ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىگە 2 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەن « يىغىش، جەم قىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھەشر » كەلىمىسى ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. مەزكۇر كەلىمە بۇ يەردە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا « ئۇرۇنۇش، قوزغىلىش، ئىسيان كۆتۈرۈش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.تىزمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
ئىبن ئابباسنىڭ مەزكۇر سۈرىنى ھەشر دەپ ئاتىغان سەئىد بىن جۇبەيرنى « بەنى نادىر سۈرىسى » دەپ ئاتاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلىقى بىلىنمەكتە ( بۇخارى ). ئىبن ئابباسنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېگەنلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەسلىدە بۇ بىر ئېتىراز بولۇپ، بۇ ئېتىراز سۈرىنىڭ « ھەشر » ئىسمىگە قارىتىلماستىن، بەلكى بۇ ئىسىمنىڭ سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئېھتىمالى نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە مەشھۇر بولغان ھەشر كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان قىيامەتتىكى قايتىدىن تىرىلىشنى بىلدۈرىدىغان ھەشر ئەمەس، ئەكسىچە رەسۇلۇللاھ بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزگەنلىكىگە قارىماستىن ئىسيان كۆتۈرگەن يەھۇدىي قەبىلىسى بەنى نەزىرنىڭ « ئىسيانى » يىغىلىشنى بىلدۈرىدىغان « ھەشر »دۇر.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. ئىبن ئابباس قويغان ئىسىم ۋە سۈرىنىڭ مەزمۇنى نەزەرگە ئېلىنغاندا، سۈرىنىڭ ھىجرى 4 - يىلى نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ تارىختا بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانىدى. مەزكۇر يەھۇدىي قەبىلىسى بۇ رايۇنغا 600 يىل ئىلگىرى، يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ھەزرىتى مۇسا دەۋرىدە كەلگەن. بەنى نەزىر، ئۆلىمالىرى ئۆز ئىچىدىن چىققان ھارۇن جەمەتىدىن كەلگەن بولۇپ، مەدىنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى بۇلارنىڭ مونوپوللىقىدا ئىدى. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىمۇ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ھىجرەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن بىر ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشكەن. بەدىر زەپىرىدىن كېيىن مەدىنە يەھۇدىيلىرىدىن بىر قىسمى ئۆزلىگىدىن رەسۇلۇللاھنى تەۋراتتا غالىپ دەپ سۈپەتلەنگەن « كېلىشى ئېنىق بولغان پەيغەمبەر » نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. لېكىن ئۇھۇدنى مەغلۇبىيەت دەپ قاراپ نانكورلۇق قىلىشى ئۇلارنىڭ كۈچكە چوقۇنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. بەنى نەزىر تۈزۈلگەن ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرەيش بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ئۇلار ئەھدىنامىگە ئاساسەن بىر مۇسۇلماننىڭ سەھۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خۇن بەدىلىنى تۆلەشكە رىئايە قىلمىغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، رەسۇلۇللاھقا سۈيقەست قىلماقچى بولۇشقان. ئۇنىڭدىن باشقا رەئىسى كەئبىن ئەشرەپ رەسۇلۇللاھنى قارىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، مەككىلىك مۇشرىكلارنى مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتكىنى ئازدەك، ئىسلام جامائىتى ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ئىشق شېئىرلىرىنى يازغان. نەتىجىدە يېپىق شەكىلدىكى بىر ھەرىكەت بىلەن جازالانغان.
