ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ق ( قاف ) » ھەرپى بىلەن ئاتالغان.
مەزكۇر سۈرىدە ئىچىدە « ق » ھەرپى بولغان كەلىمىلەرنىڭ كۆپلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەردىن ساھابىلەرنىڭ بۇ سۈرىنى « قاف » ئىسمى بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇممى ھىشام رەسۇلۇللاھنىڭ « خۇتبىدە » مۆمىنلەرگە بۇ سۈرىنى پات - پات ئوقۇغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىلىرىدە قايتا - قايتا ئاڭلاپ يادا ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ( مۇسلىم ). يەنە ھەزرىتى ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر ھېيىت نامازلىرىدا بۇ سۈرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان ( مۇۋەتتا ۋە مۇسلىم ).
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندىن رىسالەتنىڭ 5 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. قەلەم، فەجر ۋە شەمس سۈرىسىدىن قالسا قىسسە بايان قىلىنغان 4 - سۈرە بولۇپ، ئالدىنقى سۈرىلەردىن ئۆزگىچە ھالدا نۇھ، رەس، لۇت ۋە تۈببە قوۋملىرىنىڭ قىسسەلىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر سۈرە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارىتا مەككە مۇشرىكلىرى مۆمىنلەرنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتقان، ئۇلارغا ھەر خىل ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزۈش ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇ قىسسەلەر ئارقىلىق ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرە مۇقەتتە-ئۈزۈك ھەرپلىرىدىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش باشقا سۈرىلەردىكىدەك ۋەھىي تىلغا ئېلىنغان ھالدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى ئايەتلىرىدىلا ئاخىرەت ھەققىدە توختالغان.
ئىسلام ئېتىقادى تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ( پەيغەمبەرلىك ) ۋە ئاخىرەت چۈشەنچىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش ئۆزگىچە سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى، يەر يۈزىدە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرىغا ئوخشاش ئاللاھ تەئالانىڭ بارلىقىغا ئىشەنسىمۇ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان نۇرغۇن كىشى بار بولۇپ، ئاخىرەتكە ئىشىنىپ تۇرۇپ ئاللاھ تەئالانى ئىنكار قىلىدىغانلار يوق. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاخىرەتنىڭ ئاللاھ تەئالادىن تېخىمۇ غەيب، ھېس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. مەۋجۇدىيەت غەيب نۇقتىسىدىن مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:
1. ئۆزى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن ئەسەرلىرىمۇ غەيب بولمىغان مەۋجۇدىيەت. ماددى ئالەمنىڭ ھەممىسى بۇ كاتىگورىيگە كىرىدۇ.
2. ئۆزى غەيب بولغان بولسىمۇ ئەسەرلىرى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان مەۋجۇدىيەت. ئاللاھ تەئالانىڭ زاتى غەيب، ئەسەرلىرى زاھىرى ( كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ) بولغانلىقتىن، ئاللاھ تەئالا بۇ كاتېگورىيەگە كىرىدۇ.
3. ئۆزى ۋە ئەسىرى غەيب بولغان مەۋجۇدىيەت. ئاخىرەت مانا بۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ. بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكە ئائىت ھېچقانداق بىر نەرسىنى كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئاللاھ تەئالاغا ئىشىنىشتىنمۇ قىيىن. قۇرئاندىكى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر بۇ ھەقىقەتنى ئىما قىلماقتا. چۈنكى، قۇرئان ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلىنىۋاتقان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھ تەئالاغا ئىشىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.
بۇ سۈرىدە باشتىن ئاخىر قايتىدىن تىرىلىش ۋە ھېساب كۈنى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدىغان بايانلار بېرىلگەن. سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدىكى ئايەتلەردە يەر ۋە ئاسمانغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
« ئۇلار ئاسماننى قانداق تۇرغۇزغانلىقىمىزغا، قانداق بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟ » ( 6 ).
« يەر يۈزىنى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تەۋرەنمەس تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق » ( 7 ).
« بۇلۇتتىن بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغۇ-بوستانلىقلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق » ( 9 - 10 ).
مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئەسلەتكەن ئايەتلەر خىتاب قىلىنغۇچىسىدىن نېمە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلماقتا:
« (بۇلارنى) ئاللاھقا يۈزلەنگۈچى ھەر بەندىگە ئاڭ مەنبەسى ۋە پەندى - نەسھەت (قىلدۇق) » ( 8 ).
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاخىرەتنىڭ بارلىقى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. بۇ سۇئالغىمۇ ۋەھىي مۇنداق جاۋاب بەرمەكتە:
« (ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردۇق. ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، (ئنسانلارنىڭ قايتا) تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر » ( 11 ).
ۋەھىي ناھايىتى ئاددىي بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىغا ئەسلەتمەكتە: « ھەر يىلى سەن شاھىت بولۇۋاتقان قىشنىڭ كەينىدىن كەلگەن جەننەت مىسالى باھار قايتىدىن تىرىلىشنىڭ تەبىئەتتىكى نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟ مىڭ يىلدىن بۇيان يېشىللىققا پۈركىنىپ باقمىغان قاقاس چۆل مۇۋاپىق شارائىتقا ئىگە بولغاندا بوستانلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ بۇلارنى كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قايتىدىن تىرىلىشنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسەن؟ بۇنى ئاللاھ ئۈچۈن قىيىن، قىلالمايدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ ئەگەر بۇنىڭغا قادىر ئەمەس دەپ ئويلاپ قالغان بولساڭ ئۇنداقتا خۇددى جىسمىڭغا ئوخشاش روھىڭغىمۇ تەۋە بولغان تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىنى رەت قىلىدىغان قانداق ئاساسىڭ بار؟ جىسمىڭ مەۋت ( ئۆلگەندە ) روھىڭنىڭمۇ مەۋت بولىدىغانلىقىغا دائىر قانداق ئەقەللىي بىر دەلىلىڭ بار؟ روھ رەببىگە قايتىپ ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىدۇ. بۇ خۇددى ئىگىسىگە كۆنگەن قۇشلار چاقىرىلغاندا ئىگىسىگە قايتىپ كەلگەنگە ئوخشايدۇ. رەببىڭ چاقىرغاندا روھلارمۇ ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ۋاپا قىلىدۇ ».
قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشنىڭ « ئۆزىدىن يىراق ئىلاھ » چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن مەشھۇر ئايەت مانا بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا:
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
« بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ نەپسىنىڭ نېمىنى ۋەسۋەسە قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز » ( 16 ).
ئاندىن قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئاخىرەت ئازابى تەسۋىرلەنگەن ( 19 - 30 ). ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىپ، ھېسابى بېرىلىدىغان بىر ھاياتنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلەرنى كۈتۈپ تۇرغان مۇكاپاتلار بايان قىلىنغان ( 31 - 35 ).
قۇرئاندا قەلب دېيىلگەندە ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلب نەزەردە تۇتۇلماقتا. ھېس - تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە مەركەزلىرىنى قۇرئان بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ. قۇرئاننىڭ قەلب ئارقىلىق ۋۇجۇدقا قان تارقىتىدىغان بىر ئورگاننى ئىما قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى يەنە بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا:
« بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەندى-نەسىھەت بار » ( 37 ).
يەنى ۋەھىي ئۆزىگە ئاكتىپ ۋە جانلىق ھالدا ئىشلەيدىغان بىر ئەقىل ۋە ۋىجدان تەلەپ قىلماقتا. ۋەھىي بۇلاردىن خالىي ھالدا ئالدىغا كەلگۈچىنى قەلبسىز ۋە ۋىجدانسىز دەپ قارىماقتا.
ئىنسان ئۆلۈمدىن قاچالمايدۇ. ئۇنداقتا ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن « ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر » ( 43 ). چۈنكى، « ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر » ( 44 ).
سۈرىدىكى ئاخىرقى خىتاب بىۋاستە ئاللاھ رەسۇلىغا ۋە ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە بولۇپ، مۇنداق دەيدۇ:
نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِجَبَّارٍ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآَنِ مَنْ يَخَافُ وَعِيدِ
« بىز ئۇ (كۇپپارلارنىڭ) لارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىمانغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن » ( 45 ).