سۈرە مۇمتەھىنە
سۈرە مۇمتەھىنە 1-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُم مِّنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ أَن تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِن كُنتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي تُسِرُّونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنتُمْ وَمَن يَفْعَلْهُ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىمنى جان-جىگەر دوست قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان، رەببىڭلار ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقارغان تۇرسىمۇ، سىلەر ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتىسىلەر، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە خۇرسەنلىكىمنى ئىزدىگەن ھالدا چىققان بولساڭلار، (ئۇلارغا) قانداقمۇ يۇشۇرۇن مۇھەببەت باغلايسىلەر؟ ھالبۇكى مەن سىلەر يۇشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. (1).
سۈرە مۇمتەھىنە 2-ئايەت
إِن يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا لَكُمْ أَعْدَاءً وَيَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُم بِالسُّوءِ وَوَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ
ئەگەر ئۇلار سىلەرنى قولغا چۈشۈرسە، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ. سىلەرگە قوللىرى ۋە تىللىرى بىلەن يامانلىق قىلىدۇ، سىلەرنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ (2).
سۈرە مۇمتەھىنە 3-ئايەت
لَن تَنفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
قىيامەت كۈنى ئورۇق-تۇققانلىرىڭلارمۇ، بالا-چاقىلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىۋىتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر (3).
سۈرە مۇمتەھىنە 4-ئايەت
قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِن شَيْءٍ رَّبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغانلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. ئەينى چاغدا ئۇلار (بۇتپەرەست) خەلقىگە: «ھەقىقەتەن بىزنىڭ سىلەر بىلەن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. بىز سىلەر (نىڭ قىممەت قارىشىڭلارنى) رەت قىلىمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يەككە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي نامايەندە بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا ئەپۇ-مەغپىرەت تىلەيمەن، بىراق سېنى ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچقانداق نەرسىدىن قوغداپ قېلىشقا كۈچۈم يەتمەيدۇ» سۆزى بۇنىڭ سىرتىدا. (ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇنداق دەپ دۇئا قىلىڭلار): «رەببىمىز! بىز ساڭىلا تاياندۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق. بىزنىڭ ئاخىر قايتىپ بارىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر (4).
سۈرە مۇمتەھىنە 5-ئايەت
رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا إِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
رەببىمىز! بىزنى كاپىرلارنىڭ ئويۇنچىقى قىلىپ قويمىغايسەن، رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن. سەن ھەقىقەتەن مۇتلەق ئۈستۈندۇرسەن، ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇرسەن» (5).
سۈرە مۇمتەھىنە 6-ئايەت
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى كۆزلەيدىغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇ (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغان) لار ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى (ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلىپ قالسۇنكى) ھەممىدىن بىھاجەت، مەدھىيىگە سازاۋەر زات پەقەت ئاللاھتۇر (6).
سۈرە مۇمتەھىنە 7-ئايەت
عَسَى اللَّهُ أَن يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُم مِّنْهُم مَّوَدَّةً وَاللَّهُ قَدِيرٌ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئاللاھ سىلەر بىلەن ئۇلاردىن سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان كىشلەر ئارىسىدا دوستلۇق بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئاللاھ (ھەممىگە) قادىردۇر، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن رەھىمدىلدۇر (7).
سۈرە مۇمتەھىنە 8-ئايەت
لَّا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
ئاللاھ سىلەرنى سىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ (8).
سۈرە مۇمتەھىنە 9-ئايەت
إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَن تَوَلَّوْهُمْ وَمَن يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشلەرنى جان-جىگەر دوست قىلىۋېلىشىڭلاردىن توسىدۇ. كىمكى ئۇلارنى جان-جىگەر دوست قىلىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملارنىڭ دەل ئۆزىدۇر (9).
سۈرە مۇمتەھىنە 10-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا جَاءَكُمُ الْمُؤْمِنَاتُ مُهَاجِرَاتٍ فَامْتَحِنُوهُنَّ اللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِهِنَّ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ وَآتُوهُم مَّا أَنفَقُوا وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَلَا تُمْسِكُوا بِعِصَمِ الْكَوَافِرِ وَاسْأَلُوا مَا أَنفَقْتُمْ وَلْيَسْأَلُوا مَا أَنفَقُوا ذَلِكُمْ حُكْمُ اللَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۆمىن ئاياللار سىلەر تەرەپكە كۆچۈپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر (سىنىغاندىن كېيىن) ئۇلارنىڭ مۆمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا سەرپ قىلغان چىقىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ تويلۇقىنى بېرىپ ئۆيلەنسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىر ئاياللارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. سەرپ قىلغان چىقىملىرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار. كاپىر ئەرلەرمۇ (سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا) سەرپ قىلغان چىقىملىرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئاللاھنىڭ ھۆكىمى ئەنە شۇ. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (10).
سۈرە مۇمتەھىنە 11-ئايەت
وَإِن فَاتَكُمْ شَيْءٌ مِّنْ أَزْوَاجِكُمْ إِلَى الْكُفَّارِ فَعَاقَبْتُمْ فَآتُوا الَّذِينَ ذَهَبَتْ أَزْوَاجُهُم مِّثْلَ مَا أَنفَقُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنتُم بِهِ مُؤْمِنُونَ
ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بەزى ئاياللار كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، ئاندىن سىلەر كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئولجا ئالغان ۋاقتىڭلاردا، خوتۇنى كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن كىشلەرگە (ئولجىدىن) ئۇلار چىقىم قىلغان تويلۇققا تەڭ مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار (11).
سۈرە مۇمتەھىنە 12-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَى أَن لَّا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئى نەبى! مۆمىن ئاياللار سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، (نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئارىسىدا بوھتان توقۇپ كەلمەسلىككە[1]، توغرا ئىشلاردا ساڭا قارشى چىقماسلىققا دائىر ساداقەتمەنلىك ۋەدىسى بەرمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىك ۋەدىسىنى قوبۇل قىلغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەپۇ-مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر(12).
سۈرە مۇمتەھىنە 13-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ قَدْ يَئِسُوا مِنَ الْآخِرَةِ كَمَا يَئِسَ الْكُفَّارُ مِنْ أَصْحَابِ الْقُبُورِ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ دەرغەزەپ بولغان كىشىلەر توپىنى جان-جىگەر دوست قىلىۋالماڭلار، (چۈنكى) ئۇلار، قەبرىدىكى كاپىرلار ئاخىرەت (تىكى قۇتۇلۇپ قېلىشتىن )[2] ئۈمىدىنى ئۈزگەنگەن ئوخشاش ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەردۇر (13)
Flag Counter