۋە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتى بايان قىلىنغان.
وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ (51) وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ (52)
كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا يامان كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «ئۇ ئەلۋەتتە ساراڭدۇر» دېيىشىدۇ (51). ھالبۇكى، قۇرئان پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن نەسھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس (52).