ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە، 4 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « بىرلىك روھى » ۋە « كۆرەش نىزامى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « سەف » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ ئۇرۇش قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ » ( 4 ).
قۇرئاندا پەرىشتىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىگەن سەف ئادەتتىكى بىر « سەپ بولۇپ تىزىلىش » نى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ۋەھىي بەرپا قىلماقچى بولغان كائىنات مىزانى بىلەن ماسلىشىش ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك « سەپ »نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەپ ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل ۋە ئىدارە قىلىش شەكلىنى، يەنى سەپ سېستىمىنى ئىما قىلىدۇ. سەپ سېستىمىسى ئادالەت، لاياقەت، ئەھلى بولۇش، پۇرسەت باراۋەرلىكى ۋە ھەققانىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سىېستىمىدا بەسلىشىش، ياخشى ئىش قىلىشتا قېرىنداشلىرىدىن ئېشىپ كېتىشنى بىلدۈرىدۇ. نامازدىكى سەپ بۇ سېستىمىنىڭ ئىبادەتتىكى نامايەندىسىدۇر. ئىمام بىر قەدەم ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىمامنىڭ دەرىجىسى ئارقىسىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. ئارىسىدا ماقام، دەرىجە پەرقى يوقتۇر. ئەگەر ئىمام خاتالىشىپ قالسا ياكى ۋەزىپىسىگە لايىق بولمىغان بىر ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال ئارقىدىكىلەر ئەسلىتىدۇ ياكى بىر قەدەم ئېلىپ ئالدىغا ئۆتىدۇ. سەپ سېستىمىسىنىڭ قارشى قۇتۇبىدا « پىرامىت سىستېمىسى » ئورۇن ئالىدۇ. بۇ پىرئەۋن سىستېمىسىدۇر. سەپ سىستېمىسىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان بۇ سىستېمىدا يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسسەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سېستىمىدا ئورۇن ئالغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئېزىش ياكى ئېزىلىشتىن باشقا بىر يول يوقتۇر.
سۈرە ساھابىلەر زامانىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھاۋارىيلەر تىلغا ئېلىنغان تۇنجى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەۋارىيۇن ۋەياكى ئەيسا سۈرىسى دەپ ئاتىغانلارمۇ بولغان ( سۇيۇتى ۋە ئالۇسى ). سۈرە ھەۋارىيۇن ئىسمىنى بۇ ئايىتى سەۋەبلىك ئالغان:
ئى ئىمان ئېيتقانلار!: سىلەر ھاۋارىيلاردەك ئاللاھ (داۋاسىنىڭ) ھەمدەمدە بولغۇچىلىرى بولۇڭلار. مەريەمنڭ ئوغلى ئەيسا ھاۋارىيلارغا: «ئاللاھنىڭ (دىنى) غا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ماڭا ياردەمچى بولىدۇ؟ » دېگەندە ، ھاۋارىيلار: «ئاللاھنىڭ (دىنىغا دەۋەت قىلىشتا) بىز ياردەمدە بولغۇچىلارمىز» دېگەن. ( 14 ).
سۈرىگە « ئىيسا » ئىسمى يەنە بۇ ئايەتكە ئاساسەن بېرىلگەن.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان.
قاچان نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش قىيىن بولسىمۇ، يۇمشاق - قاتتىق ئۇسلۇبى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىنكى روھى-ھالەتنى ئوڭشاش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئېنىق.
ئىبن ئابباستىن كەلگەن نۇزۇل سەۋەبى رىۋايەتلىرىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا سۈرە ھىجرەتنىڭ 3- يىلىنىڭ ئاخىرى 4 - يىلىنىڭ بېشىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئانا تېمىسى ئىسلامنىڭ زەپەر ۋە فەتىھ چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە يوق قىلىنىشى كېرەك بولغىنى سۆز - ھەرىكەتتە بىردەك بولماسلىق ئىللىتى ئىدى. بۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ:
« ئى ئىيمان ئېيتقانلار! سلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى (باشقىلارغا) سۆزلەيسىلەر؟» ( 2 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن ئۇرۇش ئىنتىزامى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ھەزرىتى مۇسا ئۆرنىكى ئارقىلىق ئۇھۇد ئۇرۇشىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئىما قىلىپ ئۆتۈلگەن ( 3 - 5 ). بىر تەرەپتىن ئۇھۇدتىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن روھى - كەيپىياتنى ئوڭشاش، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا « يەھۇدىيلەشمەڭلار! » دېيىش مەقسىتىدە ۋەھىي مۇنداق دەيدۇ:
وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
« ئەينى چاغدا مۇسا ئۆز خەلقىگە: « ئى خەلقىم! سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا مېنى رەنجىتىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار (ھەقتىن) ئېغىپ كېتىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئېغىشقا تاشلاپ قويدى. ئاللاھ يولدىن چىققان-پاسىق كىشىلەر توپىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ ( 5 ).
