سۈرە تۇر
سۈرە تۇر 1-ئايەت
وَالطُّورِ
تۇر تېغى بىلەن (1)،
سۈرە تۇر 2-ئايەت
وَكِتَابٍ مَّسْطُورٍ
يېيىلغان تېرە باغلاملىرىغا قۇرمۇ - قۇر پۈتۈلگەن كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن (2)-(3)،
سۈرە تۇر 3-ئايەت
فِي رَقٍّ مَّنشُورٍ
يېيىلغان تېرە باغلاملىرىغا قۇرمۇ - قۇر پۈتۈلگەن كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن (2)-(3)،
سۈرە تۇر 4-ئايەت
وَالْبَيْتِ الْمَعْمُورِ
داۋاملىق (زىيارەتچىلەر بىلەن) گۈللەندۈرۈلگەن ئۆي (يەنى كەبە) بىلەن (4).
سۈرە تۇر 5-ئايەت
وَالسَّقْفِ الْمَرْفُوعِ
يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن تورۇس (يەنى ئاسمان) بىلەن (5).
سۈرە تۇر 6-ئايەت
وَالْبَحْرِ الْمَسْجُورِ
(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ يانىدىغان دېڭىز-ئوكيان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (6)،
سۈرە تۇر 7-ئايەت
إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَاقِعٌ
رەببىڭنىڭ جازالاندۇرۇشى چوقۇم يۈز بېرىدۇ (7).
سۈرە تۇر 8-ئايەت
مَّا لَهُ مِن دَافِعٍ
ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ (8).
سۈرە تۇر 9-ئايەت
يَوْمَ تَمُورُ السَّمَاءُ مَوْرًا
ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ (9).
سۈرە تۇر 10-ئايەت
وَتَسِيرُ الْجِبَالُ سَيْرًا
تاغلار (ئورۇنلىرىدىن قوزغۇلۇپ) مېڭىپ كېتىدۇ (10).
سۈرە تۇر 11-ئايەت
فَوَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
(ھەقىقەتنى) يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي ! (11)،
سۈرە تۇر 12-ئايەت
الَّذِينَ هُمْ فِي خَوْضٍ يَلْعَبُونَ
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، (بىخۇتلۇققا) چۆمۈپ ئوينايدۇ (12)،
سۈرە تۇر 13-ئايەت
يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَى نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
ئۇ كۈندە ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ (13)،
سۈرە تۇر 14-ئايەت
هَذِهِ النَّارُ الَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
(ئۇلارغا) : «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقىرىپ كەلگەن دوزاختۇر (دېيىلىدۇ) (14)،
سۈرە تۇر 15-ئايەت
أَفَسِحْرٌ هَذَا أَمْ أَنتُمْ لَا تُبْصِرُونَ
بۇ (دوزاخ) سېھىرمىكەن ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ (15).
سۈرە تۇر 16-ئايەت
اصْلَوْهَا فَاصْبِرُوا أَوْ لَا تَصْبِرُوا سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
سىلەر دوزاخقا كىرىڭلار، بۇنىڭغا چىدىساڭلارمۇ، چىدىمىساڭلارمۇ، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش، سىلەر پەقەت قىلغان ئىش-ھەرىكىتىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ) (16).
سۈرە تۇر 17-ئايەت
إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَعِيمٍ
(دۇنيادىكى ۋاقتىدا) تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان ياشىغۇچىلار جەننەتلەردە ۋە نېمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ (17).
سۈرە تۇر 18-ئايەت
فَاكِهِينَ بِمَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ وَوَقَاهُمْ رَبُّهُمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
ئۇلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، رەببى ئۇلارنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلايدۇ (18).
سۈرە تۇر 19-ئايەت
كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
(ئۇلارغا): «قىلغان ئىش - ھەرىكىتىڭلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەپ - ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) (19).
سۈرە تۇر 20-ئايەت
مُتَّكِئِينَ عَلَى سُرُرٍ مَّصْفُوفَةٍ وَزَوَّجْنَاهُم بِحُورٍ عِينٍ
ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارغا شەھلا كۆزلۈك ھۈرىلەرنى جۈپتى [1] قىلىپ بېرىمىز (20).
