سۈرە زارىيات
سۈرە زارىيات 1-ئايەت
وَالذَّارِيَاتِ ذَرْوًا
تۇزۇتۇپ تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن (1)،
سۈرە زارىيات 2-ئايەت
فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا
مول يامغۇرنى كۆتۈرگۈچى (بۇلۇتلار) بىلەن (2)،
سۈرە زارىيات 3-ئايەت
فَالْجَارِيَاتِ يُسْرًا
(سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى (كېمىلەر) بىلەن (3)،
سۈرە زارىيات 4-ئايەت
فَالْمُقَسِّمَاتِ أَمْرًا
بۇيرۇقنى تەقسىم قىلغۇچى (پەرىشتە) لەر بىلەن قەسەمكى (4)،
سۈرە زارىيات 5-ئايەت
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئەلۋەتتە راستتۇر! (5).
سۈرە زارىيات 6-ئايەت
وَإِنَّ الدِّينَ لَوَاقِعٌ
ھېساب-كىتاب چوقۇم بولىدۇ (6).
سۈرە زارىيات 7-ئايەت
وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْحُبُكِ
(ئوربىتا) يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر (7)-(8).
سۈرە زارىيات 8-ئايەت
إِنَّكُمْ لَفِي قَوْلٍ مُّخْتَلِفٍ
(ئوربىتا) يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر (7)-(8).
سۈرە زارىيات 9-ئايەت
يُؤْفَكُ عَنْهُ مَنْ أُفِكَ
قۇرئاندىن بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (ھەممىدىن) بۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ (9).
سۈرە زارىيات 10-ئايەت
قُتِلَ الْخَرَّاصُونَ
يۇقالسۇن يالغاننى توقۇغۇچىلار! (10).
سۈرە زارىيات 11-ئايەت
الَّذِينَ هُمْ فِي غَمْرَةٍ سَاهُونَ
ئۇلارجاھالەتكە پاتقان، غاپىللاردۇر (11).
سۈرە زارىيات 12-ئايەت
يَسْأَلُونَ أَيَّانَ يَوْمُ الدِّينِ
ئۇلار : «جازا-مۇكاپات كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ (12).
سۈرە زارىيات 13-ئايەت
يَوْمَ هُمْ عَلَى النَّارِ يُفْتَنُونَ
ئۇ كۈن ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر (13).
سۈرە زارىيات 14-ئايەت
ذُوقُوا فِتْنَتَكُمْ هَذَا الَّذِي كُنتُم بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ) (14).
سۈرە زارىيات 15-ئايەت
إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ بويلىرىدا بولىدۇ (15).
سۈرە زارىيات 16-ئايەت
آخِذِينَ مَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَلِكَ مُحْسِنِينَ
ئۇلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار-قىلغان ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار ئىدى (16).
سۈرە زارىيات 17-ئايەت
كَانُوا قَلِيلًا مِّنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ
ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى (17).
سۈرە زارىيات 18-ئايەت
وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
ئۇلار سەھەرلەردە (ئاللاھتىن) ئەپۇ-مەغپىرەت تىلەيتتى (18).
سۈرە زارىيات 19-ئايەت
وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِّلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا (ياردەم) سورىغۇچىلار ۋە (تارتىنىپ ياردەم سورىماي ياردەم ئېلىشتىن) مەھرۇم قالغان موھتاجلارنىڭ ھەققى بار ئىدى (19).
سۈرە زارىيات 20-ئايەت
وَفِي الْأَرْضِ آيَاتٌ لِّلْمُوقِنِينَ
چىن ئېتقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن زېمىندا (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىللەر-ئايەتلەر بار (20).
سۈرە زارىيات 21-ئايەت
وَفِي أَنفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
ئۆزۈڭلاردىمۇ (ھەم بار) سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ (21).
سۈرە زارىيات 22-ئايەت
وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ
ئاسماندا (ماددى ۋە مەنىۋى) رىزقىڭلار ۋە سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە بار (22).
سۈرە زارىيات 23-ئايەت
فَوَرَبِّ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّهُ لَحَقٌّ مِّثْلَ مَا أَنَّكُمْ تَنطِقُونَ
ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋىشكارى بىلەن قەسەمكى، ئۇ(يەنى سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە) خۇددى سىلەرنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغىنىڭلاردەكلا ھەقتۇر (23).
