(مەككىدە چۈشكەن، 165 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
ئەنئام سۈرىسى « ھايۋانلار ( تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ) » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمىنى، توقۇپ چىقىلغان يالغان مۇقەددەسلەر ھەققىدە توختالغان 136 - ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردىن ئالغان.
سۈرىدە بۇ كەلىمە ئالتە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 - ياكى 11 - يىلىدا بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان.
سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا مەۋجۇدىيەت، ئىنسان ۋە كائىنات نۇقتىسىدىن تەۋھىد كۆپ تەرەپلىمىلىك، كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ « قارا لايدىن يارىتىلغانلىقى » تىلغا ئېلىنىپ، بارلىق شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئاللاھ تەئالاغا قارشى تۇزكورلۇق قىلغانلىق ئىكەنلىكى دارىتمىلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى بىر بېئولوگىيىلىك شەيئىدىن ئىنساندىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز ۋە مۇرەككەپ بىر شاھ ئەسەرنى ياراتقان ئاللاھ تەئالانىڭ، كائىناتتا ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقان سىستېمىسىنىڭ ئىسمى « تەۋھىد »تۇر. ئىنساننىڭ تەۋھىدنى تەرك ئېتىشى مەزكۇر سىستېمىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەقىل-ئىداراكلىق بىر يارىتىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەۋھىدنىڭ سىرتىغا چىققان ئىنسان، سىستېمىنى بۇزۇش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سىستېما تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن « ئۆزىنى قوغداش قانۇنى » ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ ئاساسەن بىر « ھالاك بولۇش » جەريانىدۇر. 6 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھالاك قىلىنىشمۇ سىستېمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا:
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
ئېيتقىنكى: «زېمىندا كېزىڭلار، ئاندىن (ھەقىقەتنى) يالغانغا چىقارغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» ( 11 ).
ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا شاھىت بولۇشى بارلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقىقىتىدۇر. بۇ بۈيۈك نېمەتنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانمۇ ئاللاھ تەئالاغا شاھىت بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەت ئۈستىدىن ئىنسانغا شاھىتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ( 19 ). چۈنكى، ئىنسان بۇ جاھانغا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىنسان بۇ جاھانغا « كۆرۈنۈپ قويۇش » ئۈچۈن ئەمەس، « گۇۋاھچى بولۇش » ئۈچۈن كەلگەن.
ئەپسۇسكى، ئىنسان ھەر دائىم بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن بويۇن تارتماقتا. بەزىدە ئۆز ئۆزىگە يالغان ئېيتماقتا ۋە ئۇۋال قىلماقتا ( 24 ). مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئاخىرەتنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا ( 25 - 36 ).
تەۋھىدنىڭ كۆرۈنگەن ۋە دۇنيا كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئالەمدىكى دەلىللىرى بىرمۇ - بىر تىلغا ئېلىنغاندا، ۋەھىي ئىنسانغا بىۋاستە خىتاب قىلىشنىڭ ئورنىغا ۋاستىلىق يول بىلەن خىتاب قىلىشنى، يەنى « ئېيتقىنكى ( قل ) » ئەمرى بىلەن باشلانغان بىر ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇسلۇب ئون نەچچە ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلەكلەر بويىچە داۋاملاشقان ( 40،46،50،56،58،63،64،65،66،71 ). « ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرى ئارقىمۇ - ئارقا كەلگەن ئايەتلەر تەۋھىد ھەقىقىتىنى بايان قىلىدۇ.
« ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرىنىڭ، يەنى قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى رەسۇلۇللاھ ئىدى. ئاساسەن « ئېيىتقىنكى » ئەمىرلىرى بىلەن باشلانغان مىڭلىغان ئايەتنىڭ بېشىدا مىڭلىغان يېپىق « ئېيىتقىنكى » بۇيرىقى بار. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ « بۇ ۋەھىي » دەپ يەتكۈزگەنلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن يەتكۈزۈلمەكتە ئىدى. بۇ ئەمىر، ئايەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىدا كۆرۈنمەيدۇ، بىراق نېمە ئۈچۈن بەزى جايلاردا لەبزى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ خىل خىتاب ئۇسلۇبى، « مەن ئاللاھ بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن دېدىم ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق پوزىتسىيىسىگە شاھىت بولدۇم. سەنمۇ ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە شاھىت بول! » دېمەكچى بولسا كېرەك.
سۈرىدە تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك « ئېيىتقىنكى » بۆلەكلىرىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ تەۋھىدتە قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشى بايان قىلىنىدۇ ( 74 - 83 ). ئاندىن بىر قانچە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 84 - 85 - ئايەتلەر كېلىدۇ. ئاندىن خىتاب بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ: « سەنمۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن » ( 90 ).
تەۋھىد بايان قىلىنغان بۆلەك ئىچىدە كەلگەن تۆۋەندىكى ئايەت سۈرىنىڭ خۇلاسىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ:
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ذَلِكُمُ اللَّهُ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن دان ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر؛ تىرىكنى ئۆلۈكتىن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر، ئاللاھ ئەنە شۇدۇر. سىلەر (ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن) قانداقمۇ يۈز ئۆرۈيدىغانسىلەر؟ ( 95 ).
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەخلاقى پرىنسىپمۇ مەزكۇر سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇنغانلىرىغا تىل ئۇزاتماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار،) ئۇلار نادانلىقىدىن دۈشمەنلىك قىلىپ ئاللاھنى ھاقارەتلەيدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر توپلۇمغا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. نىھايەت ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدۇر، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ(108-109)
دەۋەتتە كەمسىتىش ۋە ھاقارەت، كەمسىتىش ۋە ھاقارەتتە دەۋەت بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مۇئامىلە ھېس-تۇيغۇلارنى زېدىلەيدۇ، ھەم تەرغىپ قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى كەمسىتىش سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
ئىماننىڭ قەلبنىڭ ئەمىن بولۇش ھالى ئىكەنلىكىنى، ئېتىقاد قىلىدىغان قەدرىيەتلەردىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشىلەرگە مۆجىزىلەرنىڭ پايدا قىلمايدىغانلىقىنى بۇ ئايەت يارقىن ھالدا ئىپادىلىمەكتە:
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَتْهُمْ آَيَةٌ لَيُؤْمِنُنَّ بِهَا قُلْ إِنَّمَا الْآَيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَا إِذَا جَاءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار «ئەگەر بىزگە بىرەر (مۆجىزىۋى) پاكىت كەلسە، بىز ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەت:) «(مۆجىزىۋى) پاكىت پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىش» دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) (مۆجىزىۋى) پاكىتلار كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سىلەر بىلەمسىلەر؟» ( 109 ).
سۈرىدە بايان قىلىنغان ئىبراھىم ۋە ئاتىسى ئازەر، سۈرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پىرسۇناژلىرى. ئەمما، بۇ ئىككى تارىخى شەخس ئۈستىدىن تەۋھىد ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىككى پىرسۇناژ بايان قىلىنغان. تەۋھىد بىلەن شېرىك ئارىسىدىكى كۆرەشنىڭ ھېچ توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ۋەھىي بۇ ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىدۇ.
سۈرىدە تەۋھىد ھەققىدىكى قەتئىيلىك تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ:
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، ئىبادەتلىرىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر »( 162 ).