ئۇلارنىڭ بۇ خىيانىتى سەۋەبىدىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئىككى يولدىن بىرنى تاللاشنى شەرت قىلغان. يەنى، يا مەغلۇپ بولغۇچى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بىر ئۇرۇش ياكى مال-بېساتىنى ئېلىپ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىش. بەنى نەزىر بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن ئون كۈن مۆھلەت سورىغان. قارارلىرى ھەققىدە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئابدۇللاھ بىن ئۇبەي بىن سەلۇل بويسۇنماسلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئىككى مىڭ كىشى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بەنى نەزىر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. نەتىجىدە ئالتە قەلئەسىنىڭ ھەممىسى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان. بىر قانچە ھەپتىلىك مۇھاسىرىدىن كېيىن ياردەم ھەققىدىكى ۋەدىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ تەسلىم بولغان. بۇ ۋەقە ھىجرىيە 4 - يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا يۈز بەرگەن. ھەر ئۈچ ئائىلىگە بىر تۆگە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلىنىش نەتىجىسىدە 600 تۆگىلىك بىر كارۋان بىلەن بەنى نەزىر مەدىنىدىن كۆچۈپ كەتكەن. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قولى بىلەن چېقىپ تاشلاپ، ئىشىك - دەرىزىلىرىدىن تارتىپ قۇمۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قانچە ئائىلىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھەممىسى سۈرىيەگە بېرىپ يەرلەشكەن.
سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « فەي-ئولجا » مانا بۇ بەنى نەزىر ئېلىپ كېتەلمىگەن مۇقىم مۈلۈكلەر ئىدى. بۇ ئۇقۇم « غەنىمەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەنفال سۈرىسىدىن پەرقلىق ھالدا « تىنچ يول بىلەن ئېرىشكەن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارنى ئەنسارلارغا بەرمەي ئېتىقادى ئۈچۈن يۇرت - ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن.
بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان مال - مۈلۈك ئارقىلىق ئەخلاقىي نەسىھەت بېرىلمەكتە. بولۇپمۇ ئىنسان - مۈلۈك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ، يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرسىنىڭ مال - مۈلۈككە بېرىلىپ كېتىش ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرماقتا. بەنى نەزىردىن قالغان « فەي »نىڭ مۇھاجىرلارغا بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى دەۋر ۋە ماكاندىن ھالقىغان تۆۋەندىكى پرىنسىپتۇر:
« بۇنداق تەقسىملەش (مال-مۆلۈكنىڭ ) ئاراڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا (مونوپۇل قىلىۋېلىنىپ) قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇرماسلىقى ئۈچۈندۇر » ( 7 ).
بۇ سۈرىنىڭ 9 - ئايىتى قۇرئاندا « باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش » دېيىشكە بولىدىغان « ئىسار » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئايەتتۇر:
وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
« ئۇلار (كېلىش) دىن ئىلگىرى (مەدىنىگە) يەرلەشكەن ۋە (قەلبلىرىگە) ئىماننى يەرلەشتۈرگەن (ئەنسار) لار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە بىئاراملىق - ئىچى تارلىق ھېس قىلمايدۇ، ئۆزلىرى مۇھتاج تۇرۇقلۇق، مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدۇ. كىملەركى ئۆز نەپسىنىڭ پىخسىقلىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئەنە شۇلار مۇراد-مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر » ( 9 ).
ئوخشاش بىر ماكان ۋە زاماندا ياشىغان مۆمىنلەرنىڭ ئۆزئارا مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. بىراق ئوخشاش بىر ماكان ۋە زاماندا بىرلىكتە ياشىمىسىمۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئۆزئارا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا ھاياتلارنىڭ باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەنلەرگە بولغان مەسئۇلىيىتى كەلمەكتە. شۇنداق، بىر مۆمىن « تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە قارىتا نېمە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ » دېيەلمەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسلەتمەكتە:
وَالَّذِينَ جَاءُوا مِن بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِّلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ
ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «ئى رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغايسەن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى ئۆچمەنلىك قويمىغايسەن. ئى رەببىمىز! سەن ناھايىتى شەپقەتلىك، رەھىمدىلدۇرسەن» دەيدۇ ( 10 ).