سۈرە زارىيات 24-ئايەت
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ
(ئى مۇھەممەت!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ (24)
سۈرە زارىيات 25-ئايەت
إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ
ئەينى چاغدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (كۆڭلىدە، بۇلار) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى (25).
سۈرە زارىيات 26-ئايەت
فَرَاغَ إِلَى أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئۆيىگە كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقتى - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «قېنى يېمەمسىلەر؟» دېدى (26)-(27).
سۈرە زارىيات 27-ئايەت
فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئۆيىگە كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقتى - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «قېنى يېمەمسىلەر؟» دېدى (26)-(27).
سۈرە زارىيات 28-ئايەت
فَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً قَالُوا لَا تَخَفْ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
ئىبراھىم (ئۇلارنىڭ يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) كۆڭلىدە ئۇلاردىن ئەندىشىلەندى. ئۇلار: «قورقمىغىن» دېدى ۋە ئىبراھىمغا بىلىملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بەردى (28).
سۈرە زارىيات 29-ئايەت
فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
ئىبراھىمنىڭ ئايالى ۋارقىراپ كېلىپ يۈزىنى كاچاتلاپ: «(مەن) بىر تۇغماس موماي تۇرسام (قانداقمۇ تۇغىمەن؟)» دېدى (29).
سۈرە زارىيات 30-ئايەت
قَالُوا كَذَلِكِ قَالَ رَبُّكِ إِنَّهُ هُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» دېدى (30).
سۈرە زارىيات 31-ئايەت
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى (31).
سۈرە زارىيات 32-ئايەت
قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَى قَوْمٍ مُّجْرِمِينَ
ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھقا چۈمگەن بىر قوۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق[i] (32).
سۈرە زارىيات 33-ئايەت
لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِّن طِينٍ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى تۈپەيلى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇرىمىز» (33)-(34).
سۈرە زارىيات 34-ئايەت
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى تۈپەيلى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇرىمىز» (33)-(34).
سۈرە زارىيات 35-ئايەت
فَأَخْرَجْنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
ئاندىن بىز ئۇ ئەلدىكى مۆمىنلەرنى (ھالاك بولمىسۇن دەپ سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق (35).
سۈرە زارىيات 36-ئايەت
فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِّنَ الْمُسْلِمِينَ
بىز ئۇ ئەلدە مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق (36).
سۈرە زارىيات 37-ئايەت
وَتَرَكْنَا فِيهَا آيَةً لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
ئەلەملىك ئازاب-ئوقۇبەتتىن قورقىدىغانلارنىڭ (ئىبرەت ئېلىشى) ئۈچۈن ئۇ ئەلدە ئىزنالارنى قالدۇردۇق (37).
سۈرە زارىيات 38-ئايەت
وَفِي مُوسَى إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَى فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ
مۇسا (نىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەت بار)، ئەينى چاغدا بىز ئۇنى پىرئەۋنگە رۇشەن دەلىل - پاكىت بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق (38).
سۈرە زارىيات 39-ئايەت
فَتَوَلَّى بِرُكْنِهِ وَقَالَ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
پىرئەۋن ئۆزىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزراسى بىلەن بىللە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى، ئۇ: «(بۇ مۇسا) سېھرىگەر ياكى ساراڭ ئادەمكەن» دېدى (39).
سۈرە زارىيات 40-ئايەت
فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ
شۇنىڭ بىلەن بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى جازالىدۇق. ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، شۇ ئەسنادا پىرئەۋن ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتاتتى(40).
سۈرە زارىيات 41-ئايەت
وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ
ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ ئىبرەت بار.) ئەينى چاغدا بىز ئۇلارغا تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىدىغان بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق (41).
سۈرە زارىيات 42-ئايەت
مَا تَذَرُ مِن شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ
ئۇ بوران ھەرقانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى كۈلگە ئوخشاش قىلىۋېتەتتى (42).
سۈرە زارىيات 43-ئايەت
وَفِي ثَمُودَ إِذْ قِيلَ لَهُمْ تَمَتَّعُوا حَتَّى حِينٍ
سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ ئىبرەت بار.) ئەينى چاغدا ئۇلارغا «سىلەر تۇرمۇشتىن ۋاقتىنچە بەھرىلىنىپ تۇرۇڭلار» دېيىلگەن ئىدى (43).
