سۈرە تەھرىم
سۈرە تەھرىم 1-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ خۇرسەنلىكىنى كۆزلەپ (ئۆزۈڭگە) ھارام[1] قىلىسەن؟ ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر (1).
سۈرە تەھرىم 2-ئايەت
قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ، سىلەرگە (نۆۋىتى كەلگەندە) قەسەملىرىڭلارنى (كاپارەت بېرىش ئارقىلىق) بۇزۇشنى پەرز قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (2).
سۈرە تەھرىم 3-ئايەت
وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَى بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَن بَعْضٍ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنبَأَكَ هَذَا قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
ئەينى چاغدا نەبىي ئۆزىنىڭ ئاياللىرىدىن بىرىگە[2] بىر سۆزنى خۇپىيانە ئېيتقان ئىدى، ئۇ بۇ سۆزنى (باشقىسىغا[3]) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا ئۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئايان قىلغان چاغدا، نەبىي ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار زات (يەنى ئاللاھ) خەۋەر قىلدى» دېدى (3).
سۈرە تەھرىم 4-ئايەت
إِن تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا وَإِن تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَلِكَ ظَهِيرٌ
(ئېيتقىنكى، ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى!) «ئەگەر ئىككىڭلار توۋا قىلىپ ئاللاھقا يۈزلەنسەڭلار، (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر) چۈنكى سىلەرنىڭ دىلىڭلار بۇرۇلۇپ كەتتى. ئەگەر سىلەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر-بىرىڭلارغا يار-يۆلەكتە بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىئىلمۇ، سالىھ مۆمىنلەرمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر؛ ئۇلاردىن باشقا پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭ يۆلەنچۈكىدۇر (4).
سۈرە تەھرىم 5-ئايەت
عَسَى رَبُّهُ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُّؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا
(ئىي نەبىينىڭ ئاياللىرى!) ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچى، مۆمىن، ئىتائەتكار، (گۇناھلىرىغا) توۋا قىلغۇچى، ئىبادەتكار، روزا تۇتقۇچى چوكان ۋە قىز جۈپتىلەرنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىشى مۇمكىن (5).
سۈرە تەھرىم 6-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولغان دوزاخ ئوتىدىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭغا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەرمانىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىدۇ (6).
سۈرە تەھرىم 7-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
(دوزىخيلارغا:) ئى كاپىر بولغانلار! بۈگۈن ئۆزۈرخاھلىق ئېيىتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر (دېيىلىدۇ) (7).
سۈرە تەھرىم 8-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَى رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھقا سەمىمى رەۋىشتە توۋا قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار قۇسۇرلىرىڭلارنى ياپىدۇ ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ نەبىينى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزگەيسەن، بىزنى كەچۈرگەيسەن، چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىگە قادىرسەن » دەيدۇ (8).
سۈرە تەھرىم 9-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئى نەبىي! سەن كاپىرلار ۋە ئىككى يۈزلىمىچى-مۇناپىقلارغا قارشى كۈرەش قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغىن. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدىگەن يامان جاي! (9).
سۈرە تەھرىم 10-ئايەت
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
ئاللاھ كاپىر بولغانلارغا نوھنىڭ ئايالى بىلەن لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئىككى خوتۇن بىزنىڭ ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ نىكاھىدا ئىدى، (شۇنداق تۇرۇپ) ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى (ئىمان ئېيتماسلىق ۋە گۇناھ-مەسىيەت بىلەن) ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ (ئازاب-ئوقۇبىتى) نى قىلچە توسۇپ قالالمىدى. (ئۇ ئىككى خوتۇنغا): «سىلەرمۇ دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى (10).
سۈرە تەھرىم 11-ئايەت
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ آمَنُوا امْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِندَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئەينى چاغدا ئۇ (ئاللاھقا دۇئا قىلىپ): «رەببىم! ماڭا دەرگاھىڭدا- جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىپ بەرگەيسەن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، مېنى زالىم قوۋمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن» دېگەن ئىدى (11).
سۈرە تەھرىم 12-ئايەت
وَمَرْيَمَ ابْنَتَ عِمْرَانَ الَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَاتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِ وَكَانَتْ مِنَ الْقَانِتِينَ
شۇنداقلا ئاللاھ يەنە ئىمراننىڭ ئۆزىنى پاك ساقلىغان قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ (بالياتقۇسى) غا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋە كىتابلىرىنىڭ توغرىلىقىنى قوبۇل قىلغان، چىن كۆڭلىدىن ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولغان ئىدى (12).
Flag Counter