ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىگە جۇمۇئە ئىسمى « كەڭ كۆلەملىك تەربىيە » مودىلىنىڭ ئىنسانلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئۆرنىكىنى تەشكىل قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى بولغان ھەمدە كۈنىمىزدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان جۈمە نامىزى ھەققىدە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن بېرىلگەن:
« ئى مۇئمىنلەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاش ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) يۈگرەڭلار، ئەگەر ( ياخشىلىق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى پەرقنى ) بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر » ( 9 ).
سۈرە نازىل بولغان مەزگىلنى كەسكىن قىلىپ ئېيتىش قىيىن. بۇ مەسىلىدىكى پەرقلىق قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى 9 - ئايەتنى جۈمە نامىزىنى پەرز قىلغان ئايەت دەپ چۈشىنىشتىن كېلىپ چىقماقتا. ھالبۇكى ئايەتنىڭ ئۇسلۇبى جۈمە نامىزىنىڭ بۇ ئايەت نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ قىلىنىۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. تارىخىي رىۋايەتلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئايەتنىڭ بېشىدىكى « إِذَا نُودِيَ »، جۈمە ئەزاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سۈرىنىڭ 1 - 8 - ئايەتلىرى بىلەن 9 - 11 - ئايەتلىرىنىڭ ئىككى پەرقلىق مەزگىلدە نازىل بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن مەزمۇن نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئالدىنقى بۆلۈمنى ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايىتىگە ئاساسەن خەيبەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشىغىچە ئارقىغا تارتىدىغان قاراشنى قوللىمايدۇ. چۈنكى 5 - ۋە 6 - ئايەتلەر مۇسۇلمان - يەھۇدى مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر مەزگىلگە دالالەت قىلماقتا. ھىجرى7 - يىلدىكى خەيبەرنىڭ فەتھى بۇ سۈرە ئۈچۈن ناھايىتى كېيىنكى بىر مەزگىلدۇر. نازىل بولۇش تارىخى مەدىنىدىكى ئاخىرقى يەھۇدىي قەبىلىسى بولغان بەنى قۇرەيزەنىڭ مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلمەيدۇ.
بۇ ئەھۋالدا پەرقلىق زامانلاردا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ، سۈرىنىڭ ھەر ئىككى بۆلىكىنى ھىجرەتنىڭ 3 - ياكى 4 - يىلىدا نازىل بولغان دەپ قاراش مۇۋاپىق.
سۈرىنى سەف سۈرىنىڭ ئارقىسىغا تىزىش ئەڭ مۇۋاپىق. سەف سۈرىسىدە ئۇرۇش دائىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىنتىزام مەسلىسى، بۇ سۈرىدە ناماز دائىرىسىدە تەكرار تىلغا ئېلىنغان. مۆمىنلەرنىڭ سەپ ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى جامەدە،جۈمەدە جامائەت بىلەن بىرلىكتە جەم قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىنغان.
جۈمە سۈرىسىنىڭ ئانا تېمىسى، مۇسۇلمانلارغا « يەھۇدىيلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەسكەرتىش بولۇپ، تەۋراتنى يەتكۈزۈش ۋە ھاياتىغا تەدبىقلاش مەسئۇلىيىتى بېرىلگەن، بىراق بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى « كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەكلەرگە » ئوخشىتىلغان.
مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآَيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
« تەۋرات (قا ئەمەل قىلىش ۋە يەتكۈزۈش) مەسئۇلىيىتى زىممىسىگە يۈكلەنگەندىن كېيىن، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مىسالى، خۇددى كىتاب توشۇيدىغان ( ئەمما دۈمبىسىدىكى كىتابنىڭ قىممىتىدىن بىخەۋەر بولغان) ئېشەكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر توپىنىڭ مىسالى نېمىدىگەن يامان! ئاللاھ زالىم كىشىلەر توپىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ » ( 5 ).
ئەسلىدە بۇ، قۇرئانغىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدىغانلارغا بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدا قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىنىڭ كىتابتىن مەھرۇم ( ئۇممى ) ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ( 2 ). بۇ ئارقىلىق كىتابلارنىڭ ئەڭ مۇقەددىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن « كىتابى بار، ئەمما كىتابسىز » ھالغا چۈشۈپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا مۆمىنلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۈممىتى مۇھەممەتكە:
« قۇرئان ۋەھىينى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى سىلەرگە بېرىلدى. بۇ مەسئۇلىيەتنى پەقەتلا قۇرئاننىڭ ۋاراقلىرىنى قولۇڭلاردا تۇتۇش بىلەن، ئۆيۈڭلاردا، ئىشكاپلىرىڭلاردا ساقلاپ قويۇش، تەكچىلەرگە قويۇپ قويۇش بىلەن ئادا قىلغان بولمايسىلەر. بۇ مەسئۇلىيەتنى قۇرئاننىڭ لەبزىنى يادا ئېلىش بىلەنلا ئادا قىلغان بولمايسىلەر. بۇ مەسئۇلىيەتنى قۇرئاننى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ، ئۆيۈڭلارنىڭ تاملىرىنى بېزەش بىلەن ئادا قىلغان بولمايسىلەر،شۇنداقلا بۇ مەسئۇلىيەتنى قۇرئان كەرىمنى پەقەت مۇڭلۇق ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا ئاداقىلغان بولمايسىلەر. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ شەرتى قۇرئاننى ھاياتنىڭ - تۇرمۇشنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ۋە قۇرئان كۆرسەتمىسى بىلەن ياشاشتۇر. ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭلار بەنى ئىسرائىلنىڭ تەۋراتقا قىلغان مۇئامىلىسىنى سىلەر قۇرئانغا قىلغان بولىسىلەر. بەنى ئىسرائىل تەۋراتقا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن يەھۇدىيلەشتى. سىلەرمۇ قۇرئانغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلساڭلار سىلەرمۇ يەھۇدىيلىشىسىلەر! » دېمەكتە.
تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك يىغىلىشقا قاتنىشىشنى ھەر قانداق ماددىي پايدىغا سېتىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
« ئى ئىمان ئېيتقانلار! جۈمە كۈنى نامازغا (يەنى جۈمەگە) ئەزان توۋلانسا، سىلەر ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە(يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) يۈگرەڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر » ( 9 ).
يەھۇدىيلارنىڭ شەنبە كۈنى ھىلىسىنىڭ ئاستىدا ياتقان دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئىللىتى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۈستى يېپىق ھالدا ئىما قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە. بۇنىڭ تەكتىدە « بىردىنبىر رىزىق بەرگۈچى خەيرلىك زات » ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئىشەنچىسىزلىك ياتماقتا. ھالبۇكى، « ئىمان »نىڭ ئەخلاقى نۇقتىدىكى مەنىداش سۆزى « ئىشەنچ قىلىش »تۇر.
وَإِذَا رَأَوْا تِجَارَةً أَوْ لَهْوًا انْفَضُّوا إِلَيْهَا وَتَرَكُوكَ قَائِمًا قُلْ مَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ اللَّهْوِ وَمِنَ التِّجَارَةِ وَاللَّهُ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
« (ئىي مۇھەممەت!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى ئويۇن-تاماشىنى كۆرسە، سېنى ئۆرە (خۇتبە ئوقۇۋاتقان) ھالىتىڭدە تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئالدىراپ يۈگۈرىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىسى ئويۇن-تاماشىدىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر » ( 11 ).