ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە مەزمۇنىغا ئاساسەن « مۇناپىقلار-ئىككى يۈزلىمىچىلەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇنافىقۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
سۈرىدە ھەر دەۋر ۋە ماكاندا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى شەخسلەرنىڭ روھى - ھالىتى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، تەبۇك غازىتى جەريانىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋەقە تەستىقلىمايدۇ. چۈنكى بۇ غازات ئېلىپ بېرىلغان ھىجرىيە 9 - يىلىدا مەدىنىدە مۇناپىقلار نوپۇزىنى يوقاتقانىدى. سىيەر ۋە تەپسىر ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەيگە قارىتىلغان 8 - ئايەتتىكى سۆزىنى بەنى مۇستەلىقتا ئېلىپ بارغان غازاتتا تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز مەدىنىگە قايتساق ئەڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىك ئادەم ( يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى ) ئەڭ پەس ئادەمنى ( يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۇئمىنلەرنى دېمەكچى ) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ » ( 8 ). ۋەقەلىك بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلىماقتا.
بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنىڭ ھىجرىيە 5 - يىلىدا نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ۋەقەلىك تۆۋەندىكىچە:
بەنى مۇستەلىق غازىتى جەريانىدا ئەنسارلاردىن بىر كىشى بىلەن مۇھاجىرلاردىن بىر كىشى ئارىسىدا سۇ نۆۋىتى سەۋەبىدىن غەۋغا چىقىدۇ. مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ بىن ئۇبەي بىننى سەلۇل بۇ غەۋغانى رەزىل غەرىزى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ قاراپ، بۇ جىدەلنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئەنسار تەرەپتە تۇرىدۇ. ئۇ مۇھاجىرلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا « شەھەرنىڭ ئەڭ ئەزىز ئادىمى ئەڭ خار ئادەمنى چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى » ئېيتىدۇ.
بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇنى چاقىرىتىپ سۆزنىڭ ئەسلىنى ئۇنىڭدىن سورايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنكار قىلىدۇ. ۋەھىي ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھتىن كەچۈرۈم سوراش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئەمما ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ ( ئىبن كەسىر ).
نىفاق- ئىمانغا سەل قاراش، « ئىمان ئەخلاقىدىن » مەھرۇم بولۇشتۇر. بۇ تەرىپى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مۇناپىقلىق بىر ئەقىدە مەسىلىسى بولۇشتىن بەكرەك بىر ئەخلاق مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭ تەكتىدە توغرا بولمىغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرى ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەسلىك چۈشەنچىسى ياتىدۇ. قۇرئان ئىنسانلارنى ئېتىقاد نۇقتىسىدىن مۆمىن، كاپىر ۋە مۇناپىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. مۇناپىق تاشقىي كۆرۈنۈشى جەھەتتىن مۆمىنگە، ئىچكى دۇنياسى نۇقتىسىدىن كاپىرغا ئوخشايدۇ. تاشقىي كۆرۈنۈشىنىڭ مۆمىنگە ئوخشاش بولۇشى بىراۋنى مۆمىن قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەمما، نىفاقى بىراۋنى كاپىردىنمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
سۈرە بىر شەخسىيەتنىڭ پارچىلىنىشىغا بولغان نىفاقنى تارىخىي ئۆرنەكلەر ۋە شەخسلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇلار ئىشەندۇق دېگەندە يالغان ئېيتقانىدى، ھەتتا يالغاندىن قەسەم قىلماقتا:
إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ (1) اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ (2)
(ئى مۇھەممەت!) ئىككى يۈزلىمىچى-مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇرسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇرسەن، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئىككى يۈزلىمىچى-مۇناپىقلار راستتىنلا يالغانچىلاردۇر (1). ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ (يالغان) قەسەملىرىنى (يالغان، ساختىپەزلىكلىرىگە) قالقان قىلىۋېلىپ (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان! (2).
نىفاقنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى مۆھۈرلەنگەن ( 3 ). ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈش ۋە كىيىنىشىدىن تارتىپ ھەممە تەرىپىنى ئالدامچىلىق ئاساسىغا قۇرغان بولۇپ، قۇرئاننىڭ بۇلار ھەققىدىكى ئوخشىتىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« ئۇلار گويا يۆلەپ قويۇلغان كۆتەكلەردۇر » ( 4 ).
ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگۈچى ئاللاھ رەسۇلى بولغان تەقدىردىمۇ، مۇناپىقلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ ئەپۇ-مەغپىرىتىگە نائىل بولالمايدۇ ( 6 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ئىنفاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دەماللىققا ئىنفاق بىلەن نىفاق ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت يوقتەك تۇيۇلسىمۇ، ھەم تىل ھەم ماھىيەت جەھەتتىن بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بۇ مۇناسىۋەت قارىمۇقارشىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، نىفاق ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. ئىككى يۈزلىمىچى بولغانلارنىڭ بىرلا دۇنياسى بولىدۇ. ئىنفاق ئىككى دۇنيالىق بىر ئىماننىڭ ئەسەرىدۇر:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ (9) وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ (10)
ئى ئىمان ئېيتقانلار! نە پۇل-مېلىڭلار، نە پەرزەنتلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر (9). سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەندە: «رەببىم! مېنڭ ئەجىلىمنى بىر ئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، خەير-ساخاۋەت قىلىپ ياخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسامكەن» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، بىز سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن خەير-ساخاۋەت قىلىڭلار ( 10). نەتىجە: ئىنفاق نىفاقنىڭ ۋاكسىنىسىدۇر.