ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن(باشلايمەن)
سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان « مۇجادەلە » ئادالەت ئىزدەپ، ھەققىنى تەلەپ قىلىپ « ئېتىراز بىلدۈرگەن،مۇنازىرىلەشكەن ئايال » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تۇجادىلۇ » پېئىلىگە ئاساسەن سۈرىگە بۇ ئىسىم قويۇلغان:
« (ئى مۇھەممەت!) ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئىشىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى(يەنى مۇراجىتىنى قوبۇل قىلدى)، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاۋاتاتتى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر » ( 1 ).
سۈرە « مۇجادەلە » دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا كەلىمە « مۇنازىرىلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان ئىبارىنىڭ باغلىنىشى، مۇجادەلە ئىسمىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇجادەلە ئىسمى سۈرىنىڭ ئەسلى باغلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، خۇددى ئوتتۇرىدا بىر - بىرىنى يەڭمەكچى بولغان ئىككى تەرەپ باردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنداق بىر ئەھۋال يوق. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئايەتلەردە ئاللاھ شىكايىتىنى قوبۇل قىلىپ قوللىغان ئايالنىڭ قارشى تەرىپىدە رەسۇلۇللاھ بولۇشى كېرەك. يەنى، بۇ ئەھۋالدا « مۇجادەلە قىلغۇچى ئىككى تەرەپ - ئاللاھ قوللىغان ئايال ۋە رەسۇلۇللاھتۇر » دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇ ئەھۋال توغرا ئەمەس ھەم ۋەقەنىڭ رېئاللىقىغىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئوتتۇرىدا ئېرى تەرىپىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ھەققىنى تەلەپ قىلغان بىر ئايال بار. بۇ مەسىلە مۇراجەت قىلىنغان رەسۇلۇللاھتىن ھالقىغان بىر مەسىلە بولۇپ، مانا بۇ نۇقتىدا ۋەھىي ئارىغا كىرىدۇ ۋە مەسىلە يىلتىزىدىن ھەل بولىدۇ. سۈرە بۇ ۋەقەنى تېما قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى « ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئايال » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇجادەلە » شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر « مۇجادەلە » شەكلى ئەر كىشى ھۆكۈمران بولغان بىر ئەنئەنىنىڭ ئەسەرى بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا خاتا چۈشىنىپ قېلىشنىڭ ئەسەرىدۇر. چۈنكى بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ۋەقەگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
سۈرە بىر پۈتۈن ھالدا مەدىنىدە نازىل بولغان. سۈرىنى ھىجرى 5 - يىلىنىڭ بېشىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان بىر ھەقسىزلىق ۋە ئايرىمىچىلىق ئۆرنىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى رەت قىلىدۇ. بۇ، ئايالىنى ئانىسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنى ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئەنئەنىسى بولغان « زىھار » ئىدى. بۇ خىل ھەقسىزلىقنى رېئال ھاياتتا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئارقىلىق رەت قىلغان ۋەھىي بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارنى جازا سۈپىتىدە كاپارەت ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ ( 1 - 6 ).
بۇ ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان خانىم ھەۋلە بىنتى سەئلەبە بولۇپ، ئېرى ئەۋس بىن سامىت « سەن مەن ئۈچۈن ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش! » دەپ زىھار قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئەۋس بىننى سابىت،ھەۋلە بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھەۋلە ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە « ھۆكۈمنى رەسۇلۇللاھ بەرسۇن » دەيدۇ. ئېرى « رەسۇلۇللاھقا بۇنى دېيەلمەيمەن » دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھەۋلە: « ئۇنداقتا مەن ئېيتىمەن » دەيدۇ ۋە ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا ئېيتىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىلەن ھاۋلە بىنتى سەئلەبە ئارىسىدىكى دىئالوگ مۇنداق بولغان:
- ئى رەسۇلۇللاھ! ئېرىم مېنى نىكاھىغا ئالغاندا ياش، چىرايلىق، جەلىپ قىلارلىق ئىدىم. ئۇنىڭغا بىر قانچە بالا تۇغۇپ بەردىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى. ئۇ ۋاقىتتا سۆيگەن يارى ئىدىم، ئەمدى « ئانىسى » بولدۇم، مېنى كوچىغا چىقىرىۋەتتى.
