ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يۇلتۇز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « نەجم » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
ئىبن ئابباس نەجم سۈرىسى رەسۇلۇللاھ مەككىلىكلەرگە ۋەھىي بىلەن « جەڭ ئېلان قىلغان » تۇنجى سۈرە ئىدى، دېگەن ( بۇخارى ). ئىبن ئابباسنىڭ بۇ قارىشىنى قۇرئان تەستىقلايدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى دەسلەپتە ۋەھىينىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق يوپۇرۇپ كەلگەن، قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئوچۇق- ئاشكارا قول سېلىپ قارشى تۇرمىغانىدى. ئىلاھلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن تەڭ مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەھىيگە ۋە ئۇنىڭ تەبلىغچىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مانا بۇ مۇئامىلىدىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ پەيدا بولىشىدا بۇ سۈرىنىڭ ئوينىغان رولى ناھايتى زور. قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبى بىزگە بىر ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. يەنى، ھەقىقەتنىڭ يەتكۈزۈلىشى بارلىق ئىستىراتېگىيىلىك ۋە تاكتىك پىلانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مانا بۇ سۈرىدىكى قەتئىي پوزىتسىيىدىن سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇ سۈرە تەخمىنەن دەۋەتنىڭ 3 - ياكى 4 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
مۇھەممەدى دەۋەتنىڭ مەككىدىكى مەزگىلىنى تۆت باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ:
1. شەخسلەر نىشان قىلىنغان دەۋەت باسقۇچى. ۋەھىينىڭ نازىل بولۇشقا باشلىنىشىدىن تارتىپ نەجم سۈرىسى نازىل بولغىچە بولغان مەزگىل. بۇ مەزگىل ۋەھىينىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ 3 - ياكى 4 - يىلغىچە داۋام قىلغان. فاتىھە سۈرىسىدىن تارتىپ ئىخلاس سۈرىسىگىچە بولغان 25 سۈرە بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
2. ئاۋام خاراكتېرلىق دەۋەت باسقۇچى. بۇتلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، بۇتلار ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلەنگەن نەجم سۈرىسى نازىل بولغان 3 - ياكى 4 - يىلدىن تارتىپ قۇرەيش ئېمبارگوسى باشلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان مەزگىل. بۇ مەزگىلمۇ 3 - 4 يىل داۋام قىلغان. بۇ مەزگىلدە نەجم سۈرىسىدىن ھاققا سۈرىسىگىچە 20 سۈرە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
3. قۇرەيشنىڭ مۆمىنلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئېمبارگو باسقۇچى. بۇ باسقۇچ رىسالەتنىڭ 7- يىلىدا باشلانغان بولۇپ، 9 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 3 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان. بۇ مەزگىلدە مەئارىج سۈرىسىدىن رەئد سۈرىسىگىچە بولغان 14 سۈرە نازىل بولغان بولسا كېرەك.
4. بەيئەت باسقۇچى. ئېمبارگودىن كېيىن، يەنى 10 - يىلىدىن تارتىپ 13 - يىلىدىكى ھىجرەتنىڭ باشلىنىشىغىچە بولغان مەزگىل. بىرىنچى ۋە ئىككىنجى ئەقەبە بەيئەتلىرى بۇ مەزگىلدە بولغان. تۇنجى سۈيقەست ئىماسى ئىشارەت قىلىنغان تۇر سۈرىسىدىن مەككىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نازىل بولغان مۇتەففىفىن سۈرىسىگىچە بولغان 30 سۈرە بۇ باسقۇچتا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
قۇرەيش بۇتلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەنگەن تۇنجى سۈرە بولغان نەجم، شەخسلەر نىشان قىلىنغان دەۋەتتىن ئاۋام دەۋەت نىشانى بولغان باسقۇچقا ئۆتۈشتە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈرە بىرلا قېتىمدا ياكى تەدرىجىي نازىل بولغان بولسا كېرەك.
بۇ سۈرە فەجر سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىدا قىسسەلەر بايان قىلىنغان ئىككىنجى سۈرە. فەجر سۈرىسىدە ئورۇن ئالغان قىسسەلەرگە بۇ سۈرىدە ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى نۇھ ۋە مۇتەفىكە ( لۇت ) قوۋمى قىسسەلىرى قوشۇلغان.
سۈرىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ ئىلاھى مەنبەسى ھەققىدە بايان بېرىلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىي پەرىشتىسى بىلەن ئىككى يەردە ئۇچراشقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن ئىسرا سۈرىسىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى ئىسرا ۋەقەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولىشى مۇمكىن.
