ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا « ھەدىد » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سۈرىگە « تۆمۈر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھەدىد » ئىسمى تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن قويۇلغان:
« بىز ھەقىقەتەن ئەلچىلىرىمىزنى (ھەقىقەتنىڭ) ئېنىق پاكىتلىرى بىلەن ئەۋەتتۇق. ئىنسانلار ئادالەتنى تىكلىسۇن دەپ ئەلچىلەر بىلەن بىللە كىتابنى ۋە تەۋراتنى چۈشۈردۇق. بىز كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بولغان تۆمۈرنى چۈشۈردۇق. بۇ ئاللاھنىڭ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھقا ۋە ئەلچىلىرىگە ھەمدەمدە بولغانلارنى پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچ - قۇدرەتلىكتۇر، مۇتلەق ئۈستۈندۇر » (25 ).
تۆمۈرنىمۇ خۇددى قۇرئاننى نازىل قىلغاندەك « نازىل ( أَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ ) قىلدۇق » ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قانچە خىل مەناغا ئىگە. ئايەتتە نېمەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ نەرسىدىن بىرىسى بولغان تۆمۈر ئادالەتنىڭ ئىلكىدىكى كۈچ بولغان ۋاقىتتا ئادالەتنىڭ ھامىيسى. زۇلۇمنىڭ ئىلكىدىكى كۈچكە ئايلانسا زۇلۇمنىڭ ۋاستىسى بولىدۇ. سۈرىنىڭ « تۆمۈر » مەنىسىدىكى ھەدىد كەلىمىسى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ بىردىن ئارتۇق سىمۋوللۇق مەنىسى بار.
سۈرىنىڭ تېمىسىغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، 10 - ئايىتى يۈز بەرگەن بىر ئۇرۇشنى تىلغا ئالىدۇ. سۈرىدە نىفاق-ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت قىلىش مەسىلىسى ناھايىتى زىچ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. « تۆمۈر » ئىسىملىك بىر سۈرىنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئۆكتىچىلىك ھالىتىدە ئەمەس، ھۆكۈمران كۈچكە ئىگە بولغان بىر مەزگىلدە نازىل بولۇشى دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى نەزەردە تۇتۇلغاندىمۇ دەۋرنىڭ تەقەززاسىدۇر.
سۈرە بەدىر يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا سۈرىنى ھىجرەتنىڭ 2 - يىلى نازىل بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز.
سۈرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايىتىدە ئىلاھىي سەككىز ئىسىم-سۈپەت ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن دەل « ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت سۈرىسى »دۇر. مۈلۈكنىڭ مۇتلەق مەنىدە ئاللاھ تەئالاغا ئائىت ئىكەنلىكى ( 2، 4 - 5 )، ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت قىلىشتىن قېچىشنىڭ مۇناپىقلارچە بىر قىلمىش ئىكەنلىكى ( 10 )، بۇنىڭ بىر « يەھۇدىيلىشىش ئالامىتى » ئىكەنلىكى ( 16 )، دۇنيادىكى مال-مۈلۈكنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تەئالانىڭ سېخىيلىقىغا نائىل بولغانلارنىڭ بېخىللىق قىلىشىدىكى چۈپرەندىلىك ( 23 - 24 )، ئىماننىڭ مال - مۈلۈك ۋە كۈچ بىلەن كۈچلەندۈرۈلىشى كېرەكلىكى ( 25 )، ئاللاھ تەئالانىڭ سېخىيلىقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقى ( 28 - 29 ) ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت تېمىسى دائىرىسىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت مۆمىنلەرنىڭ ئاخىرىتىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولىدۇ ( 12 - 13 ).