سۈرە تۇر 21-ئايەت
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَاتَّبَعَتْهُمْ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَانٍ أَلْحَقْنَا بِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَمَا أَلَتْنَاهُم مِّنْ عَمَلِهِم مِّن شَيْءٍ كُلُّ امْرِئٍ بِمَا كَسَبَ رَهِينٌ
ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئۇرۇق - ئەۋلادىمۇ ئىزىدىن مېڭىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىغان كەلسەك، بىز ئۇلارغا ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى (مۇ) قوشىمىز. قىلغان (ياخشى) ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيمىز. ھەرئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىش-ھەرىكىتى بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغاندۇر (21).
سۈرە تۇر 22-ئايەت
وَأَمْدَدْنَاهُم بِفَاكِهَةٍ وَلَحْمٍ مِّمَّا يَشْتَهُونَ
ئۇلارنى كۆڭلى تارتىدىغان مېۋە-چېۋە ۋە گۆش بىلەن كەڭ-تاشا تەمىنلەيمىز (22).
سۈرە تۇر 23-ئايەت
يَتَنَازَعُونَ فِيهَا كَأْسًا لَّا لَغْوٌ فِيهَا وَلَا تَأْثِيمٌ
ئۇلار جەننەتتە ئۆز-ئارا قەدەھلىرىنى تۇتۇشىدۇ، قەدەھلەردىكى (ئىچىملىك سەۋەبلىك ئۇلاردىن) بىھۇدە سۆزمۇ، گۇناھقا سەۋەپ بولىدىغان ھەرىكەتمۇ سادىر بولمايدۇ (23).
سۈرە تۇر 24-ئايەت
وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ غِلْمَانٌ لَّهُمْ كَأَنَّهُمْ لُؤْلُؤٌ مَّكْنُونٌ
سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك (كۆرۈنىدىغان) ياش مۇلازىملىرى ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىدۇ (24).
سۈرە تۇر 25-ئايەت
وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ (25)،
سۈرە تۇر 26-ئايەت
قَالُوا إِنَّا كُنَّا قَبْلُ فِي أَهْلِنَا مُشْفِقِينَ
ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئائىلىمىز ئارىسىدا (ئاللاھنىڭ بىزدىن خۇرسەن بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ) قورقاتتۇق (26).
سۈرە تۇر 27-ئايەت
فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا وَوَقَانَا عَذَابَ السَّمُومِ
ئاللاھ بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتتى، بىزنى يىلىككە ئۆتىدىغان ئازاب - ئوقۇبەتتىن ساقلىدى (27).
سۈرە تۇر 28-ئايەت
إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلُ نَدْعُوهُ إِنَّهُ هُوَ الْبَرُّ الرَّحِيمُ
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا (يېلىنىپ) دۇئا قىلىپ تۇراتتۇق، ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچى رەھىمدىل زات پەقەت ئاللاھتۇر (28).
سۈرە تۇر 29-ئايەت
فَذَكِّرْ فَمَا أَنتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ
(ئى مۇھەممەت!) سەن (خەلقىڭگە) ۋەز-نەسھەت قىلغىن، سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى تۈرتكىسىدە (كەلگۈسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ) كاھىنمۇ ئەمەسسەن، ساراڭمۇ ئەمەسسەن (29).
سۈرە تۇر 30-ئايەت
أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَّتَرَبَّصُ بِهِ رَيْبَ الْمَنُونِ
ئۇلار: «(مۇھەممەت) بىر شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ بىرەر ھادىسىگە يولۇقۇشىنى كۈتىمىز» دەۋاتامدۇ؟ (30).
سۈرە تۇر 31-ئايەت
قُلْ تَرَبَّصُوا فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ الْمُتَرَبِّصِينَ
(ئۇلارغا) «كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتۈپ تۇرغۇچىلاردىنمەن» دېگىن (31).
سۈرە تۇر 32-ئايەت
أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَامُهُم بِهَذَا أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
ئۇلارنىڭ (خام-خىيال) چۈشلىرى ئۇلارنى مۇشۇنداق سۆزنى قىلىشقا ئۈندەمدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلار چەك-چېگرا تۇنۇمايدىغان ئازغۇن كىشىلەر توپىمۇ؟ (32).