مۇناپىقلار بىلەن بەنى نەزىر ئارىسىدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشلارنى مۆجىزىۋى شەكىلدە ئاشكارىلىغان ئايەتلەر كاپىرلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا: « (ئى مۇھەممەت!) سەن ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلاپ قالىسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر » ( 14 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى ئاللاھ تەئالاغا ئىمان ئېيتىپ ئشەنچ باغلىغان ھەر مۆمىنگە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر: « سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغانلىقى سەۋەپلىك ئاللاھنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىق-يولدىن چىقىپ كەتكۈچۈلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر » ( 19 ). مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭى ۋەھىيگە قارىتا كور ۋە گاستەك مۇئامىلە قىلىشتۇر. « ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ،... » ( 21 ) دېيىش ئارقىلىق، ئىنسانغا: « ئى ئىنسان! سەن تاغدىن ۋە تاشتىنمۇ بەك ھېسسىزمۇ؟ » دېيىلمەكتە:
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ أُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ (19) لَا يَسْتَوِي أَصْحَابُ النَّارِ وَأَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمُ الْفَائِزُونَ (20) لَوْ أَنْزَلْنَا هَذَا الْقُرْآَنَ عَلَى جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ (21)
« سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغانلىقى سەۋەپلىك ئاللاھنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىق-يولدىن چىقىپ كەتكۈچۈلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر(19). دوزىخىيلار بىلەن جەننىتىيلەر باراۋەر بولمايدۇ. جەننىتىيلەر بولسا، مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر (20). ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا چۈشۈرگەن بولساق، سەن ئۇ تاغنىڭ ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قورققانلىقتىن تىترەپ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى چوقۇم كۆرەتتىڭ. بەلكىم تەپەككۇر قىلار دەپ بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە بايان قىلىۋاتىمىز (21). »
ۋەھىينىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆز زاتى ھەققىدە سۆز قىلغان بۆلەكلىرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايىتى مانا بۇ يۇقىرى پەللىلەردىن بىرسى:
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ هُوَ الرَّحْمَنُ الرَّحِيمُ (22) هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ (23) هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (24)
« ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر،ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر،ناھايتى شەپقەتلىكتۇر،رەھىمدىلدۇر (22). ئۇ شۇنداق زاتكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق ھۆكۈمراندۇر، مۇقەددەستۇر، تېنچلىق بەخش ئەتكۈچى، ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلغۇچىدۇر، كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھەممىگە بۇيرۇقىنى يۈرگۈزگۈچىدۇر، تەڭداشسىز ئۇلۇغدۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر (23). ئۇ ئاللاھ ھەممىنى ئاپىرىدە قىلغۇچى، يوقلۇقتىن بار قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە شەكىل بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ-تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇر(24). »
رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تەئالانى تونۇشتۇرغان بۇ ئايەتلەرنى ھەر كۈنى سەھەردە ئوقۇشنى، يەنى مۆمىننىڭ ھەر كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپىنىڭ ئاللاھ بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان ( تىرمىزى ).
بۇ تەۋسىيەدە، بۇ ئايەتلەرگە باشلىغاندا ئىستىئازە ( ئەئۇزۇ... ) ئوقۇشمۇ يەر ئالىدۇ. بۇ، زېھىنگە تاھارەت ئالدۇرۇش، بولۇپمۇ مۇتلەق ھەقىقەت بولغان ئاللاھ ھەققىدە تەپەككۇر قىلغاندا، ئاللاھ تەئالاغا سېغىنىش تەۋسىيەسىدۇر. بۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق: ئىنسان ئەقلى مۇتلەق زات بولغان ئاللاھ تەئالانى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز بولغانلىقتىن، ئاللاھ تەئالانى ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بىلەن بىلىش، تونۇش ۋە چۈشىنىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئايەتلەردە ئاللاھ تەئالانى بىلىش، تونۇش ۋە چۈشىنىشىمىزگە ۋەسىلە بولىدىغان 16 ئىسىم - سۈپەت تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ ئايەتلەر قۇرئاندا ئەڭ كۆپ ئىلاھىي ئەسما ئارقا - ئارقىدىن تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق « دۇنيا پانى، ئاللاھ باقىي » دېمەكتە.