- ھازىر سەن ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس.
- ئاللاھ بىلەن قەسەمكى تالاق قىلمىدى.
- ھازىر سەن ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس. بۇ ھەقتە بىر نەرسە نازىل بولمىدى.
- نېمە بولىدۇ، ئوبدان ئويلىنىپ باققىن، ساڭا پىدا بولاي ئى رەسۇلۇللاھ!
- مېنىڭ شەخسى قارىشىم مۇشۇنداق!
- ئەمما ماڭا مۇھتاج كىچىك بىر بالام بار. ئەگەر ئۇنىڭغا بەرسەم قىينىلىپ قالىدۇ. مەن يېنىمغا ئالسام ئاچ قالىدۇ.
- .....
- ئاللاھىم! دەردىمنى ساڭا، پەقەت ساڭا ھاۋالە قىلىمەن.
بۇ دىئالوگلاردىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ھەۋلە بۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولغانلىقى خۇشخەۋرىنى ئالىدۇ. رەببى ھەقلىق بولغۇچى ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغۇچىدۇر. رەببى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ھەۋلە تەرەپتە تۇرغۇچىدۇر. ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭ « ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئايال » سۈپىتىدە ھەم قۇرئاندا ھەم تارىختا نىشانى قالىدۇ. ھەققىنى تەلەپ قىلىشتا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولغان سانسىزلىغان ئەركەكلەرگە بىر ئايال كىشى ئۆرنەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە، كىشىنى بىئارام قىلغۇچى ۋەياكى سۈيئىستىمال قىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان « ئايرىم كۆرۈشۈش » ياكى « پىچىرلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان نەجۋا ئادىتى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ۋازكەچتۈرىدىغان بىر جازا سۈپىتىدە « مەجبۇرىي سەدىقە » بېرىش بىكىتىلىدۇ ( 7 - 13 ). بۇ ھەر دەۋردە يېتەكچى ۋە باشلامچى بولغان كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىدۇر. قۇرئان بۇ مەسىلىگە قارىتا ئېلىپ كەلگەن ھەل قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق، پەقەت ئۇ دەۋردىلا مەۋجۇت بولغان بىر مەسىلىنى ئەمەس، بارلىق دەۋرلەردە ئالدىمىزغا چىقىدىغان بىر مەسىلىگە قارىتا قۇرئانىي ھەل قىلىش تەدبىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ئىسلام جامائىتىگە دۈشمەن بولغانلارنى سىرداش ۋە يولداش قىلىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
مۆمىنلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك بولىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. ئاللاھ تەئالاغا ئىمان ئېيتىپ ئىشەنچ قىلغان بىر كىشىنىڭ، ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ئاللاھ ۋە ئەلچىسىنىڭ دوستلىقىدىن ئەلا بىلمەسلىكى تەكىتلەنگەن:
لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آَبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُولَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
« ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي رەۋىشتە) ئىشىنىدىغان بىر قوۋمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن قارشىلاشقانلارنى _ ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، ياكى قېرىنداشلىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ دوسىت تۇتقانلىقىنى تاپالمايسەن(يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىماننى نەقىش قىلىپ يازغان ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان مەنىۋى كۈچ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتكەن. ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ تەرىپىدە تۇرغۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەرىپىدە تۇرغۇچىلار مۇراد-مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر » ( 22 ).
تۆۋەندىكى ئايەت ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىلاھىي تەھدىتنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر:
« مەن ۋە ئەلچىلىرىم ئەلۋەتتە غەلىبە قىلىمىز! » ( 21 ).
بۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر يا رەببى!
ئامەننا ۋە سەددەقنا