ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىنىڭ 9 - ئايىتىگە ئاساسەن بۇ سۈرىگە « ئالدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەغابۇن » ئىسمى بېرىلگەن:
« بىركۈن كېلىدۇكى،ئاللاھ ھەممىڭلارنى ئەڭ بۈيۈك جەم قىلىش كۈنى بولغان مەھشەردە بىريەرگە يىغىدۇ، ئەنە شۇ كۈن ئالدانغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدىغان كۈندۇر. » ( 9 ).
مەزكۇر ئايەتتىكى « ئۆز-ئارا ئالدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تەغابۇن ئوخشاشلىق پېئىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى ئالدىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەپچىدە بۇ پېئىل شەكلى ھەرىكەتنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنىسى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ ئايەتنى « ئالدانغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدىغان كۈن » دەپ مەنا ئېيتىش كېرەك. ئەل - غابن بىر تاۋارغا ئەسلى قىممىتىدىن تۆۋەن باھا پىچىشنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە بۇ پېئىل ئاخىرەتتىكى ئالدىنىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تەبىئىتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ھەر ئالداش ئەسلىدە بىر ئالدىنىشتۇر، ئۆزىنى ئالداشتۇر. كەلىمە قۇرئاندا پەقەت بۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرىنىڭ 14 - 15 - ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلەكتە بىر قىسىم مۆمىنلەر تارتقان جاپا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىغاندا ھىجرەت بىلەن بەدرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەزگىلدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
بەزىلەر 14 - 15 - ئايەتلەرنىڭ مەككىدە، قالغان ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، 11 - ئايەتتىن باشلانغان تېما 14 - ۋە 15 - ئايەتلەر بىلەن داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلەكتىكى تېما ھىجرى 2 - يىلىدا نازىل بولغان ئەنفال سۈرىسى 24 - 28 - ئايەتلەر ئارىسىدا قايتا تىلغا ئېلىنغان. ئەنفال 28 - ئايەت بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 15 - ئايىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە ئوخشاشلىق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئامىللار نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرىنىڭ مەدىنىدە، ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
سۈرە باشلىنىش شەكلى جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان سەف، جۈمە، ھەشردىن تەركىپ تاپقان تۆت سۈرىنىڭ تۇنجىسىدۇر.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىسلام جامائىتىنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تەسەۋۋۇرىنى بەرپا قىلىش بىلەن باشلىغان ( 1 - 4 ).
ئاندىن كېيىن سۆز ئىنكار ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارغا كېلىدۇ. « سىلەرگە بۇرۇنقىلاردىن كاپىر بولۇپ، ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ » ( 5 ) دەپ سورايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ روشەن دەلىللىرى بىلەن كەلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەق خەۋەرگە قاراشنىڭ ئورنىغا، ئەلچىنىڭ پەرىشتە بولغان بولمىغانلىقى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. تەسەۋۋۇرى قىڭغىر كەتكەن بۇ ئىنكارچىلار « بىزگە(ئوخشاش) بىر ئىنسان بىزگە يېتەكچىلىك قىلامدۇ؟ » دەپ ئېتىراز قىلغانىدى ( 6 ). قايتىدىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلغان بۇ كىشىلەرگە قۇرئاندا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
ئېيتقىنكى: «ياق، رەببىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئىش-ھەرىكىتىڭلاردىن سىلەرگە بىرمۇ-بىر خەۋەر بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر » ( 7 ).
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، سۆز ۋەھىينىڭ يورۇقلۇقىغا دەۋەت قىلىنىدۇ:
فَآَمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالنُّورِ الَّذِي أَنْزَلْنَا وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
« شۇڭلاشقا ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە بىز چۈشۈرگەن نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئىشىنىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر » ( 8 ).
ئىمان ئېيتىش ئىشەنچ قىلىشتۇر. مۆمىن بەندە ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. « ئاللاھ تەئالانىڭ رۇخسىتىسىز (ئىنساننىڭ) بېشىغا ھېچقانداق مۇسىبەت كەلمەيدۇ » ( 1 1 ). ئەگەر مۇسىبەت يەتسە سەبىر قىلىش يەنى بەرداشلىق بېرىش كېرەك، بۇ مۇسىبەت بەزىدە مال - مۈلكىمىز ۋە يېقىنلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن: « سىلەرنىڭ پۇل-ماللىرىڭلار، پەرزەنىتلىرىڭلار بىرتۈرلۈك سىناقتۇر، بۈيۈك مۇكاپات ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر » ( 15 ).
سۈرە ھەم « خەيرلىك قەرز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قەرزى ھەسەنگە، ھەمدە « ئاللاھ يولىدا بىر نەرسە تەمە قىلماستىن ئىقتىساد سەرپ » قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىنفاق-خەير-ساخاۋەتكە تەشەببۇس قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ بىر تەڭ بەھرىمان بولۇش چاقىرىقى بولۇپ، ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار مۇۋاپىق شەكىلدە بۇ دۇنيادىكى ئىمكانلىرىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى بىلىشى كېرەك.
سۈرە مال - مۈلۈكنىڭ تارقىلىشىنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان بىر ئىلاھىي سىرغا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ (17) عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (18)
« ئەگەر سىلەر (پۇل-ماللىرىڭلارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ ۋە سىلەرنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈچىگە كۆپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر (17). ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (18).»