ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
بۇ سۈرە قۇرئاندا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغان يىگانە سۈرە بولۇپ، بىرىنچى ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان ئاللاھ تەئالانىڭ « مېھىر-شەپقەتنىڭ چەكسىز مەنبەسى » ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان « رەھمان » ئىسمى بىلەن نام ئالغان.
سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىمۇ « رەھمان » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
رەھمان سۈرىسى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ فۇرقان سۈرىسى 60 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « رەھمان دېگەن نېمە؟ » سوئالىغا جاۋاب بولۇپ نازىل بولغان بولسا كېرەك. سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنى باشتىن ئاخىرى ۋاستىلىق ھالدا مۇشۇنداق بىر جاۋاب خاراكتېرىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا ئىككى سۈرە ئارىسىدىكى يەنە بىر مۇناسىۋەت بۇ سۈرىنىڭ 19 - 20 - ئايەتلىرى بىلەن فۇرقان سۈرىسىنىڭ 53 - ئايىتى ئارىسىدىكى مەزمۇن ئوخشاشلىقى. ھەزرىتى ئەسمادىن كەلگەن ۋە ھىجر سۈرىسىنىڭ 94 - ئايىتى ئىما قىلىنغان ئەھمەت بىن ھەنبەل رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە ھىجر سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان.
ئىبن ھىشامنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئىبن مەسئۇد بۇ سۈرىنى كەبىدە ئوچۇق - ئاشكارە ئوقۇغان ۋە مۇشرىكلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تەئالانىڭ دۈشمەنلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنچە ئاجىز، بىچارە ھالەتتە كۆرمىگەنىدىم » ( ئەس - سىرەتۇن نەبەۋىييە ).
نەجم سۈرىسى شېرىكنى ئەيىپلەش دەۋرىنى ئاچقانىدى. رەھمان سۈرىسى ئوقۇلغاندا مۇشرىكلارنىڭ غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشىنى بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ گۈللەنگەن قۇرئان دەۋىتىكە قارىتا مۇشرىكلارنىڭ ھەيۋە قىلىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سۈرە رىسالەتنىڭ 5 - ياكى 6 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
بالاغەت جەھەتتىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ سۈرە شاۋقۇنسىز ئاققان دەرياغا ئوخشاش ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن كىشىنىڭ روھى دۇنياسىغا خىتاب قىلىدۇ. سۈرە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا بولغان رەھمىتى، مېھرى - شەپقىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇ رەھمەتنى بايان قىلغاندا ۋەھىي نېمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇ ئارقىلىق « ھىدايەتنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن نېمەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى » نى تەكىتلىمەكتە.
سۈرە قۇرئاندا ئەسمائى - ھۇسنادىن بىرىسى بىلەن باشلىغان يىگانە سۈرە بولۇپ، بۇ ئىسىم ئىلاھىي كىملىك سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » كەلىمىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىسىمدىن بىرسى بولغان « ئەر رەھمان »دۇر. بىر مەنىدە مۇشرىكلارنىڭ « رەھمان دېگەن نېمە؟ » دېگەن سوئالىغا جاۋابتۇر. بۇ جاۋابنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۇشرىكلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى روھى ھالىتىنى ۋە ۋەھىيگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. مۇشرىكلار باشتىن تارتىپ « رەھمان » ئىسمىغا سوغۇق نەزەردە قارىغان بولۇپ، بۇ كەلىمىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتقان ھەتتا بۇ ئىسىمدىن نەپرەتلەنگەن. بۇ پوزىتسىيىسىنى ئاخىرقى نەپسىگىچە داۋاملاشتۇرغان.
ھىجرەتنىڭ 6 - يىلىدىكى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدە بۇ مۇئامىلىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. مەككە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى سۇھەيل بىن ئامر رەسۇلۇللاھنىڭ سۈلىھ كاتىبى بولغان ھەزرىتى ئەلىگە يازدۇرغان « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » كەلىمىسىگە قارشى چىققان ۋە:
« رەھمان دېگەن نېمە؟ بىسمىكەللاھۇممە دەپ ياز! » دېگەن.
رەھمان سۈرىسىنىڭ تۇنجى ئايەتلىرى جاھىلىيەت ئىنسانلىرىنىڭ « رەھمان »نى ئىنكار قىلىشىغا بېرىلگەن بىر جاۋاب خاراكتېرىغا ئىگە. ئۇلارغا قۇياش بىلەن ئاينىڭ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، دەريا بىلەن دېڭىزلارنىڭ ۋە تاغلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەمرىگە بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسىغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىسا، رەھماننىڭ رەھمىتىنى كۆرىدۇ. تۆۋەندە رەھماننىڭ رەھمىتىنىڭ تەجەللىلىرىنى رەھماننىڭ كالامىدىن بىرلىكتە ئوقۇيلى:
الرَّحْمَنُ (1) عَلَّمَ الْقُرْآَنَ (2) خَلَقَ الْإِنْسَانَ (3) عَلَّمَهُ الْبَيَانَ (4) الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ (5) وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ (6)
« رەھمان (يەنى ئاللاھ، ئىنسانغا) قۇرئاننى ئۆگەتتى ( 1)-(2). ئىنساننى ياراتتى (3). ئۇنىڭغا (مەقسىدىنى) ئۇقتۇرۇشنى ئۆگەتتى (4). قۇياش ۋە ئاي (ئۆز ئوربىتلىرىدا) ھېساب بويىچە (ھەرىكەت قىلىدۇ) (5). ئوت-چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەر ئاللاھنىڭ بويرۇقىغا باش ئېگىدۇ» ( 1 - 6 ).