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىي پەرىشتىسى-جىبرىئىل بىلەن ئۇچرىشىش ھەقىقىتىنىڭ قۇرئاندىكى بايانى تۆۋەندىكىچە:
وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَى (1) مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَى (2) وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَى (3) إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى (4) عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَى (5) ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَى (6) وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَى (7) ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّى (8) فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَى (9) فَأَوْحَى إِلَى عَبْدِهِ مَا أَوْحَى (10) مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَى (11) أَفَتُمَارُونَهُ عَلَى مَا يَرَى (12) وَلَقَدْ رَآَهُ نَزْلَةً أُخْرَى (13) عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهَى (14) عِنْدَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَى (15) إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَى (16) مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَى (17) لَقَدْ رَأَى مِنْ آَيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَى (18)
« سارقىغان چاغدىكى يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى (1). ھەمراھىڭلار (مۇھەممەت) ئېزىپ كەتمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى (2). ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ (3). ئۇ (قۇرئان) ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغان (ئىلاھى) ۋەھىيدىن ئىبارەتتۇر (4). ئۇنىڭغا ۋەھىينى كۈچلۈك (پەرىشتە جىبرىئىل) ئۈگەتتى (5). ئۇ (جىبرىئىل) نىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يوقۇرى ئۇپۇقتا (تۇردى) (6)-(7). ئاندىن ئۇ ئاستا-ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەتكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك (يېقىنلاشتى) (8)-)9). ئاندىن ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەت) كە (جىبرىئىل ئارقىلىق) ۋەھىي قىلىدىغاننى ۋەھىي قىلدى (10). ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى يالغانغا چىقارمىدى (11). (ئى مۇشرىكلار!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ھەققىدە شۈبھىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشامسىلەر؟ (12). ئۇ مۇھەممەت (بۇ قېتىم) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن يەنە بىر قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا كۆردى[1] (13) -(15). شۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئاجايىباتلار قاپلىغان ئىدى (16). (مۇھەممەت) نىڭ كۆزى (كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن) قايمىدى ۋە ئۆتۈپمۇ كەتمىدى (17). شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بۈيۈك ئالامەتلىرىدىن كۆرگەن ئىدى (18). »
بۇ ئايەتلەر ھەم مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۆمىنلەرنى تەستىقلىغان،ئىلھاملاندۇرغان ھەمدە ئىنكار قىلغۇچىلارنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەيىبلىگەن. سۈرە ۋەھىيگە قارىتىلغان تۆھمەتلەرگە جاۋاب بېرىشكە « ۋەننەجم » كەلىمىسى بىلەن باشلىغان. نەجىمدىن ئىبارەت كۆپ مەنىلىك بىر كەلىمىنىڭ ئىشلىتىلىشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ ۋەھىينىڭ سۆز ساماسى ( ئاسمىنى )نىڭ يۇلتۇزى ئىكەنلىكىنى، ۋەھىينىڭ تەدرىجىي نازىل بولىدىغانلىقىنى، « ساما » ۋە ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەشەمىتىنى ئىما قىلماقتا. مەزكۇر سۈرىگە بۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن كىرىش ئارقىلىق، چوڭ ئالەم بولغان كائىنات بىلەن كىچىك ئالەم بولغان ئىنسان ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئىنساننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن كائىناتنىڭ بۇزۇلۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرەيشنىڭ بۇزۇلغان ئىلاھ چۈشەنچىسى ۋە بۇ چۈشەنچىنىڭ ئەسىرى بولغان يالغان ئىلاھلار تىلغا ئېلىنىدۇ ( 19 - 32 ). سۈرە ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئىستىقبالى ۋە بۇ ئىستىقبالدا ئۆزىنى كۈتىۋاتقان مۇكاپات ياكى جازا تېمىسىنى ئاساس قىلغان بايانلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ( 33 - 62 ).
سۈرىدە، پۈتۈن زامان ۋە ماكانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان ئىلاھىي پرىنسىپ مۇنداق بايان قىلىنغان:
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى (38) وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى (39)
«ھېچبىر گۇناھكار ئادەم باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» (36)-(38). ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ (39). »
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدىكى ئىككى ئايەتتە، بىر-بىرىگە زىتلارنىڭ ۋە جۇپلارنىڭ بولىشىنىڭ ئاللاھ تەئالا نىڭ مەخلۇقات ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ:
وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَى (43) وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا (44)
« كۈلدۈرگەنمۇ ئاللاھتۇر، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر (43). ۋاپات تاپقۇزغانمۇ ئاللاھتۇر، ھايات بەخىش ئەتكەنمۇ ئاللاھتۇر (44). »
[1] .بۇ ئايەت سۈرە ئەنبىيا 28-ئايەت ۋە سۈرە تەكۋىر 23-ئايەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇلۇشى كېرەك.