سۈرە زارىيات 44-ئايەت
فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنظُرُونَ
ئۇلار رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىپ غادايدى-دە، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاراپ تۇرغاندا چاقماق ئۇلارنى سوقتى (44).
سۈرە زارىيات 45-ئايەت
فَمَا اسْتَطَاعُوا مِن قِيَامٍ وَمَا كَانُوا مُنتَصِرِينَ
ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ ماجالى بولمىدى (45).
سۈرە زارىيات 46-ئايەت
وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
بىز ئىلگىرى نوھنىڭ خەلقىنىمۇ (مۇشۇنداق يوق قىلغان ئىدۇق) چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان-پاسىق كىشىلەر توپى ئىدى (46).
سۈرە زارىيات 47-ئايەت
وَالسَّمَاءَ بَنَيْنَاهَا بِأَيْدٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
بىز ئاسماننى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن بەرپا قىلدۇق، شۈبھىسىزكى بىز كېڭەيتكۈچىدۇرمىز (47).
سۈرە زارىيات 48-ئايەت
وَالْأَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ
يەر يۈزىنى (ياشاشقا قولايلىق) سېلىنچا قىلىپ بەردۇق، بىز (ئۇنى) نېمىدىگەن ياخشى بۆشۈك قىلدۇق (48).
سۈرە زارىيات 49-ئايەت
وَمِن كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
ھەر شەيئىنى جۈپ ( ئىككى قۇتۇپلۇق ) ياراتتۇق، بەلكىم پەند - نەسھەت ئالارسىلەر (49).
سۈرە زارىيات 50-ئايەت
فَفِرُّوا إِلَى اللَّهِ إِنِّي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
(ئى مۇھەممەت! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ئۇنداقتا ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن (50).
سۈرە زارىيات 51-ئايەت
وَلَا تَجْعَلُوا مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ إِنِّي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
سىلەر ئاللاھ بىلەن بىللە يەنە باشقا ھېچقانداق نەرسە(يەنى مەبۇد)قا ئىلاھلىق راۋا كۆرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» (51).
سۈرە زارىيات 52-ئايەت
كَذَلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
شۇنىڭدەك ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرگىمۇ ئەلچى كەلسىلا ئۇلار ئۇنى: «سېھرىگەر ياكى ساراڭ » دېيىشكەن ئىدى (52).
سۈرە زارىيات 53-ئايەت
أَتَوَاصَوْا بِهِ بَلْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
ئۇلار بۇنداق دېيىشنى بىر-بىرىگە ۋەسىيەت قىلىشقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى بىر خەلقتۇر (53).
سۈرە زارىيات 54-ئايەت
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ فَمَا أَنتَ بِمَلُومٍ
سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (شۇندان قىلساڭ) سەن ھەرگىز ئەيىپلەنمەيسەن (54).
سۈرە زارىيات 55-ئايەت
وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَى تَنفَعُ الْمُؤْمِنِينَ
خاتىرلىتىپ تۇرغىن، چۈنكى خاتىرلىتىشنىڭ مۆمىنلەرگە پايدىسى بولىدۇ (55).
سۈرە زارىيات 56-ئايەت
وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ
مەن جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا بەندىچىلىك قىلسۇن ئۈچۈنلا ياراتتىم (56).
سۈرە زارىيات 57-ئايەت
مَا أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ
مەن ئۇلاردىن رىزىق كۈتمەيمەن، ئۇلارنىڭ مېنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنىمۇ كۈتمەيمەن (57).
سۈرە زارىيات 58-ئايەت
إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىك، بۈيۈك كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر (58).
سۈرە زارىيات 59-ئايەت
فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذَنُوبًا مِّثْلَ ذَنُوبِ أَصْحَابِهِمْ فَلَا يَسْتَعْجِلُونِ
شۈبھىسىزكى ئۇ زالىملارغىمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى زالىملارنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتتىن نېسۋىسى بولغاندەك نېسۋە بولىدۇ. ئۇلار (ئازاب - ئوقۇبەتكە) سېنى ئالدىراتمىسۇن (59).
سۈرە زارىيات 60-ئايەت
فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا مِن يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
كاپىرلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندىكى ھالىغا ۋاي!(60).
Flag Counter