ئاللاھ تەئالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغان سەككىز مۇبارەك ئىسىم تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (1) لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (2) هُوَ الْأَوَّلُ وَالْآَخِرُ وَالظَّاهِرُ وَالْبَاطِنُ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ (3)
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنى ئۇلۇغلىدى. ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (1). ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى ئاللاھقا تەۋەدۇر، ئۇ ھاياتلىق بەخىش ئېتىدۇ، جاننى ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر (2). ئاللاھ ھەممە نەرسە يوق ۋاقتىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى، ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كېيىنمۇ مەۋجۇتتۇر، ( مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىللىرى بىلەن ) ئاشكارىدۇر، ( كۆزلەرنىڭ كۆرەلىشىدىن ) مەخپىيدۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر (3). »
بۇ ئەسما ئىچىدە 3 - ئايەتتە ئورۇن ئالغان ئەۋۋەل ۋە ئاخىر، زاھىر ۋە باتىن ئىسىملىرى پۈتۈن قۇرئاندا، پەقەت بۇ جايدىلا ئورۇن ئالغان. بەزىلىرى 2 - ئايەتتىكى يۇھيى ۋە يۇمىيتۇ(ھاياتلىق بەخىش ئېتىدۇ ۋە ۋاپات تاپقۇزىدۇ) ئەفئالى ھۇسناسىدىن ئىككى ئىسىمنى تۈرلەندۈرۈپ ئەسما تىزىملىكىگە كېيىن قوشۇپ قويغان ۋە بۇنىڭغا تىرمىزى ۋە ئىبن ماجە ھەدىسلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن، بىراق بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملىرى بولغاندەك پېئىل شەكلىدىكى ئىسىملىرىمۇ بار. ئەگەر پېئىللىرىنى ئىسىملىرى بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ، ئۇ پېئىلدىن ئىسىملارنى تۈرلەندۈرۈپ چىقىشقا ئۇرۇنساق، بۇ ئەھۋالدا « تۇزاق قۇردى،نەيرەڭۋازلىق قىلدى » مەنىسىدىكى مەكەرە پېئىلىدىن « ئەل ماكىر ( تۇزاق قۇرغۇچى ) »؛ « ئالدايدىغان» مەنىنى بىلدۈرىدىغان يۇخادىئۇ پېئىلىدىن « ئەل خادىئ - ئالدىغۇچى،ئالدامچى»؛ « ئازابلايدىغان » مەنىنى بىلدۈرىدىغان يۇئەززىبۇ پېئىلىدىن « ئەل مۇئەززىب - ئازاپلىغۇچى »؛ « ھالاك قىلىمىز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان نۇھلىكۇ پېئىلىدىن « ئەل مۇھلىكۇ - ھالاك قىلغۇچى »؛ « ئاتتى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان رەما پېئىلىدىن « ئەر رامى – ئاتقۇچى،ئاتارمەن » ئىسىملىرىنى تۈرلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىگە باشتىن - ئاخىر بىر خىل ۋە پرىنسىپلىق ھالدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئىسىملار ئاللاھ تەئالانىڭ شەنىگە لايىق بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىدە باشتىن - ئاخىر بىردەك بولۇش ۋە ئاللاھ تەئالا ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن كەلىمىلەرنى ئىسىم سۈپىتىدە، پېئىل سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلەرنى پېئىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك.
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن دىققەت نەزىرىمىزنى كائىناتقا ئاغدۇرىدۇ ۋە ئاللاھ تەئالا نىڭ كائىناتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ماقامى بولغان ئەرش ئۈستىدە قارار ئالغانلىقى-ئۆرلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
سۈرىدە 7 - ئايەتتىن باشلاپ ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىنىدۇ. كائىناتقا دائىر ئايەتلەردىن كېيىن ئىنفاق تېمىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئەسلىدە ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت كارۋىنىغا قوشۇلۇشى ئۈچۈن بىر دەۋەتتۇر. چۈنكى مەۋجۇدىيەتنىڭ تەسبىھاتى ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن ( يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇناسىپ ) ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئاللاھ تەئالا نامىدىن ھەرىكەت قىلغان ھەر مەۋجۇدىيەت ئەسلىدە ئىنفاق-ساخاۋەت قىلماقتا. قۇياش ۋە ئاي، ئاسمان ۋە زېمىن، تۇپراق ۋە سۇ، كېچە ۋە كۈندۈز، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات... بۇلاردىن ئىنفاق-خەير-ساخاۋەت قىلمايدىغانلار بارمىدۇ؟ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنفاقى-ساخاۋىتى ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاڭلىق ئەمەس. ئاڭلىق ھالدا ئىنفاق قىلىدىغان، ئاڭلىق ھالدا باشقىلارنى ئۆز ئىمكانلىرىدىن ھەمبەھىرلەندۈرىدىغان مەۋجۇدىيەت ئىنساندۇر. ئىنساندىن بۇ ئىلاھىي كارۋانغا قوشۇلۇش تەلەپ قىلىنماقتا.
ئاللاھ ئۈچۈن بېرىش « بېرىش » ئەمەس، ئەكسىچە « ئېلىش »تۇر. چۈنكى ئاللاھ بەندىسىدىن نېمىنى قۇربان قىلىشنى تەلەپ قىلسا « ئېلىش » ئۈچۈن ئەمەس، « بېرىش » ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىگە ئېھتىياجى يوق، لېكىن بەندىنىڭ ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ چېكى يوق. ئاللاھ تەئالانىڭ قانۇنىيىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئىنفاق-ساخاۋەت ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئىمتىھان ۋاسىتىسىدۇر:
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ
« كىمكى (خەير-ساخاۋەت قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۇنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇ ئېسىل مۇكاپاتقا سازاۋەر بولىدۇ » ( 11 ).
ئىنفاق نىفاقنىڭ ۋاكسىنىسىدۇر. مۇناپىق-ئىككى يۈزلىمىچىنى مۇناپىق بولمىغانلاردىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىنفاقتۇر. بۇ ئىككى كەلىمە ئوخشاش بىر سۆز يىلتىزىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، نىفاق ۋە ئىنفاقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى كەلىمە بىر - بىرىگە زىت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا سۈرىدە ئىنفاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن كېيىنلا نىفاققا ئالاقىدار ئايەتلەر كەلگەن ( 12 - 15 ).
قۇرئاننىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئايەتلىرىدىن بىرىسى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان. بۇ ئايەت رەببىمىزنىڭ ئىنساننىڭ ھىدايەتنى تاللىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى. مۇسۇلمان خىتاب قىلىنغۇچىسىغا « ۋەھىيگە قۇلاق سالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ » دەپ سورايدۇ ۋە بىزدىن « كەلدى ئى رەببىم، يېتىپ كەلدى! » دەپ جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.
دىققەت قىلىڭ، ئايەت بۇ سوئالنى كاپىردىن، مۇناپىقتىن، كىتاب ئەھلىدىن ئەمەس « ئىمان ئېيتقانلاردىن » سوراۋاتىدۇ. يەنى، ئىمان ئېتقانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمان ئېيتتىم دېگەنلەر ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا قانداق بولۇپ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىسىلەر؟ دەپ سوراۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ھەدىد 16 - ئايەت بىلەن فۇرقان 30 - ئايەت ئوخشاش بىر تېما ئۈستىدە توختالماقتا. بۇ سۈرىدىكى مەزكۇر ئايەت تىرىك مۆمىنلەرنى ۋەھىيگە قارىتا ئەستايىدىل بولۇشقا چاقىرغان بولسا، فۇرقان سۈرىسى 30 - ئايەت ۋەھىيگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ( روھىي جەھەتتىن ) ئۆلگەن مۆمىنلەرنى ئاللاھ تەئالاغا شىكايەت قىلماقتا:
أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
« ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەت (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) گە دىللىرى يۇمشايدىغان ۋاقىت تېخى يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇن. زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر » ( 16 ).
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن 25 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ئامىلغا، يەنى كىتاب، مىزان ۋە تۆمۈرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەل - كىتاب ۋەھىيگە، ئەل- مىزان ئادالەتكە، ئەل - ھەدىد كۈچكە سىمۋول قىلىنغان. بىرىنچىسى پرىنسىپلارنىڭ نەزىرىيىۋى مەنبەسىنى، ئىككىنجىسى ئۇ مەنبەنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن شەرت بولغان ئۆلچەم ۋە ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىنى، ئۈچىنچىسى ئۇ پرىنسىپلارنى ھاياتقا تەدبىقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يوللۇق كۈچنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنى ئىلىم - ھېكمەت - ھۆكۈم ياكى تەۋھىد - ئادالەت - جىھاد شەكلىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ، تەۋھىدنىڭ ئادالەت ۋە كۈچ بىلەن كۈچلەندۈرۈلىشىنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىنفاق تېمىسىمۇ بۇ دائىرىدە تىلغا ئېلىنغان.
ھەدىد بىلەن ھەشىر سۈرىسى ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن يېقىنلىق بار. بۇ سۈرىلەر كىشىدە « مال - مۈلۈك ئەخلاقى »نى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەشىر 16 ئىلاھىي ئىسىم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ھەدىد 8 ئىلاھىي ئىسىم بىلەن باشلىنىدۇ.
سۈرىنىڭ بىر جەھەتتىن ئىنفاق سۈرىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:
إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
« (سەدىقە بېرىش ئارقىلىق ئىمانىغا بولغان) ساداقىتىنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەن ئەرلەر ۋە ئاياللار بىلەن (ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگۈچىلەرگە ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا كاتتا مۇكاپات بار » ( 18 ).
سۈرىدە ھەزرىتى نۇھ ۋە ھەزرىتى ئىبراھىم ئالاھىدە بىر سەۋەب بىلەن تىلغا ئېلىنغان ( 26 ). بۇ سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭمۇ، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ ئايەت بەلكىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ياكى مۆمىنلەرنىڭ زېھنىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن بولسا كېرەك.
27 - ئايەتتە سۆز مەريەم ئوغلى ئەيسا ۋە ئىنجىلغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارغا ئېنىق ۋە روشەن ھالدا « خىرىستىيانلاشماڭلار! » دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. چۈنكى بۇ ئايەت نازىل بولغان مەدىنىدە تىلغا ئالغۇدەك خىرىستىيان نوپۇسى يوق ئىدى، بۇ بىرىنچى سەۋەب. ئىككىنجى سەۋەب، قۇرئاندا پەقەت بۇ يەردىلا « روھبانلىق » ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئاللاھ روھبانلىقنى ئەمىر قىلمىغان. ئۇلار روھبانلىقنى سۈرەتى ھەقتىن ( كۆرۈنۈشى ھەقىقەت ) بولغان سەۋەبلەر بىلەن ئىجاد قىلغانىدى. نادان، قارا تۈركلەر دىنىنى كەمتۈك ياشايدۇ، ئىلىمسىز سوپى-ئىشانلار دىنغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسىنىڭ قىلغان كېمەيتىۋېتىش ياكى قوشۇپ قويۇش قىلمىشى ماھىيەتتە ئوخشاشلا خاتالىقتۇر.