ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاي » مەنىسىدىكى « قەمەر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
ساھابىلەر سۈرىنى « اقْتَرَبَتِ الساعة -قىيامەت يېقىنلاشتى» ئىسمى بىلەن ئاتىغان ( بۇخارى، ).
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بۈۋى ئائىشەدىن مۇنداق بىر رىۋايەت نەقىل قىلىنغان: « بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ۋاقىتتا ئويۇن ئوينايدىغان بىر كىچىك قىز ئىدىم » ( بۇخارى، تەپسىر ).
سۈرە «قىيامەت يېقىنلاشتى ۋە ئاي يېرىلدى » ( 1 ) دەپ باشلىنىدۇ. قۇرئاندا دۇنيانىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ مۇتلەق ۋە جەزمەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆتمۈش زامان شەكلى ئىشلىتىلىدۇ.
تابىئىنلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر ئالىم ھەسەن ئەلبەسرى ۋە ئاتا بىن ئەبى راباھ بۇ ئايەتنى قىيامەت يېقىنلاشقاندا يۈز بېرىدىغان كېلەچەك ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر دەپ چۈشەنگەن. تابىئىنلاردىن باشقا كىشىلەر ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقانلار بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر مۆجىزە ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات دەپ قارىغان.نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇنداق بىر مۆجىزىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەقىقەتەن چوڭ ۋەقەدۇر.
مۆجىزىلەر ھەققىدە قۇرئان بىزگە قايتا - قايتا بىلدۈرگەن، ئىلاھى قانۇن قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنغان:
ئىنكارچى قوۋم مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تەلەپ ئادا قىلىنىپ مۆجىزە ئەۋەتىلسە، ئۇلاردىن بۇ مۆجىزىگە جاۋابەن ئىمان ئېيتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر مۆجىزە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتا چىڭ تۇرسا ھالاك قىلىنىش باسقۇچى باشلىنىپ، ھەققىدە بېرىلگەن ھۆكۈم قەتئىيلىككە ئايلىنىپ، جازالىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولغانىدى. ئاد ۋە سەمۇد قوۋملىرىنىڭمۇ ھالاكىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغانىدى. ئەگەر مۇشۇنداق بىر مۆجىزە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن مۇشرىكلار بۇ مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئىشەنمىگەن بولسا، سۈننەتۇللاھ تەقەززاسى بويىچە مۇشرىكلارنىڭ ھالاك بولماسلىقى قۇرئان بىزگە كۆرسەتكەن ئۆرنەكلەرگە زىت كېلىدۇ. مۇنداق بىر مۆجىزە دۇنيانىڭ ھەر جايىدىن كۆرۈلىشى كېرەك ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىنىڭ شاھىت بولغانلىقى ئاشكارىلىنىشى كېرەك. لېكىن، بۇنداق بىر شاھىتلىق يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق بىر مۆجىزە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۇنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، تابىئىنلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەسەن ۋە ئاتاغا ئوخشاش نوپۇزلۇق كىشىلەر بۇ ئايەتنى قىيامەتتە يۈز بېرىدىغان بىر ھادىسە دەپ تەپسىر قىلغان. ئەگەر مۇشۇنداق بىر مۆجىزە يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ئالىملارنىڭ بۇنداق چۈشىنىشىگە ھېچقانداق بىر پۇرسەت ۋە ئېھتىماللىق بەرگىلى بولمايدۇ.
بۇ سۈرىدىكى قىسسەلەر خۇددى ئوققا ئوخشاش سۆز قورالىدا، سۆزنىڭ كۈچىگە قارشى كۈچنىڭ باياناتچىلىقىنى قىلىۋاتقان ئىنكارچىلارغا قارىتىپ ئېتىلغان. سۈرىدە بۇ ئايەت تۆت قېتىم تەكرارلانغان:
« ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ساۋاق ئېلىنسۇن ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرۇپ (چۈشىنىشلىك قىلىپ) بەردۇق، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالغۇچى يوقمۇ؟ » ( 17 ).
چۈنكى، قۇرئان ئاللاھ تەئالانىڭ ئىدارىسىدىكى ھايات مەكتىپىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكى بولۇپ، قۇرئاندىن دەرس ئالمىغانلار ئاللاھ تەئالادىن دەرس ئالمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. ۋەھىي ئۆزىنى « دەرس ئالىدىغان جەمىئىيەتكە » بېغىشلايدۇ. دەرسنى ۋەھىي ئارقىلىق ھاياتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئالىدۇ.
ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: « بىرىسىنىڭ قۇرئان ئوقۇشى سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. ئۇ پەقەت تىلىمىزدىكى سۆزدۇر. كىمىكى قۇرئاننى ھاياتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن بولسا، سىلەر ئەنە شۇ كىشىگە ئېتىبار بېرىڭلار ».
فۇزەيل بىن ئىياز مۇنداق دېگەن: « قۇرئان پەقەت ئۇ ئارقىلىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى. ئەمما، ئىنسانلار ئۇنى قىرائەت قىلىشنى ئەمەل دەپ قارايدىغان بولۇۋالدى ».
مەزكۇر سۈرىنى مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ بۆلەككە ئايرىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى بۆلەكنى تەشكىل قىلغان ئايەتلەردە ( 1 - 8 ) يېقىنلىشىۋاتقان قىيامەت ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئىككىنجى بۆلەكتە، ئىنكارچى قوۋملارنىڭ ھالاك بولۇشى بايان قىلىنغان ( 9 - 42 ). ھەزرىتى نۇھنىڭ « مېنىڭ تاقىتىم قالمىدى » دېگەن نۇقتىغا كەلگەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنغان:
ئۇ رەببىگە: «مەن مەغلۇپ بولدۇم، ماڭا ياردەم قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلدى ( 10 ).
بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا « بەندىنىڭ تاقىتى تۈگىگەن يەردە، ئاللاھ تەئالانىڭ ياردىمى يېتىپ كېلىدۇ » دېگەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن.
ئۈچىنچى بۆلەك، مۆجىزىۋى بىر خەۋەر بىلەن ۋەھىيگە قارشى چىققانلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلىنىدۇ ( 45 ). مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىلاھىي بىر پىلان ئۈستىدە يارىتىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ:
« ھەقىقەتەن بىز ھەرنەرسىنى (ئىلاھى) بىر ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق » ( 49 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا ئاللاھ قا قارشى بويۇنتاۋلىق قىلغانلار مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان:
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
« بىز ھەقىقەتەن (سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەردىن) سىلەرگە ئوخشاشلارنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، تېخىچە ساۋاق ئالغۇچى يوقمۇ؟ » ( 51 ).
بۇ ئايەتنىڭ ئارقىسىدىن ئىنسانلارغا « ئى ئىنسان دىققەت قىل! شۇنى ئۇنتۇما، قىلغان ھەر ئىشىڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ! » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان:
وَكُلُّ شَيْءٍ فَعَلُوهُ فِي الزُّبُرِ (52) وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُسْتَطَرٌ (53)
« ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈكلەردە مەۋجۇتتۇر (52). چوڭ-كىچىك ھەممىسى خاتىرلەنگەندۇر » ( 52 - 53 ).