سۈرە تۇر 33-ئايەت
أَمْ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُ بَل لَّا يُؤْمِنُونَ
ياكى ئۇلار «مۇھەممەت قۇرئاننى ئۆزى توقۇغان» دېيىشەمدۇ ؟ ياق، ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (33).
سۈرە تۇر 34-ئايەت
فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِّثْلِهِ إِن كَانُوا صَادِقِينَ
ئەگەر ئۇلار راستچىل بولىدىغان بولسا، قۇرئاننىڭ سۆزىگە ئوخشايدىغان باشقا بىرەر سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇنچۇ! (34).
سۈرە تۇر 35-ئايەت
أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ
يا بولمىسا ئۇلار سەۋەپسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ (35).
سۈرە تۇر 36-ئايەت
أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بَل لَّا يُوقِنُونَ
يا بولمىسا ئۇلار (ئۆزلىرى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ياق ئۇلار چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدۇ (36).
سۈرە تۇر 37-ئايەت
أَمْ عِندَهُمْ خَزَائِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ الْمُسَيْطِرُونَ
رەببىڭنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ قولىدىمىكەن ياكى ئۇلار كائىناتنى باشقۇرغۇچىلارمىكەن؟ (37).
سۈرە تۇر 38-ئايەت
أَمْ لَهُمْ سُلَّمٌ يَسْتَمِعُونَ فِيهِ فَلْيَأْتِ مُسْتَمِعُهُم بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ
ياكى ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشاش ئۈچۈن ( ئاسمانغا ) چىقىدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتنى كەلتۈرسۇن (38).
سۈرە تۇر 39-ئايەت
أَمْ لَهُ الْبَنَاتُ وَلَكُمُ الْبَنُونَ
قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟ (39).
سۈرە تۇر 40-ئايەت
أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ
يا بولمىسا سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭنىڭ بەدىلىگە) ھەق تەلەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇپسەنمۇ؟ (40).
سۈرە تۇر 41-ئايەت
أَمْ عِندَهُمُ الْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
يا بولمىسا ئۇلاردا غەيب ئىلمى بار بولۇپ،ئۆزلىرى يازامدۇ ؟ (41).
سۈرە تۇر 42-ئايەت
أَمْ يُرِيدُونَ كَيْدًا فَالَّذِينَ كَفَرُوا هُمُ الْمَكِيدُونَ
ئۇلار ساڭا ھىيلە-نەيرەڭۋازلىق قىلماقچىمۇ؟ كاپىرلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقلىرى بەربات بولىدۇ (42).
سۈرە تۇر 43-ئايەت
أَمْ لَهُمْ إِلَهٌ غَيْرُ اللَّهِ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
يا بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمىكەن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە ئۇلۇغدۇر (43).
سۈرە تۇر 44-ئايەت
وَإِن يَرَوْا كِسْفًا مِّنَ السَّمَاءِ سَاقِطًا يَقُولُوا سَحَابٌ مَّرْكُومٌ
ئەگەر ئۇلار ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بىرەر پارچىنى كۆرسە، بۇ «توپلاشقان بۇلۇتتۇر» [2]دەيدۇ (44).
سۈرە تۇر 45-ئايەت
فَذَرْهُمْ حَتَّى يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي فِيهِ يُصْعَقُونَ
(ئى مۇھەممەت!) شۇڭا سەن ئۇلارنى (قورقۇنچىدىن) ھۇشىدىن كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىگە قەدەر ئۆز مەيلىگە قويۇۋەت (45).
سۈرە تۇر 46-ئايەت
يَوْمَ لَا يُغْنِي عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقلىرى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ (46).
سۈرە تۇر 47-ئايەت
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا عَذَابًا دُونَ ذَلِكَ وَلَكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
زالىملارغا بۇ (ئاخىرەت) ئازاب-ئوقۇبىتىدىن بۇرۇن چوقۇم (دۇنيادىكى) ئازاب-ئوقۇبەت بار، بىراق ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ (47).
سۈرە تۇر 48-ئايەت
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋرچان بولغىن، چۈنكى سەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭنى مەدھىيلەپ ئۇلۇغلىغىن (48).
سۈرە تۇر 49-ئايەت
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ
كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىن (كۈندۈزدە) مۇ ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلىغىن (49).
Flag Counter