بۇ سۈرىدە رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاغزى ئارقىلىق « ئەھمەد » دەپ خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ ( 6 ). بۇ خۇشخەۋەر بىلەن بىرگە كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك باشقا خۇشخەۋەرلەرمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ ( 7 - 8 ). ئاندىن سۆز ئاللاھ داۋاسى يولىدا ئۇرۇشقا كەلتۈرۈلۈپ، ھەقىقىي زەپەرنىڭ ھەقىقەتنى كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ھىمايە قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مال ۋە جان بىلەن قىلىنغان جىھاد-تىرىشچانلىق ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن قىلغان پايدىلىق تىجارىتى دەپ سۈپەتلىنىدۇ. بۇ پەقەت زەپەرنىڭلا ئەمەس، ئەبەدىي سائادەتنىڭمۇ ئاچقۇچى بولىدۇ ( 10 - 13 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھاۋارىيلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگغا ئايرىلىشى، ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىشنىڭ ھەقىقىي غايىسىنىڭ قەلبلەرنى ئىمانغا ئېچىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھاۋارىيلار تەسەۋۋۇرىمىزدىكى جەڭ ئەزىمەتلىرى ئەمەس، ئەبەدىي ھەقىقەتنىڭ قەلب دەۋەتچىلىرى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسامۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ تەرەپتارى بولمىغانىدى. ھاۋارىيلارمۇ ئۇستازىغا ئوخشاش تىنچ يوللار بىلەن دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك جىسمانىي ئەزىيەتلەرگە قارشىلىق بىلدۈرمىگەنىدى. ئاللاھ داۋاسىغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان ھاۋارىيلار ھەقىقىي بىر « تىنچلىق ئەلچىلىرى » ئىدى. سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە « ھاۋارىي » كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. راغىپ بۇ كەلىمە « ئوۋچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ. كەلىمە ئۆزى ئائىت بولغان ئارامى تىلىدىمۇ بۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن كەلىمىنى ئەرەبچە سۆز دەپ قارىغانلار ئۇنى « ئاق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ھۇر » سۆز يىلتىزىغا نىسبەت قىلىدۇ. ھاۋارىيلارنىڭ ئوۋچىلىقى ئەلۋەتتە « بېلىق ئوۋچىلىقى » ئەمەس، بەلكى « قەلب ئوۋچىلىقى » ئىدى. ئايەت ئۇلارنىڭ بۇ سايىدە غالىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئېغىر جازا، ئەزىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن قەبىھ ئۇسلۇپتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىزگە مەلۇم. شۇنداقتىمۇ غالىپ كەلگەنىدى. ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن يەردىن قارىغان كىشىنىڭ غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتكە بەرگەن مەنىسى باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى بۇ سۈرە ھەققىدىكى ئاخىرقى سۆزىمىز بولسۇن:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ فَآَمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آَمَنُوا عَلَى عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ھاۋارىيلاردەك ئاللاھ (داۋاسىنىڭ) ھەمدەمدە بولغۇچىلىرى بولۇڭلار. مەريەم ئوغلى ئەيسا ھاۋارىيلارغا: «ئاللاھنىڭ (دىنى) غا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ماڭا ھەمدەمدە بولىدۇ؟ » دېگەندە ، ھاۋارىيلار: «ئاللاھنىڭ (دىنىغا دەۋەت قىلىشتا) بىز ھەمدەمدە بولغۇچىلارمىز» دېگەن. ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭغا) ئىمان ئېيتقان، يەنە بىر تۈركۈمى بولسا (ئۇنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. (نەتىجىدە) بىز ئىمان ئېيتقانلارغا، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى (كۆرەشتە) يار-يۆلەك بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار غالىپ كەلدى ( 14 ).