ئەر - رەھمان، « رەھمەت قىلغۇچى، مۇتلەق رەھمەتنىڭ مەنبەسى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەلىمە « رەھىم » سۆز تومۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، خۇددى « ئاللاھ » ئىسمىغا ئوخشاش خاس سۈپەتتۇر. ئەسمائى ھۇسنا ئىچىدە بۇ سۈپەت پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. خۇددى « ئاللاھ » ئىسمى بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىدە ئىشلىتىلمىگەندەك خاس سۈپەت بولغان « رەھمان » كەلىمىسىمۇ بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكىلدە ئىشلىتىلمەيدۇ. « رەھىم » سۈپىتى خاس سۈپەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاندا رەسۇلۇللاھ ۋە مۆمىنلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. « ئاللاھ پالانچىغا رەھمەت قىلسۇن » دېگەنلىك « ئاللاھ پالانچىغا رەھمان ۋە رەھىم ئىسىملىرى بىلەن تەجەللى قىلسۇن » دېگەنلىك بولىدۇ. رەھمان ئىسمىنىڭ سۈپەتلەر ئىچىدە خاس سۈپەت بولىشى سەۋەبىدىن باشقا سۈپەتلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئايەت رەھمان سۈپىتىنىڭ سۈپەتلەر ئىچىدە ئۆزگىچە ئورنىنىڭ بارلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى:
« ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەپ دۇئا قىلساڭلارمۇ، رەھمان دەپ دۇئا قىلساڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ. قايسىسنى ئاتاپ دۇئا قىلساڭلار قىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار». (ئى پەيغەمبەر!) نامىزىڭدا – دۇئايىڭدا (مۇشرىكلار ئاڭلاپ ساڭا ئازار بەرمەسلىكى ئۈچۈن) ئاۋازىڭنى بەك يۇقۇرىمۇ كۆتۈرمىگىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىيالماي قالغۇدەك) بەك تۆۋەنمۇ قىلىۋەتمىگىن. بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن» ( ئىسرا، 110 ).
رەھمان سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئىلاھىي رەھمەتنىڭ تەجەللىلىرىنى بايان قىلغان. مەزكۇر سۈرىدە « رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ » ئايىتى 31 قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، ھەر قېتىم تەكرارلانغاندا ئالدىدىكى ئايەتنى تەكىتلەش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتتە تەكرارلانغان « نېمەت » مەزكۇر ئايەتتىن ئىلگىرىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بىر - بىرىدىن پەرقلىق نېمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ئايەتتىكى « كۇما » ئالمىشى ئىنسان ۋە جىنلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارالغان. بەلكىم بۇ ئالماش ئارقىلىق ئىنساننىڭ كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان تەرىپى ياكى دۇنيا بىلەن ئاخىرىتى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن.
رەھمان ئىسمى بىلەن باشلانغان بۇ سۈرىدە 31 قېتىم « رەببىڭنىڭ نېمىتى » ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى رەبنىڭ رۇبۇبىيىتىنى رەھمانىيىتىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.
سۈرىدە رەھمان ئىسمىدىن كېيىن كەلگەن « قۇرئاننى ئۇ ئۆگەتتى » ئايىتى ۋەھىينىڭ رەھماننىڭ ئىنسانىيەتكە بەخش ئەتكەن ئەڭ چوڭ رەھمىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتتە ئىككى نەرسە تىلغا ئېلىنغان. يەنى، قۇرئان ۋە ئۆگىنىش. قۇرئان ئۆز ئالدىغا بىر رەھمەت، ئۆگىنىش قابىلىيىتىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر رەھمەتتۇر. رەھماننىڭ ئۆگىتىشى ئۆزگىچە بىر رەھمەتتۇر. بۇ رەھمەتلەر ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق، ئىنساننىڭ يارىتىلىشى چوڭ بىر رەھمەتتۇر. لېكىن، ۋەھىي ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولمىغان بولسا، ئىنسان « بەشەر »لىكتىن « ئىنسان »لىق دەرىجىسىگە يۈكسىلەلمىگەن بولاتتى.
سۈرىدە ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىغا خىتاب قىلىدىغان جەننەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى يارقىن تەسۋىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئىمان كۆزى بىلەن قارىغان بىر مۆمىن ئۆزىنى خۇددى جەننەتتە كۆرگەندەك بولىدۇ.
سۈرە باشتىن ئاخىرى مەۋجۇدىيەتنىڭ قوشماق قانۇنىيىتىنى خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ ھاياتقا ھەر ۋاقىت ئارىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى ھەقىقىتىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان:
يَسْأَلُهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھتىن تىلەيدۇ، ئاللاھ ھەركۈنى بىر ئىش بىلەن بولۇپ تۇرىدۇ(يەنى ئۇ رەھمان ھەر ۋاقىت ھاياتقا ۋە مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىشقا مۇداخىلە قىلىپ-قول تىقىپ تۇرىدۇ) » ( 29 ).
رەھمان ئىسمى بىلەن باشلىغان بۇ سۈرە، ئەسمائى ھۇسنا ئىچىدە ئۆزگىچە ئورنى بولغان « زۇلجەلالى ۋەلئىكرام ( ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك )» ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.