ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « خېتىنى بېرىۋېتىش،ئاجرىشىش،قويىۋېتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تالاق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. يەنى:
« ئى نەبىي! سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ خېتىنى بەرمەكچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ خېتىنى ئىددىتى ئىچىدە (يەنى پاكلىق ھالىتىدە) بېرىڭلار، ئىددەت ۋاقتىنى ئوبدان ھېسابلاڭلار، رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار» ( 1 ).
ئايەتتىكى ئەمىرنىڭ قاراتمىلىقى ئايالىنى تالاق قىلغان ئەرلەر بولۇپ، مۆمىن ئەرلەرگە تالاق ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئايال كىشىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى نەزەردە تۇتۇش ئەمىر قىلىنماقتا ۋە بۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن بىرىنچى ئايەتنىڭ مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى « تالاق مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇش » مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
سۈرىنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن.
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن « سۇرەتۇن نىسائىل قۇسرا يەنى قىسقا نىسا سۈرىسى » دەپ ئاتىغان. بۇ ئىسىم مەزكۇر سۈرىنى خۇددى نىسا سۈرىسىگە ئوخشاش « ئاياللار ھەق - ھوقوقى » مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىدۇ.
سۈرىنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەش قىيىن. سۈرىنىڭ 1 - 7 - ئايەتلىرىنىڭ بەقەرە 228 - 234 - ئايەتلىرىنىڭ يېشىمى - ئىزاھاتى ئىكەنلىكى ھەقىقىتىگە ئىبن مەسئۇدنىڭ بۇ سۈرىگە قويغان ئىسمىنى بىرلەشتۈرسەك، سۈرىنىڭ ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولۇشقا باشلىغان بەقەرە سۈرىسى ۋە ھىجرىيە 4 - يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان نىسا سۈرىسى ھەتتا ئەھزاب 49 - ئايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دىققەتكە ئالغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەردىن كېيىن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەھزاب سۈرىسى بىلەن بۇ سۈرە ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان خىتابلاردىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەھزاب 50 - ئايىتى بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدە « ئى نەبى! » دەپ خىتاب قىلىنماقتا.
سۈرىنى ھىجرى 5 - ياكى 6 - يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرىنىڭ ئىككى مەقسىتى بار. بىرىنچىسى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالنىڭ ئۇۋالچىلىققا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەتتا ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلغاندا، ئاجىزلارنى مۇشتۇمزورلارنىڭ زۇلمىدىن قوغداش. ئىككىنجىسى، ئاجراشقان ئاياللارنىڭ ئىددەت مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، نەسەبنىڭ ساپلىقىنى ھىمايە قىلىش ھەم ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتىلغان بولغۇسى بىر تۆھمەت ۋە بۆھتاننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.
ۋەھىي ئەركەك - چىشى بۇ ئىككى جىنىسنى بىر- بىرىگە « تەسەللىي » بەخش ئېتىدىغان ئىككى ئامىل سۈپىتىدە تونۇشتۇرىدۇ. بۇ بىر مەقسەت بولۇپ، بۇ مەقسەت پەقەت « مېھرى - مۇھەببەت » ۋە « مەرھەمەت -شەپقەت » بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ( سۈرە رۇم، 21 ). نىكاھ رىشتىسى بۇ مۇناسىۋەتنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بىر جۈپ ئارىسىدىكى تەبىئىي مايىللىق تۈگىگەن ۋە نىكاھ رىشتىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، بۇنىڭغىمۇ « مەجبۇرىي » يول قويۇلغان. « ئاجرىشىش - خېتىنى بېرىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تالاق مانا بۇ ئىجازەتنىڭ ئىسمىدۇر.
ئاجرىشىش ھاياتنىڭ ئاچچىق رېئاللىقىدىن بىرى. ۋەھىي بۇ رېئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلا قالماستىن، ئۇۋالچىلىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۈرە 1 - 7 - ئايەتلىرىدە ئاجرىشىش ھەققىدە بەلگىلىمىلەر قويغان. ۋەھىي بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ئۈستىدىن ھەر دەۋرنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلىرىگە مۇنداق خۇشخەۋەر بېرىدۇ:
وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا (2) وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ (3)
« كىمكى ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىىش يولى بېرىدۇ (2). ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تايانسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايىدۇر. » ( 2 - 3 ).
سۈرىنىڭ 4 - ئايىتى « ئاجراشقان ئاياللارنىڭ قايتىدىن توي قىلىشى ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك بولغان مۇددەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئىددەت » مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىدۇ. سۈرىدە بۇ مەسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىغا ئۆز دەۋرىدە ئاياللارغا قارىتىلغان ناھەقچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەب بولغان. چۈنكى ئەرلەر تالاق قىلغان ئاياللارغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن تۇرمۇشلۇق بولۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھامىلە بولۇش ئېھتىماللىقىنى باھانە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى نەسەپ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەياكى پۇشتىغا ئىگە چىقىش ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ ئۇسلۇب بىلەن سابىق ئايالىدىن ئۆچ ئېلىشنى، بەزىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ سابىق ئايالىنى « زاپاس » قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى، بەزىسى ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئايالىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلاتتى. قۇرئان بۇ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن. بۇ پرىنسىپلارنى بەلگىلىگەندە ئەرلەرگە « تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان » بولۇشنى ئەسكەرتكەن:
« كىمكى ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ (4). ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدۇر. كىمكى ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قۇسۇرلىرىنى ياپىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاپ بېرىدۇ » ( 4 - 5 ).
سۈرىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغان مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتە ناھايىتى يارقىن ھالدا بايان قىلىنماقتا:
أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّى يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآَتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأْتَمِرُوا بَيْنَكُمْ بِمَعْرُوفٍ وَإِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُ أُخْرَى
« ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىپ سىلەرنىڭ ئىددىتىڭلارنى تۇشقۇزىۋاتقان ئاياللىرىڭلارنى) قۇربىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسىمىدا تۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارغا بېسىم قىلىپ زىيان يەتكۈزمەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ھامىلدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى نەپىقە بىلەن تەمىنلەڭلار، (ئاجرىشىپ كېتىش قارارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن) ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالا ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ( ئېمىتىش ) ھەققىنى بېرىڭلار. ئاراڭلاردا مۇناسىپ رەۋىشتە كېلىشىڭلار. ئەگەر ( بالىنى ئېمىتىش مەسىلىسىدە ) كېلىشەلمىسەڭلار،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بالىنى باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن » ( 6 ).
سۈرىنىڭ كېيىنكى بۆلىكى دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ۋەھىي ۋە ئۇنى بىزگە يەتكۈزگەن نۇبۇۋۋەت / ئەلچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ( 8 - 11 ). ئەگەر بىر ئەقىل ئاللاھ تەئالانىڭ ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە ئارلىشىشىنى چۈشىنىشتە قېينىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا يەر ۋە زېمىننى « ئىنسان » غا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلگەن:
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا
« ئاللاھ شۇنداق زاتكى، يەتتە ئاسماننى، شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مىقداردا زېمىننى ياراتتى، (ئاللاھنىڭ) بويرۇقى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا داۋاملىق جارى بولۇپ ئۈزلۈكسىز ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. (بۇلارنىڭ بايان قىلىنىشى) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر » ( 12 ).
خۇلاسىلىگەندە، ئىنسان ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەتىۋارلىق بىر مەۋجۇدىيەتتۇر.